ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟   <<<

ئەسەرلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 174   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-14     بېسىپ چىقىرىش

 

ئىلاۋە: ئەدەبىياتىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان چەتنەش خاھىشى، قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 1-بېتىگە بېسىلىدىغان قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، بۇزۇقچىلىق ھەتتا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھايۋانى قىلمىشلارنىڭ ھەدەپ بازارلىق ئەسەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى، خەلقىمىزنىڭ ساپاسىغا پەقەتلا ماس بولمىغان يولدىن چىققان تەسۋىرلەر مېنى«ئەخلاقنىڭ تېخى ۋاقتى ئۆتمىدى، خەلقىمىز تېخى جىنسى ئەركىنلىك تەسۋىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە «ساپالىق، ئاڭلىق» بولۇپ كەتكىنى يوق» دەپ چۇقان سېلىشقا مەجبۇر قىلدى.
جەمىيىتىمىزدە راستلا شۇنداق رەسۋا ئىشلار مەۋجۇت ، بىراق بۇلارنى تەشۋىقات سەھنىسىدە «جۇلالاندۇرۇش»نىڭ قىممىتى بارمۇ؟
بىزدە تىلغا ئالغۇدەك ياخشى ئىش-ياخشى ئادەم تەسۋىرلەنگەن، ئوقۇغانلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا «مەن بۇلاردىن ياخشى ئىكەنمەن» دەپ گۇناھقا كۆنۈش تۇيغۇسى ئەمەس بەلكى بۇ گۈزەل كىشىلىك پەزىلەتلەرنىڭ تەسۋىرىدىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ياخشىلىققا دالالەت قىلىنىدىغان ئىنسانى تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان رىيال ۋەقەلەرمۇ نۇرغۇنغۇ؟

مەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەخلاق قارىشىدىن، ھەتتاكى مەشھۇر يازغۇچىلىرىمىزدىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ بىر ئەدەبى ئاخباراتىدا «ئىنسان دىگەن ھاۋايى ھەۋەس، ئىشقىۋازلىقتىن خالى ئەمەس، يازغۇچى شائىرلار تېخىمۇ شۇنداق، ئەممە بۇنى بەك ئاشكارىلىساق خەلقنىڭ ئەيپلىشىگە دۇچار بولىمىز، شۇڭا مەخپىراق ئېلىپ ماڭغىنىمىز ياخشى» دىگنىدىن، مەمتىمىن ھۇشۇر ۋە باشقا نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن قەلەم ئۇستازلىرىنىڭ نىكاھسىز مۇھەببەتكە ئوقۇغان مەدھىيىلىرى، ھۈسەيىن تاش قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ھايۋانى قىلمىشلارغا بەدىئئى تۈس بېرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەسۋىرلەشلىرىدىن-ھايا تۇرماق، ھالال-ھاراملىق تۇيغۇسىنى ئۇنتۇغانلىقىدىن چۆچۈدۈم. مەن مۇتەئەسسىپلەردىن ئەمەسمەن. ئەمما خەلقىمىزنىڭ 1000يىللاپ يېتىشتۈرگەن ئەخلاق-ھايا، گۇناھنى ئاشكارىلاش يەنە بىر قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن باراۋەر دەيدىغان ئەقىدىسىدىن ، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئەخلاقى قاراشلىرىمىزغا نەقەدەر تايىنىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىمدىن بىر ئاگاھ توۋلاپ قويغۇنۇم.
تەڭرىتاغ ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى ماقالىدە مەن ئويلىغان بەزى مەسىلىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى دەپ قاراپ كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلدىم. (پىسخىكىسى بىنورمال بەزى كىشىلەر ماقالىدە قامچىلانغان ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇغۇسى كېلىپ كېتىشى مۈمكىن، تەۋسىيە شۇكى قامچىلانغان ئەسەرلەر ئوقۇشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، ئەسەر ئوقۇغاندا ناۋادا ئەسەرنىڭ ماھىيىتى سىزنىڭ غول ئەخلاقى قارىشىڭىز بىلەن ماس كەلمىسە ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئوقۇماڭ، تەۋسىيەمۇ قىلماڭ. جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش نۇقتىسىدىن سىزمۇ ئىككى قۇر ماقالە يېزىپ تەڭ قامچىلاپ قويسىڭىز بەلكى ھىچقىسى يوق)
 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

بېكەتلەر تورى
subihi.cn
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号