ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى تۈركىيەنىڭ پاراخوت ۋەقەسى ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلدى   <<<

خەۋەرلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 223   يوللانغان ۋاقتى:     2011-9-14     بېسىپ چىقىرىش

 


شىنخۇا ئاگېنتلىقى،يېرۇسالىم،4-سېنتەبىر تېلىگىراممىسى:

 

ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە كىرزىسى يېقىندا داۋاملىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ تۈنۈگۈن بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى تۈركىيەنىڭ گازاغا ياردەم بەرگۈچى پاراخوتى ۋەقەسىدىن تۈركىيەدىن ئەپۇ سورىمايمىز. بىراق ئۇ ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تالاش-تارتىشىنى ئامال بار ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىتانىياخۇ شۇ كۈنى كابىنېت يىغىنىنى ئىچىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، خەلقنى ۋە يۇرت ماكانىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
2010-يىلى 5-ئايدا، ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئوچۇق دېڭىزدا گازا رايونىغا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئىلىپ كېتىۋاتقان تۈركىيەنىڭ بىر پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىپ، پاراخوتتىكى تۈركىيەلىك 8 كىشىنىڭ ۋە ئامېرىكىلىق بىر تۈرۈكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئۇندىن باشقا ئون نەچچە كىشىنى يارىلاندۇرغان. بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. تۈركىيە ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئەپۇ سورىشىنى ۋە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

/ulhnar.com
بېكەتلەر تورى
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号