ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

ئەشەددىي رەقىب ئىران-ئىسرائىلىيە تارىختا ئامراق دوستلاردىن بولغان   <<<

جىددى مۇناسىۋەتلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 124   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-13     بېسىپ چىقىرىش

 

  ئەشەددىي رەقىب  ئىران-ئىسرائىلىيە تارىختا ئامراق دوستلاردىن بولغان
    1977-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھىچقانداق بەلگىسى يوق بىر «بوئېئېڭ- 707»تىپلىق مەخسۇس ئايروپىلان ئىسرائىلىيىدىكى لود ھاۋا  ئارمىيىسى بازىسغا قوندى .ئىسرائىلىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى دايان بىلەن  دۆلەت مۇداپىيەسى مىنستىرى ۋېيزمان  ئايروپىلاندىن چۈشكەن   قارا كۆزئەينەكلىك  بىر سىرلىق مېھماننى كۈتىۋالدى  . بۇ كىشىنىڭ ئىسمى H.تۇفانىيان  بولۇپ، ئىران پادىشاھى پەھلىۋىنىڭ تۇغقىنى ،شۇنداقلا  ئىراننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىيەسى مىنىستىرى ئىدى . ئۇ  ئەرەپ دۇنياسى  قورشىۋالغان بۇ دۆلەتكە  بىر چوڭ سوۋغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى يەنى ئۇنۇرغۇن مەبلەغ  سېلىپ ، ئىسرائىلىيە بىلەن يادرو تېخنىكىسى ھەمكارلىق كېلىشىمىى ئىمزالىدى .
     ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھە دەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇنىڭ  يادرو ئەسلىھەلىرىنى پاچاقلاپ تاشلايمىز دەپ كۆپ قېتىم  داۋراڭ سالغان ئىسرائىلىيە  30يىل ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو تېخىنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىغا  ياردەم بەرگەن . ئاڭلىماققا بۇ كىشىنى سەل ھەيران قالدۇرىدۇ .  بۇ زادى قانداق ئىش ؟ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق،  بۇنىڭغا جاۋاپ تېپىش   تەس ئەمەس .  ئىران بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى  2500يىل ئىلگىرىلا باشلانغان .قەدىمكى بابىلون دەۋرىدە  بابىلون  يەھۇدىيلار دۆلىتىنى يوقىتىۋەتكەن . ،يېرۇسالىمدىكى يەھۇدىلار  قۇل قىلىنىپ، «بابىلون مەھبۇسلىرى»دەپ ئاتالغان . كېيىن پارىس پادىشاھى كۇرۇش بابىلوننى يوقۇتۇپ، تۈرمىدىكى يەھۇدىيلارنى قويۇپ بەرگەن .  شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى ،  پارىس ئىمپىريىسى بولمىغان بولسا ،بۈگۈنكى ئىسرائىلىيەمۇ بولمىغان بولاتتى . 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىراننىڭ  يادروپادا تۇرۇشلۇق  دىپلوماتى  ناتسىسلارنىڭ قىلىچى ئاستىدىن نۇرغۇن  يەھۇدىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان .
