گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 558|ئىنكاس: 1

100 نادىر كىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 18:06:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 558- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ئۇيغۇر كىتابچىلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 نادىر كىتاب

ئابدۇراخمان باقى

1.«ئوغۇزنامە»:1981-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2. «ئىككى تېكىن ھېكايىسى» :80-بەت بولۇپ،ھازىر پارىژدا ساقلانماقتا.
3.«ئالىپ ئەرتۇڭا داستانى».
4.«ئىدىقۇت مەھكىمە سۆزلۈكى». شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
5.«مايتىرى سىمىت» :1988-يىلى نەشىر قىلىنغان.(27پەردىلىك درامما)
6.«ئالتۇن يارۇق». سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان.بۇ ئەسەرمۇ نەشىر قىلىنغان.
7.«چاشتانى ئېلىگ بەگ داستانى».ئەسلى قوليازما 1914-يىلى تۇرپاندىن تېپىلغان .
8.«دەدە قۇرقۇت داستانى».سەككىزىنچى توققۇزىنىچى-ئەسىرلەردە قەلەمگە ئىلىنغان.(نۆۋەتتىكى «دەدە قۇرقۇت ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابچە شۇ كىتابقا ئاساسەن نەشىر قىلىنغان ).
9.«پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ۋە ئادىل پادىشاھ توغرىسىدا».فارابى ئاپتۇرلىقىدىكى بۇ كىتابمۇ نەشىر قىلىنغان.
10.«دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»….(بۇ ھەقتكى مەلۇماتلار بىزگە ئېنىق)
11.«قۇتادغۇبىلىگ » داستانى.
12.«ئەتەبەتۇل ھەقايىق». 14باپلىق بۇ داستان قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىلىرىدە ئەما شائىر ئەھمەد يۈكنەكى تەرىپىدىن يېزىلغان.بۇ ئەسەرمۇ نەشىر قىلىنغان.
13.«سۇرراھ» : (پارس تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى) بىر قىسىم كىتاب بولۇپ 670بەت . ئاپتۇرى:مۇھەممەد ئىبنى جامالىيە قارشى. تەئىللىق نۇسخىدا كۆچۆرۈلگەن.
14.«مۇھەببەتنامە»: خارەزىمى تەرىپىدىن 1353- يېزىلغان .11پارچە مەكتۇپ.
15.«خەزائىنۇل مەئانى ۋە خەمىسە»: (خەزائىنۇل مەئانى 80مىڭ 344 مىسرالىق 3130پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا <خەمىسە> ھەيراتۇل ئەبرار ،سەبىئەئى سەييار،پەرھات-شىرىن،لەيلى-مەجنۇن ۋە سەددى ئىسكەندەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان).
16.«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» :1499-يىلى نەۋائىي تەرىپىدىن يېزىلغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە پەلسەپىگە ئائىت ئەسەر.
17.«مەجالسۇن نەفائىس» (گۈزەللەر يىغىلىشى)1491- نەۋائىي تەرپىدىن يېزىلغان بىئوگىرافىك ئەسەر.
18.«ئۆگدۈلمىش ئوغلى جانى بەگنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى»:12-13-ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق تارىخچى ئەدىب جانى بەگ ئۆگدۈلمىش ئوغلىنىڭ تەرجىمھال خاراكتىرلىك رومانى.1260-يىلى يېزىلغان.
19.«بابۇرنامە»: 1483-يىلى تۇغۇلغان مەشھۇر شاھ بابۇر تەرىپىدىن يېزىلغان.
20.«قىسەسۇل ئەنبىيا»: نەسىردىن رابغۇزى تەرىپىدىن 1309-1310-يىللىرى ئەتراپىدا يېزىلغان.
21.«تارىخي رەشىد» :مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر تەرىپىدىن پارىس تىلدا 1541-1547-يىلىغىچە يېزىلغان.
22.«تەزكىرەئىي ئارسىلانخان» : 18-ئەسىردىكى تارىخچى ۋە شائىر قاسىمى تەرىپىدىن1799- يېزىلغان.2122مىسرالىق تارىخى داستان.
23.«چىڭگىزنامە»: 18-19-ئەسىرلەر ئارلىقىدا ياشىغان موللا مىرسالىھ قەشقەرە تەرىپىدىن يېزىلغان.(بۇ كىتابتا سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر مەلۇمات بار).
