ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

مەڭگۈلۈك ئۇدۇم — دوپپا   <<<

تارىخقا نەزەر

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 170   يوللانغان ۋاقتى:     2011-11-13     بېسىپ چىقىرىش

 

مەڭگۈلۈك ئۇدۇم — دوپپا

 

 

 
 
 
(1.دوپپىدىكى ھىكمەت ۋە خىسلەت)
بۇدۇنيا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن گۈزەلدۇر. ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ
پسىخىك خاراكتىرىگە خاس مەدەنىيەت يارىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ خاس مەدەنىيىتى
شۇ مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەر مىللەتنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى
دۇنيانىڭ يارىشىقى ھەم دۇنيا مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ خۇشپۇراق بىر گۈلىدۇر.
بۇ گۈلنىڭ پۇراقلىق ياكى پۇراقسىز بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشى،
قەدىرلىشى ۋە ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش-سۆيمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۆيگۈسىز
دۇنيا، سۆيگۈسىز گۈللىنىش ۋە سۆيگۈسىز مىللەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر بىر
مىللەت ئۆز مىللىتىنى سۆيمىسە، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلىمىسە، ئۇ مىللەتتىن
ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۆزىنى تونۇش، ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە قوغداش شۇ
مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، رەڭدار دۇنيا
مەدەنىيەت باغچىسىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. شۇڭا ھەر بىر
پۇقرا ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى
ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى دەپ بىلىشى
لازىمدۇر.

زامانىۋىلىشىش يولىدا
تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ دۇنيادا ئېرىشىش بىلەن يوقىتىش تەڭ نىسبەتتە
مەۋجۇتتۇر. بۇ تەتۈر تاناسىپلىق ئىلگىرىلەش مەلۇم مەنىدە خاسلىق ۋە خاس
مەدەنىيەتنىڭ بىر-بىرلەپ يوقىلىشىغا سەۋەب بولماقتا ۋە تەدرىجى ھالدا
مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر خىللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. دۇنيا مەدەنىيەت
باغچىسىنىڭ رەڭگا رەڭلىكىنى ساقلاشتا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن خاس
مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى بىر رېلىسقا چۈشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز
ئۇزۇن تارىخى دەۋرلەردىن بۇيان ئۆز مىللىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي تاپقۇزۇش
يولىدا ئۆزىگە خاس شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بەرپا قىلغان ھەم ئاسىيا ۋە
ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن جۇلالىق
مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇزۇن تارىخ ۋە ئەينى زاماندىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ
مەدەنىيەتتىكى سەلتەنەتلىك ئورنىنى دەلىللىگۈچى پاكىتتۇر. ئۇلار ئوتتۇرىغا
قويغان ئېتىقاد، ئالەم، تەبىئەت، گۈزەللىك ۋە ئادەم توغرىسىدىكى
ئۇقۇملارنىڭ ئىلمىي، مەنتىقىيلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىدا جۇلالىنىپ تۇرغان كىيىم-كېچەك سەنئىتى
ئەنە شۇنداق ئىلمىي گۈزەللىك قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بىباھا سەمەرىدۇر.

ئەجداتلىرىمىز
خاس تىل ۋە يېزىق ئىجات قىلىشتىن باشقا مىللەتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ
بېرەلەيدىغان ئۆزگىچە كىيىم-كېچەك سەنئىتىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.
ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك سەنئىتى شامانىزم، بۇددىزم، ئىسلامىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ
چوڭ ئىسلاھات دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئىسلاھ قىلغانچە گۈزەللىشىپ،
تاكامۇللىشىپ بارغان.