  1948-يىلى  ئىسرائىلىيە مۇستەقىل بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ،  ئىسلام دۆلىتى_  ئىران  ئۇنىڭ بىلەن  دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەم  ئەرەپ دۆلەتلىرىدە  ياشاۋاتقان نۇرغۇن  يەھۇدىنىڭ  ئىسرائىلىيىگە قېچىشىغا يەردەم بەرگەن. ئەمەلىيەتتە،  غەرىپپەرەس ئىران  ئىسرائىلىيىنى  مۇقىم  قورال-ياراغ ۋە  ئاخبارات كېلىش مەنبەسى دەپ قارايدۇ ، ئىسرائىلىيە بولسا  ئىراننى  ئەرەپ دۆلەتلىرىنى چۈشەپ تۇرىدىغان «خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقدىشى»دەپ قارايدۇ ، ئىككى دۆلەت سىياسىي ،ئىقتىسادىي ،ھەربىي  جەھەتتە ئۆزئارا بېقىنىدىغان مۇناسىۋەت  شەكىللەندۈرگەن . ئىران تۆت قېتىملىق ئوتتۇرا  شەرق  ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، بىر چەتتە تاماشا كۆرۈپلا قالماستىن، يەنە 1973-يىلى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ  ،ھەربىي پاراخودلارنىڭ ھىمايىسىدە ماي پاراخوتلىرىنى   مىسىرنىڭ قامال لېنىيىسىدىن ئۆتكۈزۈپ  ،ئىسرائىلىيىگە ئۈزۈلدۈرمەي نېفىت يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئىسرائىلىيىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، ئاكتىپلىق بىلەن پەھلىۋى ھاكىميىتىنى  يادرو تېخىنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن ، 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە، ئىسرائىلىيە ئاخبارات تەشكىلاتى  موساد  ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئىراننىڭ  مەخپى ساقچى تەشكىلاتى _«ساۋاق» نى مەشىقلەندۈرۈپ،ئىراندىكى ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلغان ،ئىسرائىلىيە قورال-ياراغ زاۋۇدىمۇ ئىراننى تۈرلۈك  ئىلغار قورال-ياراغلار بىلەن   تەمىنلىگەن .
       ئىسرائىلىيە  ئىراننىڭ تاشقى پېرۋوت  توپلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكىدىن يوشۇرۇنچە  باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تېخنىكىسى  سېتىپ بەرگە    1975-يىلى ، ئىران  ئامېرىكا ۋە غەربىي گېرمانىيىدىن  بىراقلا سەككىز يادرو رېئاكتورى سېتىۋېلىپ،  ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيىنىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يادرو قورالى ياسىماقچى  بولغان. لېكىن ،  ئامېرىكىلىقلار پەھلىۋىنىڭ  كۆڭلىدىكىنى بۇرۇنلا بىلگەچكە، ئۇنىڭغا بېرىلگەن  بارلىق تېخنىكىلىق ماتىرىياللار ئالدىن بىر تەرەپ ۋېتىلگەننىدى. . ئىران ئامالسىز نەزىرىنى پاكىستان بىلەن  ئىسرائىلىيىگە ئاغدۇرغان.ەن . 1976-يىلى  پادىشاھ پەھلىۋى   ئىسرائىلىيىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا«ئاخبارات ژورنىلى»غا بېرىلگەن   ئىسرائىلىيىنىڭ مەخپى يادرو  قورالى    ياساۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرنى كۆرسىتىپ،« تۆت دۆلەتنىڭ ئاتوم بومبىسىنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدى ئالىملىرى  تەتقىق قىلىپ ياسىغان، سىلەرمۇ يادرو قورالى ياساۋاتىسىلەر ، نېمە ئۈچۈن بىز بىرلىشىپ بىر ئىش قىلمايمىز؟»دېگەن،يېڭى باش  ئەلچى  پادىشاھنىڭ سۆزىدىن قاتتىق ھەيرانقېلىپ، خېلى بىر ھازاغىچە گەپ قىلالماي قالغان .كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئۇ  پادىشاھنىڭ  سۆزىنى دەرھال ئۆز ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەن . ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ ئىش توغرىسىدا دەرھال كېڭىشكەن .  ئۇنىڭ ئۈستىگە، موسادمۇ  ئىراننىڭ  پاكىستاندىن  يادرو تېخنىكىسى جەھەتتە ياردەم  سوراۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاخبارات يەتكۈزگەن.
