ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەندە...   <<<

ئەسەرلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 287   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-14     بېسىپ چىقىرىش

 

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەندە...
 
 

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،يىگىت قىزنىڭ ئاۋازىغا ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، ئارىلىق شۇنچە يىراق بولسىمۇ يەنىلا قىزنىڭ نمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ. 

 


بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ئۆزىنىڭ ھەممە قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئۇنىڭ ساقلاپ بىرىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگۈسى كىلىدۇ، ۋە كۈن ئۆتكەنسىرى نەرسىلىرىنى بىر-بىرلەپ قىزنىڭ ساقلاپ بىرشى ئۈچۈن بىرىۋىتدۇ،ئەڭ ئاخىردا ئۆزىنىڭ بارىلىق مۇھىم نەرسىلىرى قىزنىڭ قولىدا بولىدۇ.  

 

 
بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،قولىغا قەلەم ئېلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازىدۇ،ھەمدە يالغۇز قالغاندا قايتا-قايتا ئوقۇيدۇ.

 

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ھەرقانداق بىر يىگىت قىزغا يىقىنلاشقاندا يىگىتنىڭ يۈرىكى ئاچچىقتا ئاغرىپ كىتىدۇ، بۇ قانداقتۇر بىر خىل كۈنلەمچىلىك ۋە ياكى ئىچى تارلىق بولماستىن ،بەلكى ھەققى ياخشى كۆرگەنلىكنىڭ شەرتسىز رىفلىكىسى، ھەرقانچە كۆڭلى -كۆكسى كەڭ ،مەرد يىگىت بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق بولىدۇ. 3

 

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،قىزغا ھەر بىر تال ئىلخەت ، ھەر بىر تال قىسقا ئۇچۇرنى يوللىۋەتكەندىن كىيىن قىزنىڭ جاۋابىنى كۆتىدۇ، ھېچ بولمىسا بىر OKدىگەن جاۋاپنىڭ بولىسمۇ كىلىشىنى كۆتىدۇ،ئەگەر جاۋاپ كەلمىسە ئۇيقۇسى قاچىدۇ.

 

 

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،كۆپ ھاللاردا،ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىدۇ، يىراقتىن قىزغا قاراپ تۇرىدۇ،ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن قىزنىڭ يېنىغا بارىدۇ.

 

 

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ئەگەر قىز كەچ سائەت10:00گىچىمۇ ياتاققا قايتمىغان بولسا، يىگىت جىلە بولۇپ تاماقمۇ يىيەلمەيدۇ،كۆڭلى بىئارام بولۇپ ئۇيقۇسى قاچىدۇ،قىز قايتىپ كەلگەنگە قەدەر. 

 

 

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ئەگەر قىزنىڭ كۆڭلى بىئارام بولۇپ قالغان بولسا، قىزنىڭ ئورنىغا ياش تۈكۈپ بەرگۈسى،ھەتتا قىزنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تىلىۋېلىپ قىزنىڭ بىئارامچىلىقىنى پەسەيتكۈسى كىلىدۇ.

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،قىزنىڭ ھۆرمىتىنى بەك ئاشۇرۇپ قىلىشقا تىرىشىدۇ،قىزنى ئۈمۈدۋار بولۇشقا ئۈندەيدۇ.
 
    ئىشىنىشىمىز كېرەكى،بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن يىگىتنىڭ مۇھەببىتى ھامان ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دىمەكچىكى،بىر قىزنى بىر قانچە يىگىت تەڭلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ھەقىقى مۇھەببەتلىك يىگىت ئاخىرقى ھىساپتا قىزنى يېنىغا تارتىپ كىتەلەيدۇ.

ھەقىقى مۇھەببەت،ئۇ بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قىزىپ چىقىرالايدىغان ئاجايىپ سىھىرلىك نەرسە.  
توغرا،بۇ دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم سىزنى ئاجايىپ يۈكسەكلىك بىلەن ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا سىزنىڭ ئازاپلار ئىز سالغان ،قورۇق باسقان چىھرىڭىزنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ كىشى دەل سىز قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ھەققى مۇھەببەت ئىگىسىدۇر.

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

/ulhnar.com
بېكەتلەر تورى
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号