ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

«قارلۇق» شىركىتى ئۇيغۇر ئىستېمالچىلار بىلەن «ئالما» مەھسۇلاتلىرى ئارىسىغا «كۆۋرۈك» سالدى   <<<

دىيارىمىز

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 326   يوللانغان ۋاقتى:     2011-12-10     بېسىپ چىقىرىش

 


 

ئايفون يانفونىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تىزىملىكىنىڭ كۆرۈنۈشى(سۈرەتنى «قارلۇق» شىركىتى تەمىنلىگەن)

شىنجاڭ «قارلۇق» مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى iPhone يان تېلېفونى بىلەن iPad تاختا كومپيۇتېرىنىڭ سىستېمىسى ئۈستىدىكى بىر تۈركۈم قوللىنىش يۇمشاق دېتاللىرىنى ياساپ چىقتى، بۇ يۇمشاق دېتاللار ئەمەلىي قوللىنىلىش باسقۇچىغا كىرسە، ئۇيغۇر ئىستېمالچىلار ئامېرىكا «ئالما» شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا مودا بولۇۋاتقان يۇقىرىقى ئىككى مەھسۇلاتىنى تامامەن ئانا يېزىقىدا بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ.

«قارلۇق» مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى تۈر دېرىكتورى ئابلەت ئابلا 5-نويابىر ماڭا: iPhone بىلەن iPadتە ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت ۋە باشقا بىر قىسىم قوللىنىش يۇمشاق دېتاللىرىنى پۈتتۈرۈپ بولدۇق، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دېتاللار كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن، ھازىر «قارلۇق» شىركىتى ئامېرىكا «ئالما» شىركىتى بىلەن iPhone ۋە iPad تە ئىشلىتىلىۋاتقان iOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشنى قوللاش ئېغىزى ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋېتىپتۇ.

ئۇقۇشۇمچە، «قارلۇق» شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشنى قوللاش تىل تىزىملىكى 2008-يىلى 6-ئايدا  Mac OS 10.6 Snow Leopard نىڭ تەتقىقاتچىلار سىناق نەشىرىنىڭ 2-نۇسخىسىغا قوشۇلۇپ ئىچكى قىسىمدا سىناشقا تارقىتىلغان. 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشنى قوللاش تىل تىزىملىكى قوشۇلغان Mac OS X 10.6 Snow Leopard رەسمىي تارقىتىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان، «ئالما» كومپيۇتېرلىرىغا زاۋۇتتىلا ئۇيغۇرچە تىل تىزىملىكى قاچىلىنىپ چىقىدىغان، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ياكى پروگراممېرلار ھېچقانداق قوشۇمچە دېتالنىڭ ياردىمىگە تايانمايلا بۇنداق كومپيۇتېرنىڭ سىستېما تىزىملىكلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىۋالالايدىغان، بۇ سىستېمىنىڭ ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان بولغان ئىدى. ئابلەت ئابلا يەنە ھازىرقى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قوراللىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر يېزىقىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنى قوشۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. (  ئابلېلىم ئېزىز)

http://www.nur.cn/html/news/13918.shtml

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

بېكەتلەر تورى
subihi.cn
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号