ئۇيغۇرلار
ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كىيىم-كېچەك سەنئىتىدە زور ئۆزگىرىش
بولغان بولسىمۇ، شامانىزم ۋە بۇددىزم دەۋرىدىكى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك
سەنئىتىدىكى ئىتىقاد، ھاياتلىق ۋە گۈزەللىككە دائىر بىر قىسىم ئۇقۇم ۋە
ھۆكۈم ساقلىنىپ قالغان. ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك سەنئىتى ئىچىدە باش كىيىمنى
قانداق تىكىش، گۈل-نۇسخا، نەقىش، رەڭ-سىزىقلار ئارقىلىق نېمىلەرنى ئىپادە
قىلىش، قانداق كىيىش دېگەن مەسىلىلەردە ئۆزىگە خاس قاراش-چۈشەنچىلەرنى
ئىپادە قىلىپ كەلگەن.
كىيىم-كېچەك
سەنئىتى مەلۇم كىشىنىڭ تەسەۋۇرىدىكى ئۇنداق ئاددىي نەرسە ئەمەس. ھەم ئۇ
قانداقتۇر بىرەر كىشىنىڭ ئىجادىيىتىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ
ئەقىل-پاراسىتى، ئالەم، تەبىئەت، ئادەم، گۈزەللىك چۈشەنچىلىرى
مۇجەسسەملەنگەن.
بىزدە
ئۇيغۇر مەدەنىيەت قاتلىمىغا سىڭگەن قاراش-چۈشەنچىلەرنى ئىسپاتلاپ
بېرەلەيدىغان تارىخىي يازما ماتېرىياللار كەم بولغاچقا، كىيىم-كېچەك
سەنئىتىگە جۇغلانغان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى ھەققىدە ئېنىق شەرھ-جاۋابقا
ئېرىشىشتە سەل قىينىلىمىز. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، قول
ھۈنەرۋەنچىلىك، كەشتىچىلىك، گىلەمچىلىك، كىگىزچىلىك، قىياتاش ئويما
رەسىملىرى ۋە تاشكېمىرلەردىكى رەسىملەر قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت
ھادىسىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇرمىز. بىز ئۇيغۇر خەلق ئېغىز
ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە-رىۋايەت، چۆچەك،ماقال-تەمسىل ۋە بىيىتلەرنى ئۇيغۇر
ھۈنەر-سەنئىتى ۋە تاشكىمىرلەرنىڭ تام رەسىملىرىدىكى كىيىنىش ئادەتلىرى،
تۇرمۇشىمىزدىكى گۈل-نۇسخا، ئەندىزە، رەڭ، بەلگە چۈشەنچىلىرى بىلەن
بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىيىم-كېچەكلەرگە
سىڭدۈرگەن ئېستېتىك مەدەنىيەت قارىشىنى يورۇتۇشتا بىر قەدەر ئىلمىي ئۈنۈم
ھاسىل قىلالايمىز.

ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تۈرى
كۆپ بولۇپ، ھەر بىر تۈرگە مول مەزمۇن، چۈشەنچە-قاراش، سىڭگەن. مەلۇم باش
كىيىملەردە تەڭرىگە سېغىنىش ئىپادە قىلىنغان بولسا، مەلۇم باش كىيىملەردە
يارىلىش ۋە يارالمىش ھەم تەقدىر توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە ھۆكۈملەر
ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىتىقات، تەقدىر توغرىسىدىكى بۇ خىل
بايان-ھۆكۈملىرى بىزنى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخ، خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك
قارىشىنىڭ يېتىلىش مەنبەسى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.

خوش،
ئۇنداقتا ئۇيغۇر باش كىيىملىرىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭغا سىڭگەن مەدەنىيەت
چۈشەنچىسى، ئېستېتىك قاراشلارنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئۇ خالىغانچە كىيسە،
تىكسە، تاشلىسا، خالىغانچە مۇئامىلە قىلسا بولىۋېرىدىغان نەرسىمۇ ياكى ھەر
بىر سىزىق، قىر، رەڭ، نەقىش، گۈل نۇسخىلىرىدا ئۆزىگە خاس بىلىم، تارىخ،
چۈشەنچە-قاراش سىڭدۈرگەن، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ مۇجەسسىمى
سۈپىتىدىكى، مەلۇم مەنىدە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئىپادە قىلىپ بېرىدىغان
مەدەنىيەت ھادىسىسىمۇ؟ بىز بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ باقايلى.