     ئىسارائىلىيە ئەمەلدارلىرى  ئومۇميۈزلۈك  باھالاش ئارقىلىق، ئىراننى بۇ نېيىتىدىن ياندۇرالمىغان ئىكەنمىز ، ئۇنىڭ  يادرو قورالى  پىلانىغا قاتناشمايمىزمۇ ، بۇنداق قىلساق ھەم   نۇرغۇن مەبلەغقە ئېرىشەلەيمىز ھەم   پاكىستانمۇ ئىراننى ئۆزىگە تارتالمايدۇ،دەپ قارىغان .  شۇنىڭ بىلەن ، ئىسرائىلىيە ئاخىر پادىشاھ پەھلىۋىنىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلغان .لېكىن  ،  ئىران پاكىستان بىلەن بولغان  يادرو  ساھەسىدىكى بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈشى  ھەم ئامېرىكىدىن قەتئىي سىر تۇتۇشى كېرەك، دېگەن شەرتنى قويغان . پادىشاھ  پەھلىۋى  بۇ تەلەپلەرگە خۇشاللىق بىلەن  ماقۇل بولغان  ھەم يېقىن تۇغقىنى تۇفانىياننى  ئىسرائىلىيىگە بۇ مەخپى  ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا ئەۋەتكەن .  «گۈل قۇرۇلۇشى»دەپ ئاتالغان بۇ پىلان مۇھىمى   ئۈچ چوڭ  مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :  ئىسرائىلىيە ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ  دىنامو يادرو رېئاكتورىدا تەربىيىلىنىشىگە قوشۇلىدۇ  ، ئىككى دۆلەت  يادرو قورالى تەرەققىياتى ،شۇنداقلا  كىچىك تىپتىكى يادرو بومبا تەتقىقاتى بىلەن ئورتاق  شۇغۇللىنىدۇ؛  ئىككى دۆلەت  ئىسرائىلىيىنىڭ" جابەيرى" ناملىق  پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاساسىدا ، ئېتىلىش مۇساپىسى  200 كلومېتىر كېلىدىغان بىر خىل يېڭى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسايدۇ ؛  ئىسرائىلىيە  ئىراننى ھازىرقى «جېرىكو-1»تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى بىلەن  تەمىنلەيدۇ ھەم  بۇ ئاساستا يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ، ئېتىلىش مۇساپىسى 1500كلومېتىر كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسايدۇ ، ئىران ھۆكۈمەت دائىرلىرى ھەتتا  بۇ نداق بومبىغا مۇددەتتىن بۇرۇن «ئىنپىراتور كۇرۇش »دەپ  نام قويغان 
  كېيىنكى بىر يىلدا ،پادىشاھ پەھلىۋى «گۈل قۇرۇلۇشى»نىڭ مالىيە كاپالىتى سۈپىتىدە، ئىسرائىلىيىگە   مەردلەرچە 280مىليون دوللار قىممىتىدە  نېفىت ۋە 50مىليون دوللار بەرگەن  . ئىران مەخپى ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن 370  نەچچە ئىرانلىق  يادرو خادىمى  ساياھەتچى   سالاھىيىتى بىلەن  تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ،ياۋروپا ئارقىلىق ئىسرائىلىيىگە كەلگەن .ئۇلار ئىسرائىلىيىگە كەلگەندە ،  پاسپورتلىرى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پاسپورتلىرىغا ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن.   موسادنىڭ جاسۇسلىرى  ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپ،  قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى   يادرو تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلەش مەركىزىگە ئېلىپ كەلگەن . مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالماسلىقى  ئۈچۈن،  ئىرانلىق بارلىق كۇرسانتلارنىڭ  دىنىي بويۇم  ئېلىپ يۈرىشى، پارىس تىلىدا سۆزلىشىشى چەكلەنگەن ،نۇرغۇن كۇرسانتنىڭ ساقاللىرى مەجبۇرى  ئېلىۋېتىلگەن ،چاچلىرى سېرىققا بويىۋېتىلگەن ، ئىرانلىق بىر ئېنژېنېرنىڭ سۆزى بويىچە  ئېيتقاندا،« نەپەسلىنىدىغان  ھاۋامۇ تازىلانغان».
