ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

تىلنىڭ كۈلتۈر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى   <<<

ئەسەرلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 170   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-14     بېسىپ چىقىرىش

 

دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق

خۇلاسە
تىل ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى قولايلاشتۇرىدىغان بىر ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇش بىلەن بىرگە كۈلتۈر جەھەتتىن، ئۇنىڭ ساقلىنىدىغان خەزىنىسى ۋە كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزگۈچىسى. كۈلتۈر، مۇئەييەن بىر گۇرۇپ، قەۋىم، مىللەتلەرگە خاس بولغان ۋە شۇ مىللەتلەر تەرىپىدىن ئەسىرلەر مابەينىدە يارىتىلغان ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلار، قىممەتلەردۇر. تىل، كۈلتۈرنىڭ ئەڭ موھىم تەركىپلىرىدىن بىرىدۇر. مىللىي كۈلتۈرنىڭ كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلىشى، كۈلتۈرنىڭ ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا تىلنىڭ رولى ئەڭ چوڭدۇر. تىلنىڭ مەۋجۇدىيىتى كۈلتۈرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ كاپالەتتۇر. كەڭ مەنىدە يەرشارىلىشىش، تار مەنىدە جۇڭگو مىقياسىدىكى ئىچكى پۈتۈنلىشىش جەرىيانىدا مىللىي تىللارنىڭ مەۋجۇدىيىتى، مىللىي كۈلتۈرلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ كۈلتۈرلۈك (Multicultural/多元文化 ) قۇرۇلمىسىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ۋە داۋام قىلدۇرۇلۇشىدا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تىل، كۈلتۈر، ئۇيغۇر تىلى، جۇڭگو