باش كىيىمنىڭ كېلىپ چىقىشى

ئىنسانلار
دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىش-ھەرىكىتى ۋە
تىلغا قوماندانلىق قىلغۇچى باشنىڭ مۇھىملىق رولىنى ھىس قىلىپ، ئۇنى قانداق
قوغداش، قانداق ئىشقا سېلىش مەسىلىسىنى ئويلاشقان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ
ئۆز مىللىتىگە خاس باش كىيىم ئىجات قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ
باش شەكلى بىلەن تونۇشقان. باشنىڭ چوڭ تەرەپتىن تۆت قىرلىق ئىكەنلىكى ھەم
تۆت قىرنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ تۆت تەرىپى ۋە ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەبىئەت تۆت
تەرەپ قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە
تەكرار نۇقتا ۋە تەكرار سىزىقلارنىڭ گۈزەللىك قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن
كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. نەتىجىدە باشقا ماس تۆت قىرلىق باش
كىيىملەرنى ئىجات قىلغان ھەم ئادەمگە ئەنە شۇنداق مۇھىم ئورگاننى تەقدىم
قىلغان تەڭرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. باش كىيىمگە تەڭرى سۈرەتلىرىنى چۈشۈرۈپ
تەڭرىگە بولغان سېغىنىش ۋە ئېتىقادىنى بىلدۈرگەن ھەم تەڭرىنىڭ ھېمايىسىگە
ئېرىشىپ ياماندىن ساقلىنىپ، بەخت-سائادەتكە يەتمەكچى بولۇشقان. شۇڭا: 1.
باش كىيىمگە كۆك تەڭرى ۋە كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ
ھۈرمەت، ساداقەتنىڭ ئىپادىسى؛ 2. باش كىيىم باشنى خەتەردىن ساقلايدۇ؛ 3.
باش كىيىم باشنى پاكىزە تۇتىدۇ؛ 4. باش كىيىم كىيمەي يۈرۈش-تەڭرىگە،
ئۇلۇغلارغا ۋە چوڭلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك؛ 5. قان تومۇرلار ئىسسىقتا
كېڭىيىپ، سوغۇقتا تارىيىدۇ. باش كىيىم باشنى ئىسسىق سوغۇقتىن ساقلاپ، قان
تومۇرلارنىڭ راۋان، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى كاپالەتلەندۇرىدۇ؛ 6. باش
كىيىمگە شۇ مىللەتنىڭ گۈزەللىك قارىشى، مەدەنىيەت چۈشەنچىسى سىڭگەن. ئۇ
مەلۇم مەنىدە مىللىي كىملىكنىڭ ئىپادىسى. دېمەككى، باش كىيىم ئۆزىگە
يۇقىرىقىدەك ھىكمەت-قىممەتلەرنى جۇغلىغان ئاساستا مەيدانغا كەلگەن. شۇ
سەۋەبلىك خەلقىمىز تەرىپىدىن چوقۇم ئىلمىي، توغرا، ئىزچىل كىيىلىشى كېرەك
بولغان كىيىم-كىچەك تۈرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

دوپپا ئەستىرىنىڭ رەڭگى


ھەرقانداق
دوپپىنىڭ ئەستىرى چوقۇمكى قىزىل رەڭدە، قىزىل رەختتىن بولىدۇ. بۇ بىزنى
ئويلىنىشقا ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

جەمئىيەتتە
« دوپپىنىڭ رەڭگى نېمە ئۈچۈن قىزىل رەڭدە بولىدۇ؟ » دەگەن مەسىلىدە
ئوخشىمىغان قاراشلار بار. بەزىلەر: قىزىل رەڭنىڭ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن
پايدىسى بار، دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇ پىكىرنىڭ ئاساسى بار. چۈنكى قىزىل رەڭنىڭ
قوزغىتىش ۋە روھلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. شۇڭا دوپپا كەيگەندە ھەر قېتىم
قىزىل رەڭ كۆزگە چېلىقىپ ئادەمنى روھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

يەنە
بەزىلەر:قىزىل رەڭنىڭ باش بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەيدۇ. بۇ پىكىر
ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى ھەرقانداق رەڭ قاراڭغۇلۇققا
كىرگەندە ئۆز رەڭگىنى يوقىتىدۇ. بۇ پىكىرنى قوللاشقا ئامالسىزمىز.

يەنە
بەزىلەر ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلگەن، دوپپا
ئەستىرىدىكى قىزىل رەڭ قاننىڭ سىمۋولى دېيىشىدۇ. بۇ پىكىرنى ئويلىشىشقا،
چوڭقۇر ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دوپپا ئەستىرىنىڭ قىزىل رەڭگى راست
ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېنىنىڭ سىمۋولىمىدۇ؟ مەنچە بۇ پىكىر رېئاللىققا
ئۇيغۇندەك قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ئاسان ئەمەس. بىر
مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى، ئۆزىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئۆزىگە خاس
مەدەنىيەت بەرپا قىلىشى نۇرغۇن قان تۆكۈش ۋە ئىجتىمائىي كۆرەش ئارقىلىق
ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ قان بەدىلى تۆلىمەي مىللەت ئاتالغان مىللەت
يوق. ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئورۇن، تەسىر، ھوقۇق، مەدەنىيەت،
ھۆرلۈك ئۈچۈن قان-ياشلىق كۆرەش قىلغان. مەدەنىيەت ۋە مىللىي سالاھىيەت
ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. شۇڭا تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش،
ئېرىشكەن شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەتنى ساقلاش، قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى
ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش مەقسىتىدە دوپپىنىڭ ئەستەر رەڭگىنى قىزىل قىلىپ
بەلگىلىگەن بولۇشى ئەمەلىيەت ۋە تەسەۋۋۇرغا ئۇيغۇن. ئۇيغۇر باش
كىيىملىرىدىكى ئېتىقاد، ئالەم، تەبىئەت، ئادەم ۋە گۈزەللىك توغرىسىدىكى
ئىپادە-چۈشەنچىلەر بۇ قاراشنىڭ راستلىقىنى دەلىللەيدۇ.