   ئىسرائىلىيىنىڭ  ئاتوم ئېنىرگىيىسى كومېتېتىنىڭ سابىق  ئەزاسى ،پروفىسسور نېيمان  ئەسلەپ  مۇنداق دېدى:  ئەينى ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيىنى ھېچنىمىنى  يوشۇرمىدى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار ئىرانلىق كۇرسانتلارنىڭ  دىمونا يادرو رېئاكتورىغا كىرىپ، يادرو ماددىلىرىنى قانداق ئايرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى  ئۈگىنىشىگە رۇخسەت قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزلىرىمۇ  ئەمدىلا  ئىگىلىگەن  لازىر نۇرى ئارقىلىق ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسىنىمۇ ئىرانلىقلارغا ئۈگەتكەن .  شۇنىڭ بىلەن بىللە،  ئىسرائىلىيە مۇتەخەسىسلىرىمۇ  ئاۋىستىرىيىلىك ۋە غەربىي گېرمانىيىلىك ئېنژېر سىياقىدا  ئىراننىڭ  بۇشېر  يادرو ئېلىكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ،  ئىراننىڭ ئېغىر سۇ ئايرىش زاۋۇدى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن .  ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى سەخەند ھەربىي بازىسىدا  ئىسرائىلىيە مۇتەخەسىسلىرى ئىرانلىقلارنىڭ  ئۇران قويۇلدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سېنتىفۇرۇگ ياسىشىغا ياردەم بەرگەن . لېكىن ،1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇرۇن  ئۇ يەردە ياسالغان سېنتىفۇرۇگ لايىھىدىكى ئۆلچەمگە يەتمىگەن .
    يادرو قورالى ياساشقا  سېلىشتۇرغاندا ئىككى دۆلەتنىڭ  يادرو  توشۇغۇچى قوراللىرىنى   ياساش جەھەتتىكى ھەمكارلىقى  خېلى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان . 1977-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ،  ئىران «جېرىكو-1»تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە" جابەيرى" ناملىق  پاراخوتقا  قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ   چېرتىيوژىغا ئېرىشكەن . ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ  كەرمان ئۆلكىسىدىكى سىرياندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇدى ياسىشىغا ياردەم بەرگەن ھەم مەزكۈر ئۆلكىدىكى راپسانجا  كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونىنى   باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىش بازىسى قىلىشقا تاللىغان .قۇرۇلۇش  سۈرئىتىگە ت كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئىران مەخپى ساقچىلىرى  قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ،تەھدىت  سېلىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ،پ يەرلىك قەبىلىلەرنى ئۆز زېمىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان 
    ئىسلام ئىنقىلابى پارتلاپ«گۈل قۇرۇلۇشى» تۈگەشكەن
     «گۈل قۇرۇلۇشى »سېستىمىلىق  ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا ، پادىشاھ پەھلىۋىنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى يىمىرىلىشقا باشلىغان . 1977-يىلى 12-ئايدا ، فرانسىيىدە سەرگەندان بولۇپ يۈرگەن  ھۇمەينى  ئىراندىكى مۆرىتلىرىغا «غازات» قىلىش توغرىسىدائۇچۇر ئەۋەتىپ،  ئاممىنى چىرىكلەشكەن  خانلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا چاقىرىپ، ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ ئوتىنى ياققان . 1978-يىلى يازدا ، پۈتۈن  ئىران پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ،پادىشاھ پەھلىۋى دۆلەت ئىچىدىكى بېسىمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ،   كۆپ قېتىم چەت ئەلگە دەم ئېلىشقا چىقىشقا مەجبۇر بولغان. .
   ناھايىتى  سەزگۈر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى بېگىن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىپ ،موساد ئورگىنىنى  مۇتلەق مەخپى چېكىنىش پىلانى تۈزۈشكە بۇيرىغان ھەم يادرو قورالى ۋە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا دائىر بارلىق  تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر ۋە  چېرتىيوژلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى ئالايتەن تاپىلىغان .   1978-يىلى 8-ئايدا «يەر ئاستى دىپلوماتىيىسى»گە ماھىر موساد نىڭ باشلىقى ،گېنېرال مايور خوفې  ئىراننىڭ مەخپى  ساقچى  ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ،گېنېرال فېردوست بىلەن كۆرۈشكەن ، ( فېردوست   چەت ئەلگە قېچىشقاپۇرسەت ئىزدەۋاتاتتى)  بۇ ئىككەيلەننىڭ گېپى  بىر يەردىن چىققان . فېردوست  ئىسرائىلىيە مۇتەخەسىسلىرىنى   ئايرىپ قوغداپ ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئىسرائىلىيىگە چېكىندۈرگەن  . چېكىنىش جاريانىدا ،ئىسرائىلىيە مۇتەخەسىسىلىرى سىرياندىن ئېلىپ ماڭغان «ئىنپېراتوركۇرۇش »ناملىق  باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ چېتىيوژلىرىنىڭ ئۆزىلا  ئىككى كونتېنېر  بولغان .
