مۇكاپاتلىق تېما قوبۇل قىلىش توغرىسىدا بىلدۈرگۈ
«گۇما دىيارى»مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇكاپاتلىق تېما قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش قارار قىلىندى.
پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى :
1-پائالىيەتنىڭ ۋاقتى:
تېما قوبۇل قىلىش ۋاقتى:2012- يىلى 10-ئاينىڭ 15- كۇنىدىن12-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ. 2013-يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ.
2-مۇكاپات تۈرى:
ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.
مۇكاپات دەرىجە ۋە سوممىسى:
1- دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى نەپەر. 64 (GB)لىق بارماق دىسكا(بىر دانە).
2-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى نەپەر. 32 (GB)لىق بارماق دىسكا(بىر دانە)
3-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر. 16 (GB)لىق بارماق دىسكا(بىر دانە)
4-رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى ئىككى نەپەر.ئۈچ پارچە رومان ياكى بىلقۇت شىركىتى نەشىر قىلغان«Photoshop ئۆگىتىش دەرسلىكى»(بىر تۈرنى تاللايدۇ) مۇكاپات بۇيۇمىنىڭ ئەمەلىيىتىنى يادىكار سودا سارىيى دىن كۆرگەيسىزلەر
3-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان تېمىلار:
(1) شېئىر،ھىكايە، نەسىر،پوۋىسىت، ئوبزۇر، ئۇچرىك، ئەدەبى خاتىرە(ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىتوت-كۈلدۈرگىلەر(مەتبۇئات ۋە باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك).
(2) دىسكاز ئۇسلۇبلىرى،دىسكاز قىستۇرمىلىرى،قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار،دىسكاز 2.0،2.5 ھەققىدىكى دەرسلەر.(ئۇيغۇرچە)
(3) ئىجادى بەدئىي فىلىملەر
4-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان تېمىلارغا قويىلىدىغان تەلەپ:
(1)پائالىيەتكە مەزمۇنى ساغلام،بەدىئىيلىكى يۇقىرى،يېڭىلىق يارىتىلغان تېمىلار قاتناشتۇرلىدۇ.
(2) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىگە مۇخالىپ مەزمۇندىكى ئەسەر ۋە تېمىلار قاتتىق چەكلىنىدۇ.
5-تېما باھالاش شەكلى
تېما باھالاشقا نۇرقۇت تورى،روھلان مۇنبىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئەدىب ۋە بىلىمدانلار تەكلىپ قىلىنىدۇ.
6-مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش شەكلى:
پوچتا يوللانمىسىنى ئاساس قىلىدۇ.مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ۋە ئالاقىدار ئىشلارغا قولاي بولۇش ئۈچۈن ئاپتۇرلار تېما يوللىغاندا ئىمكان بار ھەقىقى ئىسمى ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىنىق يېزىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
7-تېما ئېلان قىلىش ئورنى:
تېمىلار «گۇما دىيارى» مۇنبىرىنىڭ «مۇكاپاتلىق تېمىلار سەھىپىسى»گە يوللىنىشى لازىم.باشقا سەھىپىگە يوللانغان تېمىلار ماكاپات دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان«يادىكار سودا سارىيى»غا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
http://yadikar.taobao.com
8-«گۇما دىيارى»مۇنبىرىگە كىرىش ئادرېسلىرى مۇنۇلار:
www.gumadiyari.com
www.gumadiyari.cn
www.gumadiyari.net
www.xjizlar.com
يۇقىرىدىكى ئادرېسنىڭ خالىغان بىرىدە كىرىپ تېما يوللىسا بولىدۇ.
مۇنبىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئەزالىرى ۋە يېڭى ئەزالىرىنىڭ قىزغىن پۇزۇتسىيە تۇتىشىنى سورايمىز.
ئالاھىدە بىلدۈرگە چىقىرىلدى.
تەشەببۇسنامە: ھەرقايسى مۇنبەر ئاتامانلىرىنىڭ بۇ بىلدۈرگىمىزنى مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«گۇما دىيارى» مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
|