24.«مۇھەببەت داستانلىرى»: ئابدۇرېھىم نىزارى تەرىپىدىن 1837-1838-يىللىرى يېزىلغان.(رابىيە-سەئىدىن،ۋامۇق-ئۇزۇرا،پەرھات-شىرىن،لەيلى-مەجنۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
25.«كىتابى غىرىب» : غىرىبى تەرىپىدىن 1837-يىلى زوھۇردۇن ھاكىمبەگ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان.2150مىسرا،36ماۋزۇ،32خىل كەسىپ كىرگۈزۈلگەن.
26.تەۋارىخى مۇسقىيۇن:19-ئەسىردىكى خوتەنلىك مۇزىكىشۇناس،تارىخچى موللا ئىسمەتۇللا ئىبنى نىمەتۇللا (مۆجىزە)نىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئەسىرى.
27.تەزكىرەتۇل بۇغراخان: 19-ئەسىردىكى موللا ھاجىنىڭ ئەسىرى.ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسەردە ساتۇق بۇ غراخان،ھەسەن بۇ غرا،ئارسىلانخان…لارنىڭ ئىش-پائالىيتى تەزكىرى شەكىلدە يېزىلغان.
28.مۇھەببەتنامە ۋە مھنەتكام. ھىرقىتى(1634-1724)تەرىپىدىن يېزىلغان.
29.تارىخى رەشىد 1545-يىلى مىرزا ھەيدەر قەشقەرە تەرىپىدىن يېزىلغان.
30.غازات دەر مۇلكى چىن:موللا بىلال يۈسۈپ ئوغلى(نازىم) نىڭ 1867-يىلىدىكى ئېلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باش تېما قىلىپ يازغان شېئىرى داستانى.
31.تارىخى ئەلتەبەرى:12جىلىدلىق مەشھۇر ئەسەربولۇپ،ئەرەب ئالىمى تەبەرى تەرپىدىن يېزىلغان .(كىتابتا دۇنيانىڭ يارىلىشىدىن تارتىپ 915-يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەر سۆزلەنگەن)
32.ماقالات :19-ئەسىردىكى ئالىم،ئەدىب ئىمىر ھۆسيىن سەبۇرى تەرىپىدىن يېزىلغان 20باپلىق ئەسەر.
33.ئەمىر نەۋائىي: نىزارى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. بۇ كىتاب 127يىل مەدرىس دەرىسلىكى(1957-يىلىغىچە) قىلىنغان.
34.تەجەللى-مۇجەللى:تەجەللى (1865-1929) تەرىپىدن يېزىلغاب بولۇپ، مىللىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان.
35.تەزكىرەئى ئەزىزان(ئۇلۇغلار تەزكىرىسى):مۇھەممەد سادىق كاشغەرى تەرىپىدىن 1711-يىلى يېزىلغان بولۇپ،مەخدۇم ئەزەم، ئاپپاق غوجا ۋە ئەۋلادلىرى …يېزىلغان.
36.زۇبدەتۇل ماسائىل:مۇھەممەد سادىق كاشغەرى تەرىپىدىن 1840-يېزىلغان شەرىئەت قائىدىلىرى.
37.تەزكىرەئى بۇغراخان:موللا ھاجى تەرىپىدىن يېزىلغان.1988-يىلى نەشىر قىلىنغان.
38.تارىخى ئەمىر تۆمۈر:1256-يىلى، 504بەتلىك بولۇپ يېزىلغان.
39.تارىخى ۋەتەن ۋاقىئاتى خوتەن“مۇھەممەد ئابدۇللاھ ھاجىنىڭ ئەسىرى بولۇپ،خوتەن تارىخى(پەيدا بولشىمئىلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى ۋە چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئەھۋاللار… )يورىتىلغان.
40.يۈسۈپ-زۇلەيخا :ھىجىرىيە 1222-يىلى موللا يۈنۈس يەركەندى تەرىپىدىن يېزىلغان.ئا.جامىنىڭ داستانىغا تەقلىد قىلىنغان 72ماۋزۇدىن تەركىپ تاپقان.384بەت،9048مىسرالىق ئەسەر.
41.نورۇزنامە:مەۋلانى سەدىردىن قارىقاشى تەرىپىدىن 1354-يىلى يېزىلغان.
42.يۇلتۇزلار جەدىۋىلى:ئۇلۇغبەگ تەرىپىدىن يېزىلغان. لوندۇندا ئۈچ قېتىم (1650-1652-يىللىرى)نەشىر قىلىنغان.
43.ئەلجەبىر ۋە مۇققالات:خارەزىمنىڭ ئەسىرى بولۇپ،ھېساب ئىلمى،ئاستىرونوميىلىك يەر تەسۋىرى،يەھۇدىيلار تارىخى ۋە بايراملىرى>قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان.
44.شەجەرەئىي تەراكىمە(تۈركمەنلەر شەجەرىسى ) ئوبۇلغازى باھادىرخان تەرىپىدىن1337- يېزىلغان،1958-يىلى موسكۋادانەشىر قىلىنغان.
45.تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا.پەندىنامە:فەرىدىن ئەتتار(1145-1229) تەرىپىدىن يېزىلغان.
46.تارىخىي ئەمنىيە:موللا مۇسا سايرامى (1850-1915)نىڭ داڭلىق ئەسىرى.
47.تارىخى ھەمىدى: 1908-يىلى يېزىلغان.1860-يىىلاردىكى قوزغىلاڭ تەسۋىرلەنگەن.
