ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

كازافى ئۆلدى،ئەمما مۇستەبىتلىك دەۋرى تېخى ئاخىرلاشمىدى   <<<

جىددى مۇناسىۋەتلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 91   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-13     بېسىپ چىقىرىش

 

كازافى ئۆلدى،ئەمما مۇستەبىتلىك دەۋرى تېخى ئاخىرلاشمىدى

 

 

كازافى ئۆلدى،ياۋروپا كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئىشلىرىغا مەسئۇل رەئىسى فەن لوڭپېي ئۈمىدۋارلىق بىلەن‹‹مۇستەبىتلىك دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دەۋر رەسمىي ئاخىرلاشتى››دېدى،بۇ گەپلەر نۇرغۇن كىشىلەرگە ئاڭلىماققا ئىشەنچىسىزدەك بىلىنىدۇ.بىر سىياسىي مۇستەبىت ئادەم تەرىپىدىن 42يىل باشقۇرۇلغان بۇ دۆلەتتە،كازافىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن مۇستەبىتلىك دەۋرئاخىرلىشارمۇ؟
سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ سۆزى تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى.ئۇ  سۆزلەپ:‹‹كازافىنىڭ ئۆلۈمى لىۋىيە خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئازاپ-ئوقۇبىتىنى ئاخىرلاشتۇردى،لىۋىيە خەلقىنىڭ ‹دىموكراتىك،سىغدۇرۇشچان دۆلەت›قۇرۇپ چىقىش پۇرسىتى بار››دېدى.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،بۇ پەقەتلا بىر پۇرسەت،ئەمما لىۋىيە خەلقى بۇنىڭدىن باشلاپ مۇستەبىتلىكتىن قۇتۇلالامدۇ،ئۇنىڭ كۆڭلىدىمۇ سان يوق.لىۋىيە‹‹ئەركىن››بولغاندىن كېيىن ئىلگىركىدىن تېخىمۇ ياخشى بولارمۇ؟ ئېنىقكى، ئافغانىستان،ئىراق ۋە بايىلا ھاكىمىيىتى ئۆزگەرگەن مىسىر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنڭ قايىل قىلىش كۈچى يوق.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ:لىۋىيە پەقەت مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە يارىشىشى ئارقىلىق  ئاندىن گۈزەل كەلگۈسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ دېدى، ھەمدە چاقىرىق قىلىپ:بۇ لىۋىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ۋە قايتا قۇرىدىغان ۋاقىت،مەردلىك روھىنى نامايەن قىلىدىغان ۋاقىت،ھەرگىزمۇ قىساس ئالىدىغان ۋاقىت ئەمەس دېدى.ئاڭلىماققا بان كىمونمۇ لىۋىيىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدىغاندەك قىلىدۇ.

ئۇنداقتا غەرپ دۆلەتلىرى نېمىشقا ئىشەنچىسى يوق ئەھۋال ئاستىدا بۇنچىۋالا كۈچەيدۇ؟ئۇزاق ۋاقىت بۇرۇن،مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ  باشقىلارغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن،‹‹ئىجتىمائىي رايون ھىكايىسى››نى ئېيتىپ نەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.يەنى بىر ئىجتىمائىي رايون(مەھەللە)دا ،بىر ئائىلىدە بالىنى ئۇرۇش ئىشى يۈز بېرىپتۇ.بىر قوشنىسىنىڭ كارى بولماپتۇ.يەنە بىر قوشنىسى يۇقىرى ئاۋازدا بارىكاللا ئېيتىپتۇ.يەنە بىر قوشنىسى ساقچىنى باشلاپ كەپتۇ.مۇشۇنداق بولغىنىدەك خەلقئارا جەمىيەت بىر مەھەللىنىڭ پۇقرالىرىغا ئوخشايدۇ،كىشىلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا سەۋەبى بولمىغاچقا قولىنى قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدۇ،ھەرقانداق بىر دۆلەتتە   كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خەلقئارا جەمىيەت بۇنىڭغا ئارىلىشىشى كېرەك.بۇنداق ئالىيجاناپ ئەقىدىنى بىزنىڭ قوللىماسلىققا سەۋەبىمىز يوقتەك بىلىنىدۇ،ئەمما رىئاللىق ھەمىشە بىزنى گاڭگىرتىپ قويىدۇ.

1.خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى مەسىلىسى.نېمىشقا غەرپ دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن كۈچ كۆرسىتىش بولسا‹‹توپىلاڭ››بولۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن كۈچ كۆرسىتىش چوقۇم ‹‹ھەققانىي ئاۋاز››ھىساپلىنىدۇ؟ ئەنگىلىيىنىڭ نامايىشچىلارنى تۇتۇشى  بولسا ‹‹جەمىيەت تەرتىپىنى قوغداش››ھىساپلىنىپ،ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەردىكى نامايىشچىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى ‹‹كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش››ھېساپلىنىدۇ.نېمىشقا ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا ئۇچۇپ كىرىپ بىن لادىننى ئۆلتۈرسە بولىدىكەنۇ،باشقا دۆلەتلەردىكى جىنايەتچى ئۇنسۇرلار پاناھلىق تىلەش سەۋەبى بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىگە كىرىۋېلىپ قانۇننىڭ سىرتىدا ئەركىن يۈرىدىكەن؟مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ھەركەتلىرى نېمىشقا غەرپتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بۇنى كۆپتۈرۈپ يازسا بولىدىكەنۇ،ئەمما غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىدە ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرپىدىن ئاشكارلىنىدۇ؟

2.غەرپ دۆلەتلىرى دىققەت قىلىدغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى رايونلار ئايرىمىسى.نۆۋەتتە،سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرى  ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.ھەتتا دۇرۇس ھۆكۈمەتمۇ يوق،ئۇ يەردىكى خەلق قاتتىق ئازاپ -ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتامدۇ؟ئاساسەن ھېچقانداق خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىسى بۇنىڭغا نىسبەتەن تەپسىلىي خەۋەرمۇ بەرمىدى،ھەتتا مۇنازىرلەشكۈدەك  قىزىق نۇقتىمۇ شەكىللەنمىدى.ئەمما ئاشۇ كۈنى يامان ئەمەس ئۆتۈۋاتقان دۆلەتلەر ،بولۇپمۇ بايلىقى بار ئەمما غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمايدىغان دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.مەيلى ئىراقتىكى سادام بولسۇن ياكى لىۋىيىدىكى كازافى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ كۆزىدىن نېرى كەتمىدى.بۇ زادى ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت دۆلەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقى ئۈچۈن ياكى بولمىسا ئۇلار غەرب دۆلەتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن،ياكى يۇقىرىدىكى ھەممە سەۋەپلەر ساقلانغانلىقى ئۈچۈن  ،بۇ ئېنىق ئەمەس.

ناۋادا بىر دۆلەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ مال- دۇنياسىغا كۆز قىزارتسا ،ياكى دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە بولغان دىققىتىنى بۇرىماقچى بولسا ،ھەممىدىن ھەيۋەتلىك سەۋەپ بولسا قورال كۈچى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا  ئارىلىشىش،خەلقئارا جەمىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنى مەدھىيلەش ياكى ئەيىپلەش كېرەك؟بۇ زادى مۇستەبىتلىك تۈزۈمنىڭ ئاخىرلىشىشى ياكى يېڭى خەلقئارالىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمنىڭ باشلىنىشى؟

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

بېكەتلەر تورى
subihi.cn
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号