ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

تەۋەررۈك ھاسا ھەققىدە ھېكايە   <<<

ئەسەرلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 127   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-14     بېسىپ چىقىرىش

 خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق شورباغ يېزىسىنىڭ شورباغ كەنتىدىكى مەرھۇم مۇھەممەد مۇسانىڭ ئائىلىسىدە دۇخاۋا تاشلىق قاپقا ئوراپ ئۆينىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە قويۇلغان قىممەتلىك بىر ھاسا بار. بۇ ھاسىنى بۇنىڭدىن 44 يىل مۇقەددەم مۇئاۋىن زۇڭلى خې لوڭ خوتەنگە كەلگەندە ‹‹ئۇزاق ئۆمۈر چولپىنى›› دەپ نام ئالغان مۇھەممەد مۇساغا سوۋغا قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، مۇھەممەد مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى بۇ تەۋەررۈك ھاسىنى قەدىرلەپ ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ ھاسا ھازىرغىچە يېزىدىكى ياشلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى بېرىدىغان قىممەتلىك دەرسلىك ھەم تەۋەررۈك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

     يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى قۇتلۇقلىنىۋاتقان خاسىيەتلىك كۈنلەردە، مەن مۇھەممەد مۇسانىڭ ئوغلى مۇھەممەد قاھارنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە باردىم، ئۇ كېلىش مۇددىئايىمنى ئۇققاندىن كېيىن، ھاسا توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.

      1965 – يىلى ئۆكتەبىر، ھەممە ياق مەمۇرچىلىق پەيزىگە چۆمگەن كۈنلەردە، مۇھەممەد مۇسا بوۋاي ھويلىسى ئالدىدا بىر ئەزىز مېھماننى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى، بىر چاغدا يىراقتىن ‹‹كەلدى، كەلدى›› دەپ ۋارقىراشقان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئاۋاز يېقىنلاشقانسېرى قەلبى ھاياجانغا چۆمگەن بوۋاينىڭ كۈمۈشتەك ساقاللىرى توختاۋسىز تىترەپ كەتتى.

     بوۋا، ئەنە مۇئاۋىن زۇڭلى، مارشال خې لوڭ سىزنى يوقلاپ كەلدى! – دېدى بىر يىگىت ئۈنلۈك ئاۋازدا.

     ھايال ئۆتمەي مۇئاۋىن زۇڭلى خې لوڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا روھلۇق، سالماق قەدەم تاشلاپ كۈلۈمسىرىگىنىچە بوۋاينىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى، مۇھەممەد مۇسا ئاكا مارشال خې لوڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ:

     خۇش كېلىپسىز مۇئاۋىن زۇڭلى خې لوڭ، قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، قېنى ئۆيگە مەرھەمەت،  دېدى.

     مۇئاۋىن زۇڭلى خې لوڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ چېگرا رايون خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخۇرلۇقى ۋە چوڭقۇر سالىمىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ خوتەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈش جەريانىدا شورباغ يېزىسىغا كېلىپ، كادىرلار ۋە دېھقانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ شورباغ كەنتىدە 100 ياشقا كىرگەن مۇھەممەد مۇسا ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئالاھىدە يوقلاپ كەلگەنىدى.

     مۇھەممەد مۇسا ئاكا مارشال خې لوڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى  بېغىدا مەي باغلاپ پىشقان ئۈزۈم، شاپتۇل، ئانار ۋە قوغۇن قاتارلىق مېۋىلەر بىلەن مېھمان قىلدى.

     قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ – دەپ سورىدى خې لوڭ بوۋايدىن سەمىمىيلىك بىلەن.

     100 ياشقا كىردىم، –  دېدى، بوۋاي خۇشخۇيلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ.

      نەچچە بالىڭىز بار؟

      ئۈچ ئوغۇل، بىر قىزىم بار، بىر ئوغلۇم ئازادلىق ئارمىيىگە قاتناشتى، يەنە بىر ئوغلۇم ئوقۇتقۇچى، كىچىك ئوغلۇم خەلق ئەسكىرى، يەنە تېخى سەككىز نەۋرەممۇ بار، – دېدى بوۋاي سۆيۈنگەن ھالدا.

      ھەقىقەتەن بەختلىك ئائىلىڭىز بار ئىكەن، ئۆمرىڭىز  خاتىرجەم ئۆتۈۋېتىپتۇ، – دېدى خې لوڭ مۇھەممەد مۇسا ئاكىنىڭ تۇرمۇشىدىن مەمنۇن بولۇپ.

      مۇھەممەد مۇسا ئاكا خې لوڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا  ئۆتمۈشتە تارتقان سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئېرىشكەن بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بەردى ھەم ئۆزىنىڭ پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيىگە زىچ ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا بوۋاي مۇئاۋىن زۇڭلى خې لوڭدىن رەئىس ماۋ زېدۇڭغا ئوتلۇق سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۆتۈندى.

      بولىدۇ، سالىمىڭىزنى چوقۇم يەتكۈزىمەن ھەم تېنىڭىزنىڭ يەنىمۇ سالامەت بولۇشىغا، تېخىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن، – دېدى خې لوڭ، ئارقىدىنلا:

      يېنىمدا سىزگە ھەدىيە قىلغۇدەك ياخشىراق بىرەر نەرسەم يوق ئىكەن، بۇ ھاسامنى سىزگە يادىكار قىلاي، – دېدى ھاسىسىنى سۇنۇۋېتىپ. مۇھەممەد مۇسا بوۋاي ھاسىنى ئىككى قوللاپ ئالغىنىچە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ خې لوڭغا:

      سىز بۇ ھاسىنى بېيجىڭدىن ئېلىپ كەلگەن، بۇ قىممەتلىك خاتىرە بۇيۇمى، مەن بۇ ھاسىنى ئەڭگۈشتەر سۈپىتىدە ساقلايمەن، – دېدى.

      ئەتىسى ئەتىگەن مۇھەممەد مۇسا ئاكا بېغىغا تېرىغان قوغۇندىن ئىككىنى ئېلىپ، خې لوڭ سوۋغا قىلغان ھاسىغا تايىنىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم قورۇسىغا مارشال خې لوڭنى ئۇزىتىشقا كەلدى. ئۇ خوشلىشىش ئالدىدا مۇئاۋىن زۇڭلى خې لوڭنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق، سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

      شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد مۇسا ئاكا خې لوڭ سوۋغا قىلغان ھاسىنى يېنىدىن زادىلا ئايرىمىدى. ئۇ، تونۇش – بىلىشلىرىگە مارشال خې لوڭنىڭ ئۆزىگە ھاسا سوۋغا قىلغانلىقىنى، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ بەردى.

      مۇھەممەد مۇسا ئاكا 1973 – يىلى چوڭ ئوغلى مۇھەممەد قاھارغا ھاسىنى ساقلاشقا تاپشۇردى ھەم‹‹مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى يوقىتىۋەتمەي ياخشى ساقلاپ، ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغىن، ئۇلار پارتىيىنىڭ بىزگە قىلغان مېھىر – شەپقىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلىسۇن›› دەپ ۋەسىيەت قالدۇردى.

       بوۋاي 108 يېشىدا ۋاپات بولدى، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد قاھار بۇ تەۋەررۈك ھاسىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ ساقلىدى، ئۇ دائىم بالىلىرىغا ھاسا توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ، ئۇلارنى بوۋىسىغا ئوخشاش پارتىيىنى قىزغىن سۆيۈش، پارتىيىگە سەمىمىي ساداقەتمەن بولۇشنى جېكىلەپ كەلدى. بۇ ھاسا 44 يىلدىن بۇيان بۇ ئائىلىگە خۇشاللىق بەخش ئەتتى.

       شۇنداق، بۇ قىممەتلىك ھاسا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان مۇھەممەد قاھار ئائىلىسىدىكىلەرنى خۇشاللىق، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا مېڭىشىغا ئىلھامبەخش ئېتىپ كەلمەكتە.

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

بېكەتلەر تورى
subihi.cn
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号