  1979-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ،پادىشاھ پەھلىۋى قېچىپ كەتكەن ، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ھۇمەينى  ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ، تېھرانغا قايتىپ كەلگەن ، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى  قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان . بۇنداق قالايمىقان مەزگىلدە، خوفې ئامېرىكىنىڭ  تېھراندىكى  باش ئەلچىخانىسىدا تۇرۇپ ،  بىرمۇ يەھۇدى  قالمىغانلىقىنى  جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ، ئاندىنفرانسىيىنىڭ نۆۋەتچى  ئايروپىلانى بىلەن ئىنقىلاب  بولىۋاتقان  بۇ دۆلەتتىن ئايرىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە،«گۈل قۇرۇلۇشى»مۇ تەل تۆكۈس تۈگەشكەن.
     يېڭىدىن تىكلەنگەن ئىران ھاكىميىتى تېخى ئۆزىنى ئوڭشىۋالماي تۇرۇپلا ، 1980-يىلى  سادام ئىران-ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان .  ئىراقتىن  «يەلتاپان»ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈزۈلمەي ئېتىلىۋاتقاندا، ئىرانلىقلار «گۈل قۇرۇلۇشى»نى ئەسكە ئالغان ،لېكىن  ئۇلار  ئارخىپلارنى ئاختۇرغاندا،  ئىسرائىلىيىنىڭ ھىچنىمىنى قالدۇرماي ئېلىپ  كەتكەنلىكىنى ، ئىران يېڭى ھاكىميىتى پايدىلانغۇدەك ھىچقانداق  ماتىريال ياكى  ئەسلىھە قالمىغانلىقىنى بايقاپ، قاتتىق ھەيران قالغان . ئۇلار سىرياندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراشتۇرۇش سېخىنى   يارىلانغان ئەسكەرلەرنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا  ئۆزگەرىۋەتكەن ، ئەمدىلا يېرىمى پۈتكەن  بۇشىر   يادرو ئېلىكتر ئىستانسىسىمۇ  ئىراقنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىداخارابىلىققا ئايلانغان .  ئەينى يىلى ئىسرائىلىيىدە تەربىيلەنگەن  ئىرانلىق يادرو  تېخنىكلارنىڭ بەزىلىرى باستۇرۇلغان، بەزىلىرى  پادىشاھقا ئەگىشىپ چەت ئەلگە  قېچىپ كەتكەن ، بىر قىسىمىنى     ئىسرائىلىيە  سېتىۋېلىپ ، ئىسرائىلىيىنىڭ يادرو سانائىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان .
     بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا،دەرۋەقە ئىسرائىلىيە ھەممە پايدىنى ئالغان  . 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ، ئىسرائىلىيە   ۋودورود بومبىسى بىلەن نېيترون  بومبىسى ياساش ئىقتىدارىغا ناھايىتى تېز ئېرىشكەن ،ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە بىرلىكتە ياسىغان «ئىنپېراتور كۇرۇش  » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا  1988-يىلى   مۇۋەپپىقىيەتلىك سىناق  قىلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىراننىڭ  يادرو نىشانلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغان «جېرىكو-2»تىپلىق  باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ قالدى .  ئىراننىڭ  ئىلگىرى «گۈل قۇرۇلۇشى»غا  كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ بەرگەنلىكىگە  رەھمەت ئېيتماي بولمايدۇ . ئىسرائىلىيە ھەتتا  ئىرانغا رەھمەت ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارىدى . بۇ تارىخ  19-ئەسىردىكى يەھۇدىلار ئەۋلادىدىن بولغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىنجامىن دىسرېلىنىڭ :« دۆلەتلەر ئارىسىدا مەڭگۈلۈك دوستلۇق بولمايدۇ ، مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىكمۇ بولمايدۇ،  پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلامەۋجۇت»دېگەن  سۆزىنى دەلىللەپ بەردى .

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

بېكەتلەر تورى
subihi.cn
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号