تىل ۋە كۈلتۈر

تىل كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئۇچراشقاندا ئىشلىتىدىغان ئالاقە قۇرالىدۇر؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تىل كىشى بىلەن كىشى ئارىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ياكى مەقسەت―مۇددىئا، پىكىرلەرنى ئىپادە قىلىدىغان، بىر-بىرىگە يەتكۈزىدىغان ۋاسىتەدۇر.
شۇنداقلا تىل مۇئەييەن بىر گۇرۇپنى، جامائەتنى، مىللەتنى يەنە باشقا گۇرۇپ، جامائەت ۋە مىللەتتىن ئايرىيدىغان، پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگە ۋە سىمۋوللار سىستېمىسىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا تىلنىڭ نۇقۇل مىللىيلىقى، تەۋەلىكى باردۇر.
ئالدى بىلەن ئاتالغۇ جەھەتتىن ناتونۇش بولغان ئەمما ماھىيەت ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تونۇشلۇق لېكىن ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتىدە چەك―چېگرىسى ئېنىق ئايرىلمىغان «كۈلتۈر» ھادىسىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
كۈلتۈر جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق(ئانتروپولوگىيە) ئىلىملىرىنىڭ مۇھىم بىر ئاتالغۇسىدۇر. كۈلتۈر ئاتالغۇسى تىلىمىزدا «مەدەنىيەت» (غەرپ تىللىرىدا Culture، خەنزۇ تىلىدا 文化) دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ھادىسىنىڭ ئىلىم تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ئەمەلىيەتتە «كۈلتۈر» بىلەن «مەدەنىيەت» بىر―بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ھادىسىلەر بولۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئىزاھات ياكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشلىرىمىز ئايرىم ماقالىلىرىمىزدا (كۈلتۈر ئاتالغۇسى تىلىمىزدا «مەدەنىيەت» (غەرپ تىللىرىدا Culture ، خەنزۇ تىلىدا 文化) دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ھادىسىنىڭ ئىلىم تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پېنىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى جەمىيەتشۇناسلىق (سوتسىئولوگىيە)، ئىنسانشۇناسلىق (ئانتروپولوگىيە) قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى، بۇ تۈپەيلى بۇ ساھەدەىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يوقلۇقىدەك رىئال سەۋەبلەر بىلەن «كۈلتۈر»گە ئوخشاش ئاتالغۇ ۋە ھادىسىلەر ئىلمىي شەكىلدە ئىزاھلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلمىغان. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ بۇرۇنلا ھەل قىلىپ بولغان مىلەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا بۇ خىل ئاتالغۇلار تەرجىمانلار تەرىپىدىن يەنىلا «مەدەنىيەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان پەقەت ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن مەنالار ئاڭقىرىلمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئاتالغۇ قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە «كۈلتۈر» بىلەن «مەدەنىيەت» بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ھادىسىلەر بولۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئىزاھات ياكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشلەر ئۈچۈن قاراڭ: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغا سوتسىئولوگىيىلىك ئىزاھات» تۇرپان، 2003-يىلى 4-سان، ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈرنىڭ مەدەنىيەتتىن پەرقى ۋە مىللىي كۈلتۈر» تۇرپان، 2004-يىلى، 2- سان.) ئىنچىكىلەنگەنلىكى سەۋەپلىك تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك مەقسىتىدە بۇ يەردە تەپسىلىي توختىلىشنى، شەرھىيلەشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق.
غەرپتە، كۈلتۈرنىڭ ئەڭ كلاسسىك تەبىرىنى،1871―يىلى ئېدۋارد تايلور (Edward Tylor) شۇ شەكىلدە بېرىدۇ: كۈلتۈر ئىنسان بالىسىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياراتقان بىلگۈ―مەلۇماتلىرىنى، ئەقىدە―ئېتىقات، ئەدەبىيات―سەنئەت، ئەخلاق―پەزىلەت، ئادەت―ئەنئەنەلەر ۋە باشقا قابىلىيەتلەر بىلەن خۇي―مىجەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ بىر گەۋدىدۇر(گوردون مارشال ( Gordon Marshal)، سوتئولوگىيە سۆزلۈكى، (تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمان ئاكىنھاي، دەريا كۆمۈرجۈ)، ئەنقەرە: بىلىن ۋە سەنئەت نەشىرىياتى، 1999. يىل، 771―بەت.).
تۈرك مۇتەپەككۇرى ۋە جەمئىيەتشۇناسى گۆكئالپ كۈلتۈرنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە ئاممىباپ شەكىلدە(زىيا گۆكئالپ، تۈرك ئۇيغارلىقى (مەدەنىيىتى) تارىخى، (نەشىرگە ھازىرلىغان: يۇسۇف چوتۇقسۆكەن)، ئىستانبۇل: ئىنقىلاپ نەشىرىياتى، 1991.يىل، 2―3―بەت.) «بىر مىللەتنىڭ دىنى، ئەخلاقى، تۆرەسى(تۆرە— قەدىمكى تۈركچىدە(ياكى ئۇيغۇرچىدا) تۈرە، تۆرە شەكلىدە كۆرىلىدۇ. كەڭ مەنىدىكى تۆرە—بىر جەمئىيەتتە ئۆزلەشكەن، ئومۇملاشقان ھەرىكەت ۋە ياشاش شەكىللىرىنىڭ، قائىدىلەرنىڭ، ئادەت ۋە ئەنئەنەلەرنىڭ؛ جەمئىيەت ئەزالىرىغا ئورتاقلاشقان ئۆرپ―ئادەتلەرنىڭ، جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن توغرا بىلىنىپ تۇتۇلغان يوللارنىڭ تامامىنى كۆرسىتىدۇ. تۆرە جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن چوقۇم ئىجرا قىلىنىشى كىرەك بولغان ۋىجدانىي بەلگىلىمىلەر بولۇپ، جەمئىيەت ئەزاسى ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتنىڭ تۆرىسىنى ئىجرا قىلغىنىدا، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ تەقدىرلىنىدۇ، ئىجرا قىلمىغاندا بولسا، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي چەتكە قېقىلىدۇ. تار مەنىدىكى تۆرە، بىر جەمئىيەتتىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى كۆرسىتىدۇ. تۆرە، ئۆتمۈشتە بۇگۈنكى مەنىدىكى قانۇننىڭ رولىنى ئوينىغانىدى.)، ئېستېتىك تۇيغۇسى، تىلى، ئىقتىسادى ۋە پەننىي ھاياتلىرىنىڭ جىپسىلاشقان بىر پۈتۈن گەۋدىسىدۇر» دەيدۇ. مەدەنىيەتنى بولسا، ئوخشاش بىر تەرەققىيات سەۋىيسىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتلىرىنىڭ ئورتاق بىر پۈتۈنى شەكلىدە ئىزاھلايدۇ.
قىسقىسى كۈلتۈر «بىز» بىلەن «ئۇلارنى» پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان، بىزنى «بىز» قىلغان قىممەت، قاراش، ئۆرپ―ئادەت…قىسقىسى پەقەتلا «بىز»گە ئائىت بولغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىز، پەلسەپىمىز، ئۆرپ―ئادەتلىرىمىز…… بىزنىڭ شايى―ئەتلەسلىرىمىز، مىللىي كىيىم―كېچەكلىرىمىز، خوتەننىڭ گىلەملىرى، ئۆزگىچە يۈرۈش―تۇرۇشلىرىمىز، ئولتۇرۇپ―قوپۇشىمىز، سالام―سائەتلىرىمىز، كۈلۈش شەكىللىرىمىز، ئېستېتىك تۇيغۇلىرىمىز…ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