48.لاداخ يولىدا كارۋان:ئەھمەە زىيائى (1913-1989)تەرىپىدىن يېزىلغان ساياھەت خاتىرسى.
49.كاسىپلار رىسالىسى:ئاپتۇرى نامەلۇم،چاغاتاي تىلىدا،تەئىللىق نۇسخىدا يېزىلغان.
50.ئون ئۈچ كىتاب:مەدرىس مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىنغان.(سەككىز كىتاب ئەرەبچە،كېيىنلىرى پارىسچە).
51.زەللى غەزەللىرى .133غەزەل،19 مۇخەممەستىن تەركىپ تاپقان.
52.ئەھمەد يەسەۋىي ھېكمەتلىرى.
53.شەرھى مەسنەۋى شەرف:ئىككى قىسىم 574-بەت،
54.مىشكاتۇل مەسابھ(چىراقچىلار تەزكىرىسى) ھەدىس كىتاب.
55.ئەمىر نەۋائىي (نەۋائي شېئىرلىرى) 160بەت،بىر قىسم.
56.بابۇرنامە:
57.نەفەھاتىل ئۇنىس (ھەممە پەسىللەر ).ئا.جامى يازغان.
58.دەستۇرۇل ئىلاج (كېسەللەر ئىلاجى).
59.فەۋائىدى ۋافىيە بىھەللى مۈشكۇلاتى(كافىيە ناملىق كىتابنىڭ قيىن جايلىرىنى يېشىش ئېھتىياجىدىن چىققۇچى)
60.كىتابۇر رەھمەتى(مېھىر-شەپقەت كىتابى)
61.كۇللىيانى جامى(جامى ئەسەرلىرى)
62.ئەخلاقى ھەمىدە(ياخشى ئەخلاق)
63.مەسنەۋى شېرىف. سوپىزىمنى كۈيلەپ يازغان ئەسەر.
64.ئىستىئات(مېتافۇرا) :1885-يىلى كۆچۈرۈلگەن.
65.مۇفىردات (تاق بەتلىك شېئىرلار ) ھۆسىنخەت ئۆرنەكلىرى
66.قارا بادىن قادىرى پارىس(قارا بادىن قادىرى ناملىق كىتابنىڭ پارىسچىسى).
67.شەجەرئي تۈرك .1663-يىلىغىچە بولغان ۋەقە بايان قىلىنغان.
68.تەزكىرەتىل ھېدايەت: نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان.
69.خەزانە ئەمىر.
70.زەبد تۇل ئەخپار (خەبەرلەرنىڭ مېغىزى).
71.پارىسچە-ئەرەبچە_چاغاتايچە لۇغەت.
72.دۇرۇلنىجات (نىجاتلىق ئۈنچىلىرى)
73.تارىخ پەرىشتە: ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىسلام شاھلىرى بايان قىلىنغان .
74.خۇلاسەتۇل ھېساب ھىجىرىيە(ھىجىرىيە كالېندارىغا ئائىت ھېسابلاشنى خۇلاسلاش )،
75. خۇلاسەتۇل ھېساب(ھېساب ئىلمى خۇلاسسى)
76.سىلىسىيە تىل كىتابى :19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى رەھىم بەختى تەرىپىدىن پارىس تىلىدا يېزىلغان.
77.تەقۋىم جەدىد (يېڭىچە كالېندار).
78.بەدىئۇل بەيان (گۈزەل بايان).
79.سۇلتاب قىرىمىش تەزكىرىسى :135-بەت.
80.ھىدايىتۇللا ئىشان ۋە خوجىلار تەزكىرىسى.
81.ئەسھابۇل كەھەف تەزكىرىسى.
82.كەششاپۇ ئېتىلا ھاتىل فۇنۇن(پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى)
83.شىفائىل قۇلۇب(يۈرەك داۋاسى).
84.تەرىقول ئىلاج تۈركى(ئىلاج قىلىش يوللىرى).
85.گۈللىيانى ئابدۇقادىر بىدىل:مۇشۇ كىشىنىڭ نەزمى ۋە نەسىرى ئەسەرلەر توپلىمى.
86.شەرھى سۇللام.
87.مۇتۇن (مەتىنلەر توپلىمى)
88.سىراجىيە (چىراغ)
89.ئەلمۇنجىدۇل كەبىدا(چوڭ لۇغەت)
90.قىياپەتۇلبەشىر (ئادەملەر )
91.شەرھى قىران (خوجا ھەسەن تەزكىرىسى) ئاپپاق خوجا ئوغلى -خوجا ھەسەن توغرىسىدىكى كىتاب.
92.مىزانى تىب ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى كىتاب.
93.جاۋاھىرۇل ئېتقاد(ئېتقاد جەۋھەرلىرى)
94.ئاپپاق خوجا تەزكىرىسى .
95.تەھسل ھېساب (ئاسان ھېسابلاش)
96.ئىلمى نەباتات زوئولوگىيە ئىلمى)
97.قامۇسۇل ئەئىلام:ئالتە توم،سەككىز قسىملىق 803-بەتلىك كىتاب.
98.مىفتائۇل ئەدەب(ئەدەبلەر ئاچقۇچى)
99.ھاياتۇل ھايۋان كۇبرا (جانلىقلار ھاياتى).
100.مەسنەۋى شېرىف.

مەنبە:ئەزىزە تورى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

20

تېما

1

دوست

989

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 13:53:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇكىتاپلاردىن مەندە 25 پارچىسى باركەن ،سىلەردەقانچىسىبار؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:48 , Processed in 0.171749 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش