«تەكلىپلىك يازغۇچى»لىرىمىز ھەققىدە بىلدۈرگۈ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،«گۇما دىيارى»مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!ھەممىڭلارنىڭ مۇنبىرىمىزنى قوللاپ،دائىم زىيارەت قىلىپ، تېما، ئىنكاس يوللاپ كېلىۋاتقىنىڭلارغا تەشەككۇرلەر بولسۇن!
مۇنبىرىمىز قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئەزالىرىمىز كۈنسايىن كۆپىيىپ،تەرەققى قىلىپ 1800 دىن ئاشتى. بىز مۇنبەرنىڭ مۇشۇنداق تىز يۈكسىلىۋاتقان تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ بىر قىسىم قەلىمى پىشقان،مۇنبىرىمىزنى دائىملىق زىيارەت ئوبىكتى قىلغان،قەرەرلىك تېما، ئىنكاس يوللاپ كەلگەن،ئىشەنچىلىك ئەزالاردىن تاللاپ 15 نەپەر ئەزانى«گۇما دىيارى» مۇنبىرىنىڭ «تەكلىپلىك يازغۇچى» لىقىغا تەكلىپ قىلىپ،ئۇلارنىڭ يوللىغان تېما،ئىنكاسلىرى تەسدىقلانمايدىغان،يوشۇرۇن مەزمۇنلارنى ھەقسىز كۆرەلەيدىغان...قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشقا ئۆستۈرگەن ئىدۇق.ئۇلار بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن مۇتلەق كۆپ قىسىم تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ھەقىقى تۈردە ئاكتىپ ئادا قىلىپ مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز مۇنبەرگە كەلمەيدىغان كەلسىمۇ تېما،ئىنكاس يوللىمايدىغان،يىغىپ ئېيىتقاندا پائالىيىتى يوقنىڭ ئورنىدا بولىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالغا ئاساسەن مۇنبىرىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتىش ئارقىلىق بۈگۈن 25-يانۋار 6 نەپەر«تەكلىپلىك يازغۇچى»(ئىسمى ئاتالمىدى) نىڭ تەكلىپلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ«تىرىشچان ئەزا، رەسمىي ئەزا» قاتارىغا قوشتى. شۇڭا ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىلگەن ئەزالىرىمىز مۇنبىرىمىزنىڭ مەقسىدىنى توغرا چۈشىنىشنى سورايمىز.
بۇنىڭدىن كېيىن مۇنبىرىمىزنىڭ «تەكلىپلىك يازغۇچى»،«تەكلىپلىك ئەزا»لىقىغا ئەزا تەيىنلەشتە ئەزالار ئىلتىماس قىلىش،مۇنبەر باشقۇرۇش ھەيئېتى قاراپ چىقىش تۈزىمى يۈرگۈزىلىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى«گۇما دىيارى»مۇنبىرىنىڭ يۇقىرىدىكى ۋەزىپىلىرىگە مۇۋاپىق كېلىمەن دەپ قارىغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئىلتىماس قىلىشتا مۇنبەر يۈزىدە بىۋاستە ئىلتىماس قىلسىمۇ ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئۇچۇرلاشسىمۇ بولىدۇ.
ئالاھىدە بىلدۈرۈلدى.
گۇما دىيارى مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى |