ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى خىروكازۇ ناكاۋما تۈنۈگۈن يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دىپلوماتىيە ۋەزىرى كوئوچىرو جىنتا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنىڭ فۇتىما ھەربىي بازىسىنى ئوكىناۋا ناھىيەسىدىن يۆتكىۋېتىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، خىروكازۇ ناكاۋما كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېگەن: فۇتىما ھەربىي بازىسىنى ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ ناكو شەھىرىگە يۆتكەش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، فۇكىما ھەربىي بازىسىنى ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ سىرتىغا يۆتكەش بۇ مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ تېز ھەل بولۇشىغا پايدىلىق.
باشقا خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شۇكۈنى ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مۇداپىئە ۋەزىرى ياسۇئو ئىچىكاۋا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رۇس بىلەن كۆرۈشكەن. رۇس فۇتىما ھەربىي بازىسى يۆتكەش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. ياسۇئو ئىچىكاۋا مۇنداق دېگەن: بىز ئوكىناۋا ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ فۇتىما ھەربىي بازىسىنى يۆتكەش مەسىلىسىنى چۈشىنىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.
ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا فۇتىما ھەربىي بازىسىنى ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ ناكو شەھىرىگە يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.