ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم چەتئەل سەھنىسىدە   <<<

خەۋەرلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 720   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-14     بېسىپ چىقىرىش

 

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى سەنئەتكارلىرىمىز چەتئەللەردىكى شىنجاڭلىق

ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش كېچىلىكى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ

 


ئەل سۆيگەن ناخشىچى،پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم  10-نويابىر ياپونىيە ئوساكادا ناخشا ئورۇنلىماقتا

 

ئەلكۈيى تورى 12-نويابىر ياپونىيەدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى:-شىنجاڭ-چەتئەل مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە شىنجاڭ موقام ئانسامبىلىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەل سۆيگەن ناخشىچى،ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكى بىر قىسىم داڭلىق ئارتىسلاردىن تەشكىللەنگەن ئويۇن قويۇش ئۆمىكى چەتئەللەردە ئوقىۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش،ئايەملىك سالام يوللاش شۇنداقلا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش مەقسىتىدە 9-نويابىر كەچ ئۈرۈمچىدىن چەتئەلدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە قاراپ سەپەرگە ئاتلاندى.

ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئېگىلىشىچە ،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى بۇ سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن بىرگە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىرگە ماڭغان بولۇپ،ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ياپونىيە،تۈركىيە،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى(دۇبەي) قاتارلىق جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەمئىي 12 كۈن ئەتراپىدا ئويۇن قويىدىكەن.

 


ئەل سۆيگەن ناخشىچى،پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم  10-نويابىر ياپونىيە ئوساكادا ناخشا ئورۇنلىماقتا

 

10-نويابىر سەنئەتكارلىرىمىز ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىگە يىتىپ كىلىپ تۇنجى مەيدان ھال سوراش،ياردەم بىرىش ۋە ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئاساس قىلغان كېچىلىكىنى ئورۇنلىدى.ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئامانگۈل سىدىق،گۈزەلنۇر قۇربان،مۇھەممەدتۇرسۇن..قاتارلىق 15كە يېقىن سەنئەتكارىمىز ئوساكادا قويغان ئويۇنى شۇ جايدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ياپونىيەنىڭ خەلقىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى ياپونىيىدە ئورۇنلانغان ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى جۇڭگو-چەتئەل مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش جەمىئيىتى ۋە جۇڭگو-شىنجاڭ-چەتئەل مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىگەن بولۇپ، 2سائەتكە سوزۇلغان سەنئەت كېچىلىكىدە، ۋەكىللەر ئۆمىگىدىكى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى 15نەپەر سەنئەتكار ياپونىيىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ نادىر نومۇرلاردىن 16نى ئورۇنلاپ بەرگەن. سەھنىدە ئۇيغۇلارنىڭ ئۆزگىچە مىللىي خاسلىققا ئىگە نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ بىرى بولغان "نازىركوم" باشلىنىش بىلەن پۈتۈن سورۇن ۋە نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كەيپىياتى باشقىچە بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، ئۈزۈلمەي ئۇرۇلۇۋاتقان چاۋاكلار ۋە قىزغىن ئالقىشلاردىن شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسۇلىنى ياخىشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.

"مەن يىراق يات بىر دۆلەتتە تۇرۇپ يۇرتۇمنىڭ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرەلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ۋەتىنىمىزنىڭ بولۇپمۇ يۇرتۇمنىڭ نادىر ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمدى."

  10-نويابىر كۈنى كەچتە، ياپۇنىيە ئوساكا شەھىرى شەرق دېنچۇەن مەدىنيەت مەركىزىدە جۇڭگو شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئورۇنلىغان نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، جۇڭگو شىنجاڭدىن بولغان ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدىرېشىت ئۆز ھاياجىنىنى بېسىۋالالمىغان ھالىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، ياپۇنىيە ئوساكا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقوغۇچىلار شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئورۇنلىغان ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى بىرلىكتە كۆردى.

   ياپۇنىيە بېنشېنكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ-خوتەنلىك ئوقۇغۇچى گۈلجاھان ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: <<بۇ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم، بۇ كىشىگە بىر خىل ئىللىقلىق بىرەتتى، بۇ بىزنىڭ چەتئەلدە ئوقوغان3يىلدىن بىرى تۈنجى قېتىم يۇرتىمىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇلىنى كۆرىشىمىز، بىزمۇ يۇرتىمىزنى بەكلا سېغىندۇق، قايىتىپ بارغاندىن كېيىن يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشنى ئويلايمىز.>>


ئامانگۈل سىدىق  10-نويابىر ياپونىيە ئوساكادا ئوسۇل ئوينىماقتا

 


ئارتىسلار سەھنىدە

 

جۇڭگو-شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىگىنىڭ ھال سوراش ئويۇنى ئوخشاشلا ياپۇنىيە ئوساكا شەھىرىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغىدى ۋە ئۇلارنى جەلپ قىلدى. مۇخبىرلار تېلىكامىرا ئارقىلىق، ھەر بىر نادىر كۆرنۈش ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئۈزۈلدۇرمەي سۈرەتكە ئالاتتى.

 ئوساكا شەھىرى" شەرق مۇھاجىرلىرى گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى ئەمدىلا يېڭىدىن ئۈگەنگەن جۇڭگو تىلىدا دۇدۇقلىغىنىچە: "نومۇرلار بەكلا ياخشىكەن، ھەقىقەتەن قالتىسكەن!!"دېدى.

نۆۋەتتە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى بۇ ئويۇن قويۇش ئۆمىكىدىكى سەنئەتكارلىرىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر داۋاملىق ھالدا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئويۇن ياپونىيە ، تۈركىيە،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى(دۇبەي) قاتارلىق جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەمئىي 12 كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن.

چەتئەللەردە ئوقىۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە قېرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ توتىشىنى ،ياخشى ئىشقا قەدەم ئېلىپ يولغا چىققان بۇ ئارتىسلىرىمىزنىڭ پائالىيتىنىڭ تېخىمۇ رەڭدارلىق ئىچىدە داۋام ئىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

 


مەنبەسى :

ئەلكۈيى تورى
 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

بېكەتلەر تورى
subihi.cn
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号