ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر   <<<

جىددى مۇناسىۋەتلەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 148   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-13     بېسىپ چىقىرىش

 

تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر -6

مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە


يوللاندى 09.02.2011 09:18:28 UTC
يېڭىلاندى 09.02.2011 09:18:28 UTC

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئۆتكەن ھەپتە مىسىردا باشلانغان مۇقىمسىزلىق ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى بۇ ھەپتە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايوننى بەس-مۇنازىرە پاتقىقىغا ئېلىپ كىرىدىغان قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ كەتتى. بىر تەرەپتە خەلق قەتئىي ھالدا پىرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئاغدۇرۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە ھۆسنى مۇبارەك تەسلىم بولماسلىقتا چىڭ تۇرماقتا. ئۆتكەن ھەپتە ئوتتۇرا شەرق كۈنتەرتىپىنى مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىگىلىگەن ئىدى.

دەسلەپتە چىرىكلىك ۋە ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن يىغىلغان كىشلەر توپى مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دېموكراتىيە تەلەپلىرى بىلەن تېخىمۇ زورايغان ئاڭلىق نامايىشچىلارغا ئايلاندى. بۇ ئەھۋال ھەرىكەتلەرنىڭ ئاۋاملىشىشىغا ۋە قاھىرەنىڭ مەشھۇر تەھرىر مەيدانىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يىغىلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن مىسىر كوچىلىرى دۇنيا تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىۋاستە تارقاتقان بىر ھاكىمىيەت تالىشىش مۇجادىلىسىگە ئۆزگەردى. بىر تەرەپتە، مىليونلىغان كىشى پىرېزىدېنتنىڭ ئەمەس ھازىرقى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئالمىشىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا يەنە بىر تەرەپتە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا ئات ۋە تۆگىلەرگە مىنىۋالغان بەزى كىشلەر نامايىشىچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا، ئارقىدىن ئۆلۈم ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سائەتلەپ داۋاملاشقان كوچا توقۇنۇشلىرىغا شاھىت بولدۇق. 25-يانۋاردا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن مۇبارەككە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئاخىرىدا مۇبارەكنىڭ 2011-يىلى سېنتەبىردە ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامغا نامزات بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئورنىنى ئوغلى جامال مۇبارەككە بوشىتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن باشقىچە ۋەزىيەت شەكىللەندى. 28-يانۋار كۈنىدىكى نامايىشتىن كېيىن مۇبارەكنىڭ ھاكىمىيەتتىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. بىراق بۇ باسقۇچتا مۇبارەكنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆكتىچىلەرگە ئەمەس يىللاردىن بېرى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقى ئۆمەر سۇلايمانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندەك كۆرۈنمەكتە. دەرۋەقە، 1-فېۋرالدىن ئېتىبارەن مىسىرغا ۋاكالىتەن بارلىق دۆلەت باياناتلىرىنى بىۋاستە ئۆمەر سۇلايمان ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. كېيىنكى كۈنلەردە نامايىشچىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىشلىرىنىمۇ ئۆمەر سۇلايمان ئېلىپ بارماقتا. 30

يىلدىن كېيىن ھۆسنى مۇبارەكنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت تەيىنلەپ چىقىشى كۆپلىگەن گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئىجابىي ئۆزگىرىش دەپ قارالسىمۇ، بۇ ئەھۋال ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قاھىرە قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەردە يېڭى بىر ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سىگنالى ئىدى. مىسىردا نامايىشلار جىددىي شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەرە پىرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەك ئويلىمىغان يەردىن 30 يىلدىن بېرى ھېچكنىمۇ تەيىنلىمىگەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق ئورنىغا مىسىر بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقى ئۆمەر سۇلايماننى تەيىنلىشى ئىتايىن مۇھىم بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. مىسىر ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت بىرەر سەۋەبتىن يوق بولۇپ قالغاندا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئالدى بىلەن مۇئاۋىن پىرېزىېنت تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن. ئەگەر نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن ھۆسنى مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن تەقدىردە، ھاكىمىيەت ئاساسىي قانۇن بويىچە ئۆمەر سۇلايمانغا ئۆتىشى ۋە سايلامغىچە ئۆمەر سۇلايماننىڭ ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىشكە تىرىشىشى مۇمكىن.

بۇ دائىرىدە مۇبارەكتىن كېيىنكى مەزگىلدە مىسىردا ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ ئىككى رەھبەرلىكى بولىدىغاندەك قىلىدۇ. بىرىنچى گۇرۇپپا، ئۆمەر سۇلايمان باشچىلىقىدا قۇرۇلغان مىسىر ھۆكۈمىتى. ئىككىنچى رەھبەرلىك بولسا، ئەل بەرادەئى رەھبەرلىكىدىكى لىبېراللار، قانۇن خادىملىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ياشلاردىن تەشكىل تاپقان ئىسلاھات ھەرىكىتى، ياش ئوفېستىلار دەپ تەرىپلەنگەن ئەسكەرلەر بىلەن ئىسلامچى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىدۇر. ھاكىمىيەت كۈرىشىدە كىمنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. بىر تەرەپتىن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ۋە تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىسلاھات ھەرىكىتى رەھبەرلىرى بولسا، يەنە بىر تەرەپتە كونا تۈزۈمنىڭ يېڭى رەھبەرلەر بىلەن داۋاملىشىشىنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلار بار. ئالدىمىزدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان گۇرۇپپىلار نامايىش قىلىشنى توختاتقان تەقدىردە ھېچ بولمىغاندا مۇئاۋىن پىرېزدېنت ئۆمەر سۇلايماننىڭ كوچىلارنى كونترول قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشتە مۇھىم باسقۇچ بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتە نامايىشىچىلار بارلىق بېسىم ۋە بەزدۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە، كوچىلاردىكى كۈچىنى ۋە تەسىر دائىرىسىنى قوغداپ قالالىسا، مىسىرنى يېڭى بىر دەۋەر كۈتۈۋالىدۇ، دېسەك خاتالاشمىغان بولىمىز.

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

/ulhnar.com
بېكەتلەر تورى
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号