-
2011-10-19
win7 غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ئۇسۇلى - [كومپيۇتېر تېخنىكىسى]
win7 غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ئۇسۇلى
win7 نىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ باركەن دەپلا شۇنى ئىشلەتكەن قىرىنداشلار ھىس قىلغانسىز، خەتلەرنىڭ كۆرۈنىشى غەلىتە، ئانچە چىرايلىق ئەمەس، ھەم خەتلەر ئۇلانماي تازا جىلى قىلدۇ، شۇڭا تەۋسىيەم مىنىڭ بۇ يازمامدەك قىلىپ كۆرۈپ بىقىڭ!
1. سىز ھىچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىماڭ، قاچىلىغان بولسىڭىز يۇيىۋىتىڭ!
2. ئاندىن كومپىيۇتۇرغا ukij tuz tom غا ئوخشاش ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاڭ!
3. ئۈستەل يۈزى ئوڭ ئاستى تەرەپتىن ياكى 控制面板 دىن 区域和语言نى چىققان رامكىدىن 键盘和语言نى تاللاپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى 更改键盘 دىگەننى چىكىش ئارقىلىق 文本服务和输入语言كۆزنىكىنى ئىچىڭ!
4. بۇ كۆزنەكتىن 添加 نى چىكىڭ!
5. ئىچىلغان كۆزنەكنىڭ ئىچىدىن 阿拉伯语(沙特阿拉伯) دىگەننىڭ ئالدىدىكى + بەلگىسىنى چىكىڭ ئاندىن 键盘 نىڭ ئالدىدىكىنىمۇ چىكىپ ئىچىڭ. قارىسىڭىز ئەرەب تىلى 1 ، ئەرەب تىلى 2 دېگەندەك تاللاش تۈرلىرى بار . بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن . ئەڭ ئاستىدىكى 显示更多دىگەننىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇڭ.
6. قارىسىڭىز نۇرغۇنلىغان تىللار چىقىدۇ. بۇنىڭدىن 维吾尔语دىگەننى تىپىپ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇپ مۇقۇملاشتۇرۇپلا چىكىنسىڭىز ئاندىن خەت يازغاندا خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى توغۇرلاپ، كىرگۈزگۈچكە ئەرەب تىلىنى تاللاپ خەت يازسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەگەر خەت چىرايلىق چىقمىسا ئەنسىرەپ كەتمەي خەتنى يىزىپ بولۇپ ئاندىن خەتنى تاللاپ ئۈستىدىن خەت نۇسخىسىنى توغىرلىسىڭىزلا بولىدۇ.مەنبە : ئەلقۇت تورى