گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 1672|ئىنكاس: 4

تارىختا قەبرىسى ئېچىلغان داڭلىق كىشىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

436

تېما

3

دوست

5689

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 18:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 1672- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


تارىختىكى قەبرىسى ئېچىلغان داڭلىق كىشىلەر

ئاپتور: ئولىف كىلونۋېر



    ئولىف كىلونۋېر ئەنگىلىيەلىك ھەربىي ئەمەلدار ۋە سىياسىي شەخس بولۇپ، 1658-يىلى قازا قىلغان ۋە دۆلەت دەپنە ئۇسۇلى بويىچە داڭلىق شىفمىر ئىبادەتخانىسىغا دەپنە قىلىنغان، جەسىتى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. خانلىق دەۋرى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى كولاپ ئېلىنىپ كاللىسى كېسىۋېتىلىپ، جەسىتى لوندۇن شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىكى بىر ئازگالغا تاشلىۋېتىلگەن، بۇ يەر ئەينى ۋاقىتتا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان جاي ئىدى.

    چارلىز چاپلىن

    دۇنياغا داڭلىك كومىدىيە ئاتىسى چارلىز چاپلىن 1977-يىلى روژدېستۋا بايرىمىدا شىۋېتسارىيەدە 88 يېشىدا ۋاپات بولغان ۋە ۋولىد ئىشتاتىغا دەپنە قىلىنغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن پولشا ۋە بۇلغارىيەدىن كەلگەن ئىككى قانۇنسىز كۆچمەن تەرىپىدىن جەسىتى ئوغۇرلاپ كېتىلگەن، 11 ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

    ئېۋا بىلون خانىم

    ئارگېنتىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بىلوننىڭ خانىمى ئېۋا بىلون قازا قىلغاندىن كېيىن ھەيۋەتلىك دەپنە قىلىنغان. 1950-يىلى، ئارگېنتىنادا ھەربىي ئىشلار ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققۇچىلار ئۇنىڭ جەسىتىنى مەخپى يۆتكەپ كەتكەن، 1957-يىلى ۋاتىكان دۆلىتىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ جەسىتى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ دەپنە قىلىنغان. 1971-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى بىلونغا قايتا دەپنە قىلىنغان.

    كىيۇرى خانىم

    كىيۇرى خانىم ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ جەسەت كۈلى 1995-يىلى فىرانسىيە پارىژدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا قايتا دەپنە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك تۆھپىسى تارتۇقلانغان. كىيۇرى خانىم پولشادا تۇغۇلغان بولۇپ، تارىختا بىرىنچى بولۇپ ئىككى تۈرلۈك نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1934-يىلى ئاق قان كېسەللىكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

    جېسسى جامىس

    ئامېرىكىدا سېسىق نامى پۇر كەتكەن قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى بولۇپ، 1882-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇمانلانغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 1955-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى كولاپ چىقىپ تەكشۈرۈپ جەسەتنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن.

                    كىرىستوف كولومبۇ

    1506-يىلى، كولومبۇ ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر ئاددىي مېھمانسارايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىدە ئۆزىنى ئۆزى بايقىغان ئامېرىكا قىتئەسى يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا دەپنە قىلىش تەلەپ قىلىنغان، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا قىتئەسىدە مۇۋاپىق چېركاۋ بولمىغانلىقتىن ئىسپانىيەنىڭ ۋالادولىد دېگەن يەرگە دەپنە قىلىنغان. كېيىن قايتىدىن ئىسپانىيە سېۋېلىيەدىكى بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان.

    ئېلزابىت سىدار

    ئەنگىلىيەلىك سەنئەتكار ۋە شائىر تادىن روسايدىنىڭ خانىمى ئېلزابىت سىدار 1862-يىلى ئەپيۇننى زىيادە كۆپ چەككەنلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، ئۇ دەپنە قىلىنغاندا روسايدىنىڭ بىر مۇنچە ئەسەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىنغان، كېيىن روسايدى ئاشۇ قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرماقچى بولغاندا قەبرىنى ئېچىپ ئۇ نەرسىلەرنى ئالغان.


گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

4

تېما

0

دوست

228

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 5Rank: 5

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 23:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە قەبرىسىز قالغان مەشھۇر كىشىلەر كۆپ مىكىن دەيمەن. بۇ ياخشى تېما ئىكەن.

20

تېما

1

دوست

989

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 15:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەبرىسىزقالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا........تاپقۇسى شۇ ئىزلىنى...............!!!

20

تېما

1

دوست

989

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 15:15:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەبرىسىزقالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا........تاپقۇسى شۇ ئىزلىنى...............!!!

4

تېما

0

دوست

146

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 18:37:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يۇرتۇمنىڭ ‹‹دولەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى نوقتىسى›› ھىساپلىنىدىغان ‹‹سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى›دا  قەبرىسى ئېچىلغان، ئېچىۋېلىۋاتقان تالاي جەسەتلەر بار. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلارئاساسەن قايتا دەپىن قىلىنماي، سۇڭەك- ئۇستىخانلىرى ساي- دالىدا تاشلىنىپ قالدى. يەنە ئەپسۇسكى، بۇ كىشىلەرنىڭ نام- ئەمەلى ئولىف كىلونۋېرنىڭ مۇنۇ ئەسىرىگە مەڭگۈ كىرگۈزۈلمەيدۇ.
يەنە بىر نۆرى ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز قەبرە قازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭسامپۇلدا كىمنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ، كىمنىڭ جەسىتىنى ئورنىدىن يۆتكىۋاتقانلىقى بىلەن قىلچە ھېساپلاشمايۋاتىدۇ.
شۇندىمۇ قەبرە قازغۇچىلارنىڭ  ئېسىدە بولسۇنكى: سىلەرنىڭ نىمە مەقسىتىڭلارنىڭ بارلىقى ماڭا ئايان!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:57 , Processed in 0.187207 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش