ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

ئەبجەش خىياللار   <<<

ئەسەرلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 146   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-14     بېسىپ چىقىرىش

 



بىرسى سەندىن ئايرىلماقچى بولسا ئۇنىڭغا قىيمايسەن، ئۇ يېنىڭدا بار ۋاقتىدا نېمىشقا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايىمايسەن؟ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئادەمدىن ئىت- مۈشۈكمۇ قاچىدۇ. مەن خوتۇن ئالدىدا قىز - ئاياللارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. يۈزسىزنىڭ يۈزى نەپسىدە. ئەقىل -ماشىنا، تەپەككۈر _شوپۇرى. سېنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىقلىقىڭ بىر بولسا ئەقىلىقىڭ، بىر بولسا نادانلىقىڭدۇر. تاۋار ئىشلەپچىقىرايلى، ئەمما تاۋارغا ئايلىنىپ كەتمەيلى. مۇھەببەتلىشىش _تەبىرسىز چۈش. يۈرەك _مۇھەببەتنىڭ تونۇرى. دۈشمەندىن زىيان يەتسەمۈلكى ۋەيران بولىسەن، دوستتىن زىيان يەتسە خانىۋەيران بولىسەن. سېنىڭ بىرسىگە قىزىقمايمەن دېگىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سېنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سەن بىرسىدىن ماڭا ئىشىنەمسىز دەپ سورىغىچە، ئۆزۈڭدىنمەن ئۇنىڭغا ئىشىنەمدىن دەپ سورا. يىراقتىن يار تۇتساڭ، ئۆزۈڭنى خۇددى تۇمانلىق دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىسەن. باشقىلارغا ئۆچ -ئاداۋەت ساقلاپ يۈرۈش، ئەمەلىيەتتە يېنىدا بومبا ئېلىپ يۈرگەن بىلەن باراۋەر. سېنى دەرت- ئەلەپ، غەم - قايغۇ ۋە ئازاپ- ئوقۇبەتتتىن قوتۇلدۇرالايدىغان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش. ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە ئىنتىلىۋەرسەڭ، ئۇنىڭ سەندىن تېز يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن. سۆزىدىن بىلىنمىگىنى كۆزىدىن بىلىنەر. تامنى يىقىتقان چۈمۈلە بىلەن زەي، ئادەمنى يىقىتقان ئىشرەت بىلەن مەي. بۇزۇق ئايال قېرى ئەر تاللايدۇ، ياخشى نىيەتلىك ئايال ۋاپادار ئەر تاللايدۇ. باشقىلارغا قولۇڭنى شىلتىغاندا، ئۈچ بارمىقىڭنىڭ ئۆزۈڭگە قارىتىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالما. ئامان بولغىن ئويغانغانلار، گۇم بولغايسەن ئوينىغانلار. دوستۇڭدىن رەنجىسەڭ، دۈشمىنىڭدىن يىغلايسەن. سېنى ئەڭ كۆپ مەغلۇپ قىلىدىغان كىشى- سېنى ئەڭ چوڭقۇر چۈشىنىدىغان كىشىدۇر. باشقىلارنىڭ گېپىگە ئاسان ماقۇل دېگۈچىلەر، ئۇلار تەرىپىدىن دائىم دەككە يېگۈچىلەردۇر. ھەرقانداق مەخپىي سۆز كۆڭلى يىقىن ئادىمىنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنىدۇ. ئەرنىڭ كىبىرى كۈچىدە بولسا، ئاياللارنىڭ كىبىرى چىرايىدا. باھارنىڭ ھېكىمىت قىشتا بىلنەر، ئادەمنىڭ قىممىتى ئىشتا. 

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

بېكەتلەر تورى
subihi.cn
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号