2) تىلنىڭ كۈلتۈر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
تىل بىلەن كۈلتۈرنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ياكى كۈلتۈر نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تىلنى تەتقىق قىلىش غەرپتە خېلى بۇرۇنلا باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. جۇڭگودا بولسا بۇ ساھە نىسبەتەن يېڭى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80―يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ جۇڭگودا خۇسۇسەن خەنزۇ زىيالىيلىرى ئارىسىدا «كۈلتۈر قىزغىنلىقى» قوزغالدى، ئۇنىڭ تەسىرىدە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى زىيالىيلارمۇ تىل بىلىمى نۇقتىسىدىن كۈلتۈرنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى ۋە بۇنىڭ بىلەن «كۈلتۈر تىلشۇناسلىقى» بىلىمى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ تەرەققىيات «كۈلتۈر تىلشۇناسلىق»ىنىڭ جۇڭگو ئېقىمىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى.
ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پېنىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىياتلارغا ئاۋاز قوشۇش ئەمەس يېتىشىپ مېڭىشمۇ تەسلىشىش ئەھۋالى كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالدى. تىلشۇناسلىق خۇسۇسەن تۈركولوگىيە ساھەسىيىمىزدە تىلىمىزنى نوقۇل گرامماتىكىلىق ھادىسىلەر نۇقتىسدىن كلاسسىك ئۇسلۇپتا (بىزنىڭچە كلاسسىك رۇس ئۇسلۇبى) تەتقىق قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان ۋە تۇرماقتا. تىلنىڭ ئىجتىمائىيلىقى، مەۋجۇدلۇقى نۇقتىسىدىن خۇسۇسەن تىل―كۈلتۈر مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى ھەتتا يوقلۇقى كىشىنى خېلىلا ساراسىمىگە سېلىپ قويىدۇ. چۈنكى بىزدەك ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان مىللەتلەردە «كۈلتۈر تىلشۇناسلىقى» ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ ئىدى.
كۈنىمىز ئۇيغۇرچىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھەدەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان تىل قوپاللىشىپ كېتىش، تەرجىمە تىلىغا ئايلىنىپ قېلىش، تىل نامراتلىشىشى ھادىسىلىرىنىڭ تەپەككۇر سىستىمىمىزغا، تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزغا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قانچىلىك دەرىجىدە مەنفى تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بىز تېخىچە يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىپ كۆرمىدۇق. بۇ ھادىسىلەرنى مىللىي بىرلىك، مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىپ كۆرمىدۇق. بۇلار تەتقىق قىلىش زۆرۈر بولغان موھىم تېمىلاردۇر.
تىل كۈلتۈرنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى، كۈلتۈرنىڭ توشۇغۇچىسى ۋە جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولغان سىمۋوللار سىستىمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى. تىل بولسا كۈلتۈرنى نەسىلدىن نەسىلگە يەتكۈزىدىغان بىر ۋاسىتە. تىلنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بىلىنىدىغان شەكلى سۆزلەشتۇر. بىزنىڭچە تىل، ئىنسان جەمئىيەتلىرىنى، ھايۋان گۇرۇپلىرىدىن ئايرىيدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلەردىن بىرىدۇر.
تىل ئالاھىدىلىكى، پەقەتلا ئىنسان تۈرىگە ئائىت بولغان، تەسىرلىشىش جەرىيانىدا ئۆگىنىلىدىغان، ئىرسىي بىر شەكىلدە باشقىلارغا ئۆتمەيدىغان دەل مەنىسى بىلەن كۈلتۈر ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغان ئامىل بولغانلىقىدىن، كۈلتۈرنىڭ ئەڭ موھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(سۇلخى دۆنمەزئەر، جەمىيەتشۇناسلىق، بەتا نەشرىياتى، 1994-يىلى ئىستانبۇل، 110-بەت). مەسىلەن مۇئەييەن بىر مىللەتكە تەۋە بوۋاق تۇغۇلغاندا ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئىرسىي ئالاھىدىلىك بولسىمۇ، بوۋاق ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تىلىنى سۆزلىيەلمەيدۇ. پەقەت كېيىنكى ئىجتىمائىيلىشىش جەرىيانىدىلا ئۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر ئانا ۋە ئۇيغۇر ئاتىدىن تۆرەلگەن بالا، ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا ئەمەس باشقا تىل مۇھىتىدا مەسىلەن ئەرەبچە ياكى ياپونچە مۇھىتىدا يېتىلسە ئۇنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە ئەمەس ئەرەبچە ياكى ياپونچە چىقىدۇ. بۇ سەۋەبلىك تىل ئىرسىي بولماستىن كېيىن ئىجتىمائىيلىشىش جەرىيانىدا ئۆگىنىلىدىغان كۈلتۈر ئامىلىدۇر

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

/ulhnar.com
بېكەتلەر تورى
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号