چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 4888|ئىنكاس: 23

تۈركزات:ۋاي ئىسىت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
way isit.jpg

جىن چىراقنى ئاي بىلىپ يۈرگەن نادانمەن ۋاي ئىسىت!
جىگدىنى كەمپۈت بىلىپ شۈمگەن نادانمەن ۋاي ئىسىت!

كۆزگە تاشلانسا ئەگەر چوغ كۈل-كۆمۈر ئىچرە«ئوھۇي!
ئۇچرىدى ئالتۇن»دىبان كۈلگەن نادانمەن ۋاي ئىسىت!

قارچۇقۇمدىن نۇر بېرىپ،پەرۋىش قىلىپ مېھرىم بىلەن،
سۈنئى گۈلدىن خۇش پۇراق كۈتكەن نادانمەن ۋاي ئىسىت!

«بۇ گۈزەل بولمايدۇ ئاش»دەپ دوستلرىم تەنبىھلىسە،
كۆڭلىنى ئەيلەپ تالاق،ئۆتكەن نادانمەن ۋاي ئىسىت!

ناز-كەرەشمە ئەپسۇنىدا مەست بولۇپ ،مەستان بولۇپ،
«دەرد،پۇشايمان»دىن تونى پۈتكەن نادانمەن ۋاي ئىسىت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-1 18:00  




چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-12-1 23:35:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئىسىت،
ئەجەپ ئىش بوپتىكەن.
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا.


ۋاقتى: 2012-12-2 00:34:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىققان مىسرالارنى كۆرسەم ياندىشىپ باققۇم كىلىدۇ. ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.

كىم سېنى جىنچىراقنى ئاي بىلىپ يۈرسۇن دېدى؟.
جىگدىنى كەمپۈت بىلىپ تامشىتىپ، شۈمسۇن دېدى؟.

دەقىقە  نۇر تارقىتىپ كۆيسە گاھى زەررىچە چوغ،
پاقىرىغاننىڭ ھەممىنى ئالتۇن بىلىپ كۈلسۇن دېدى؟.

باغلىرىڭدا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرسا ئۆز گۈلۈڭ،
ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدا سۇلياۋ گۈل ئۈزسۇن دىدى؟.

‹‹سۇلياۋ گۈلدە ئۆز پۇراق بولمايدۇ›› دېسە دوستلۇرۇڭ،
ياخشى گەپ كىرمەي قۇلاققا پەيلىنى بۇزسۇن دېدى؟.

مەئىشەت سرتماقىنى بوينۇڭغا سالسا تۇيمايىن،
نازىدىن مەستخۇشلىنىپ ئەگىشىپ يۈرسۇن دېدى؟.



ۋاقتى: 2012-12-2 01:22:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئىرنى 20يىل ئالدىدا ئۆرۇمچى كەچلىك گېزىتىدە كۆرگەن ئىدىم .شۇ چاغلاردا ئالدىنىپ بوپتىكەنسىز-دە،يەنە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن.


ۋاقتى: 2012-12-2 09:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆكۈنۈشمۇ خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنىشكە تېگىشلىك بىشارەت! تۇركىزاتنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن!


ۋاقتى: 2012-12-2 18:38:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەلنى ئەينى ۋاقتىدا ياقتۇرۇپ قالغانلىقىمدىن تەخمىس باغلىغان ئىدىم.ھازىر يوللاپ قوياي دېسەم بەزى پىشمىغان مىسرالار باردەك قىلىدۇ.تۈزىتەلىسەم مۇنبەرگە يوللاپ قويارمەن.
تۈركزاتنىڭ ئەزەلدىن قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك،ئاشۇ ماھارىتى بىلەن ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!


ۋاقتى: 2012-12-2 18:53:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئارۇز ۋەزنىگە ئىشتىياق باغلىغانلىقىم ئۈچۈن، مانا مۇشۇنداق نادىر يازمىلارنى كۆرۈپ بىردىن ئىلھام كۈچىگە تولۇپ قالىمەن. تۇركزات ئاكىمىزنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت يار بولسۇن...!


ۋاقتى: 2012-12-2 20:19:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە جىنچىراق مۇ ياخشى ،بەزىدە  جىگدە ياخشى ،ئۆتكەن كۇنلەرنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك !
چاخچاق خاپا
بولماڭ ،ياخشىكەن ! بىزنى ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسز !


ۋاقتى: 2012-12-3 00:49:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادىرىم تۈركىزاتنىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ خىلى ئۇزۇن زامانلاردا قايسى بىر گىزىتكە ئىلان قىلىنغان يامان بولىدۇ دىگەن بىر شىئىرى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.

پۇلىڭىز بولسا مەكتەپكە بىرىڭ،
مەسچىت سالسىڭىز يامان بولىدۇ.

قالغانلىرىنى تازا ئىسىمگە ئالالمىدىم، مومكىن بولسا مۇنبەرگە قايتا يوللاپ قويغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن.


ۋاقتى: 2012-12-3 21:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر يازمىڭىزدىن ئىلھام ئالدىم، نادىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!


ۋاقتى: 2012-12-6 21:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياللىقىمىزدا، ئەتراپىمىزدا، كەچمىشلىرىمىزدە ‹ۋاي ئىسىت،› لەر بەكمۇ كۆپ بىزشۇلاردىن ئىبرەت ئالالىساق
ۋاي ئىسىت، دىمەيمىز. ئەگەردە ئىبرەت ئالمايدىكەنمىز بىر ئۆمۈر ۋاي ئىسىت،دەپ ئۆتىمىز.
تۈرۈكزات ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق ئىبرەتلىك يازمىلىرىدىن كۆپرەك بەھىرلەنسەك.


ۋاقتى: 2012-12-29 21:48:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك يھخشى چىقانكەن قولىڭىزگە دەرت كەلمىگەي


ۋاقتى: 2012-12-30 23:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەتمۇ  ئەجەب كەلتۈرۈپتۇ ھە!


ۋاقتى: 2013-1-20 18:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بالدۇراق ،نىمىشقا كورمىگەندىمەن ۋاي ئىسىت.
ھاھ ھاھ ........ھەجەپ كەلمەيدىيا بۇ ئىلھام. تۇركىزات ئاكىمىزنىڭ قەلەم تۇلپارى ھارمىغاي.


ۋاقتى: 2013-1-22 00:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يورىغى يوق چىراقتىن چىن چىراقمۇ ياخشىدى بولمىسا.............تۇركىزات قىرىندىشىم ئىجات تۇلپارلىرىنىڭىزھارمىغاي1


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-6-20 00:50 , Processed in 0.248653 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش