ئىزچىلار بلوگى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ھەممە كىشنىڭ مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا، بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى يازمىنى ئۆچۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە يۇقارقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى بىردەك قارشى تۇرىدۇ ۋە توسىدۇ،

  • 2012-01-10

    BIOS تىن چىققان ئاۋازغا ئاساسەن، قاتتىق دىتاللاردىكى كاشىلار - [كومپيۇتېر تېخنىكىسى]

    BIOS  تىن چىققان ئاۋازغا ئاساسەن، قاتتىق دىتاللاردىكى كاشىلارنى بىلىش


    AMI تۈرىدىكى BIOS لار:
    بىر قىسقا: ئىچكى ساقلىغۇچنى تازىلاشتا مەسىلە كۆرۈلدى. (ئاساسەن نورمال، قايتا قوزغاتسىلا بولىدۇ.)
    تۆت قىسقا: سىستىما ۋاقتى توغرا ئەمەس. (ھەر قىتىم قايتا قوزغاتسا بىر قىتىم سائەت ئۆزگىرىۋالىدىغان مەسىلە شۇ. BIOS نى باتارىيېسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.)
    بەش قىسقا: مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتا مەسىلە بار. (ئاجىرتىپ قايتا سالسا ئوڭشىلىدۇ.)
    بىر ئۇزۇن، ئۈچ قىسقا: ئىچكى ساقلىغۇچتا مەسىلە بار، ئالماشتۇرۇڭ.
    بىر ئۇزۇن، سەككىز قىسقا: كۆرسىتىش كارتىسى ياكى ئۇچۇر سىمى ياخشى سىلىنمىغان. چىڭىتىڭ.

    AWARD تىپلىق BIOS لار:
    بىر قىسقا: ھەر قايسى بۆلەكلەر ئىنتايىن نورمال.
    ئىككى قىسقا: چوڭ چاتاق يوق. CMOS پارامىتېرلىرىنى قايتا تەڭشەڭ. (ئەسلىگە كەلتۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ. )
    بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا: ئىچكى ساقلىغۇچ ياكى ئاساسى تاختا تازا نورمال ئەمەس. (ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ. يەنە بولمىسا كارىڭىز بولمىسۇن.)
    بىر ئۇزۇن، ئىككى قىسقا: ئىكران سىمى ۋە كۆرسىتىش كارتىسىنى ئاجىرتىپ قايتا سىلىڭ.
    بىر ئۇزۇن، ئۈچ قىسقا: كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاجىرتىپ سىمنىڭ بىشىغا بىر قاراڭە، چوقۇم بىرەر تال يىڭنە ئىگىلىپ كەتتى.
    توختىماي سىگىنال (بەش سىكۇنىت ئەتراپىدا): كۆرسېتىش كارتىسى، ئاساسى تاختىغا ئۇلانغان توك مەنبەسى، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ قاتارلىقلارنى چىڭىتىڭ ياكى قايتا سىلىڭ.
    توختىماي ئۇزۇن: ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىلىپ قايتا سىلىڭ، بولمىسا ئالماشتۇرۇڭ.
    قايتا- قايتا، ئۈزۈپ- ئۈزۈپ: توكتا مەسىلە بار. ئاساسى تاختىغا كەلگەن توك بىسىمى نورمال ئەمەس.
    ئاساسى ئاپپاراتتىكى چىراقلار، ئىكراننىڭ چىرىقى يورۇق لىكىن ئىكراندا ھىچقانداق ئۇچۇر يوق، ئاۋازمۇ چىقمىغان: %95 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتىن، %5 ئاساسى تاختىغا كەلگەن توك مەنبەسىدىن.
    POENIX تىپلىق BIOS نىڭ AWARD تىپلىق BIOS بىلەن ئاساسەن ئوخشاش
     

     

    分享到:

ئىزچىلار بلوگى سىزنى تولۇق ۋە تولۇقسىزنىڭ تەبىئىي پەن دەرس تەييارلىقى ، دەرسلىك دېتالى ۋە باشقا دەرسلىك ماتىريالى بىلەن ھەقسىز تۈردە ئۈزلۈكسىز تەمنلەيدۇ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق