ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

دادىسىنى دەرياغا تاشلاش   <<<

تېپىشماق يۇمۇر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 181   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-14     بېسىپ چىقىرىش

 

ئىلگىرى دەريا بويىدا كىچىك بىر ئۆي بولغانىكەن. بۇ ئۆيدە ئۈچ كىشى ،بىر جۈپ ئەر-ئايال ۋە ئەرنىڭ قېرىپ كەتكەن  ئاتىسى بىرگە ياشايدىكەن.ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ كۈنى بەك بەخىتلىك ئۆتەتتىكەن.ئەمما كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئاتىسى بەك قېرى ۋە كىسەلچان بولغاچ ، دادىسىنىڭ  تامىقىنى ئىتىش ،دورا قاينىتىش ئۇلارغا  جاپا تۇيۇلۇپ ،ئاتىسىنىڭ كىچە &ndashكۈندۈز تولا  ھۆتۈلىشى ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق بوپتۇ.

   بىر كۈنى كەچ ئەر ئايال ئىككىسى بىر ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئارقىدىن ئەر ھۇجرا ئۆيىدىن چىقىپ ئاتىسىغا ماڭا ھاپاش بول دەپتۇ .
ـ نەگە بارىمىز بالام ؟
ـ ئاتا، ساڭىمۇ تالا-تۈزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ ،سىنى بىر ئايلاندۇرۇپ كىرەي دەيمەن- دەپتۇ.دادىسى ئوغلىنىڭ دۈمبىسىگە چىڭ ھاپاش بولۇپتۇ ، ئوغلى دادىسىنى يۈدۈپ دەريا بويىغا بىرىپتۇ.دادىسى ئۆز كۆڭلىدە بالام مىنى دەريا بويىدا ئولتۇرغۇزۇپ ،تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھوزۇر  ئالسۇن دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. بىراق ئوغلى دەرياغا چوڭقۇرلاپ مىڭىپ ،تاكى ئىڭىكى سۇغا تاقاشقۇچە كىرىپتۇ.
   ئوغلى دادىسىنى سۇغا تاشلىۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، دادىسى تۇيۇقسىز ئوغلىدىن سەل توختاشنى سوراپتۇ.ئوغلى جايىدا توختاپتۇ.
دادىسى دەپتۇ .« بالام ،سىنىڭ مىنى نەگە ئىلىپ بارماقچى بولغانلىقىڭنى بىلىمەن. بىراق سەن مىنى دەرياغا تاشلىۋىتىشتىن بۇرۇن ساڭا بەزى گەپلەرنى دىمەكچىمەن. سەن دەسسەپ تۇرغان مۇشۇ يەر دەل مەن ئەينى ۋاقىتتا دادامنى دەرياغا تاشلىۋەتكەن يەر شۇ .شۇڭا مىنى سۇنىڭ تىخىمۇ چوڭقۇرراق يىرىگە تاشلىۋەتكىن، بۇنداقتا ساڭا نۆۋەت كىلىپ، ئوغلۇڭ سىنى دەرياغا تاشلىۋىتەردە بىر-ئىككى قەدەم ئوشۇقراق مىڭىشى كىرەك بولىدۇ.
---------------------------------
   پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا- ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسى قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقىنى بىلدۈردىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن) ئۇلارنىمۇ دۈشكەلىمىگىن ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەب يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە :«ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن»دېگىن.

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

/ulhnar.com
بېكەتلەر تورى
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号