ئۇيغۇر باش كىيىملىرىدىكى سۈپەتلەر


ئۇيغۇر
باش كىيىملىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بادام دوپپا،
چىمەن دوپپا، گىلەم دوپپا، كۈكمەت تۇماق، تەلپەك، قاما تۇماق، ئىگىز تۇماق
ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەر خىل باش كىيىم بولۇپ 200 خىلدىن ئاشىدۇ.
بۇ باش كىيىملەرنىڭ بەزىلىرىگە كۆك تەڭرى سۈپەتلىرى، بەزىلىرىگە كۈن تەڭرى
سۈپەتلىرى، يەنە بەزىلىرىگە يارىلىش ۋە يارالمىش تەقدىر توغرىسىدىكى
تەسۋىرلەر چۈشۈرۈلگەن. يەنە بىر قىسىم باش كىيىمگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ
گۈزەللىك توغرىسىدىكى چۇشەنچىلىرى سىڭدۈرۈلگەن.

مىسالەن:
ئەرەنچە، ئايالچە ئاق، سارغۇچ، كۈكۈچ، قىزغۇچ، يېشىل قاتارلىق رەڭلەردىن
تەركىب تاپقان گۈل قوندۇرۇلغان دوپپىلارنىڭ تېگى رەڭگى قارا، قارا كۈك،
قارا يېشىل، قارامتۇل قىزىل رەڭلەردە بولىدۇ، تەگ رەڭلەر كۆك تەڭرىگە
سىمۋول قىلىنغان.

كۆپىنچە كىشىلەر دوپپا نېمىشقا تۆت قىرلىق؟ دوپپىنىڭ رەڭگى نېمە ئۈچۈن مۇنداق رەڭلەردە بولىدۇ؟

بۇ
دوپپىدا نېمە بار؟ نېمە ئىپادە قىلىنغان؟ دېگەنلەرنى ئانچە ئويلىشىپ
كەتمەيدۇ، بەلكى دوپپىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ياراشقان-ياراشمىغانلىقىنى بەكرەك
نەزەرگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە دوپپا تۈرلىرىنى ئىنچىكىلەپ كۈزەتسەك، كۆك
ئاسماندا پارلاۋاتقان قۇياشنىڭ كۆرۈنۈشى، قارا رەڭلىك ئاسمان يەنى تەڭرىنىڭ
قۇچىقىدا پارلاۋاتقان قۇياشنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە قۇياشنىڭ ھەر خىل ۋاقىتتىكى
رەڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مانا بۇ باش كىيىملەردىكى تەڭرى
ئۇقۇمىنى ئۇيغۇر گىلەمچىلىك سەنئىتىدىكى قۇياش نۇسخىلىق گىلەم، قۇياش ۋە
يەتتە پىلانېتا چۈشۈرۈلگەن گىلەم؛ كېرىيە ئاياللىرىنىڭ كۆك تەڭرى ۋە يەتتە
قات ئاسمانغا سىمۋول قىلىنغان چوڭ چاپىنى قاتارلىقلار قەدىمىي ئۇيغۇرلاردا
كارامەت سەلتەنەتلىك
مەدەنىيەتنىڭ ئۆتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ ۋە يۇقىرىقى كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم دەلىللەيدۇ
(2.ئۇيغۇر باش كىيىملىرى)
بادام
دوپپا دېسە نۇرغۇن ئادەم دەماللىققا گۈل نۇسخىسى بادام شەكلىدىرەك
كۆرۈنىدىغان دوپپىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن بۇ دوپپا گۈلى باداممۇ
ياكى باشقا نەرسىنىڭ سىمۋولىمۇ؟ بىز دەۋاتقان دوپپا ئاشۇمۇ ياكى باشقا
دوپپىمۇ؟ بادام شەكلى شۇنداقمۇ؟ دېگەن نەرسە ئېسىگە كىرىپمۇ چىقمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ بادام دوپپىغا چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىسى ئەجداتلىرىمىزنىڭ
يارىلىش­­-يارالمىش ۋە تەقدىر توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئىدى. بۇ ھۆكۈم دوپپىدا
ئىپادە قىلىنغان؛ بۇ دوپپىنىڭ تەگ رەڭگى قارا بولىدۇ، بۇ قارا رەڭ كۆك
تەڭرىگە سىمۋول. دوپپىنىڭ ئۈستىدە ياي شەكىللىك بادامغا ئوخشاپ كېتىدىغان
بىر شەكىل بار. بۇ شەكىلنىڭ قورساق قىسمىدا بوغۇرساقتەك نەرسە بار. ئويلاپ
كۆرەيلى، بادامدا شۇنداق شەكىل بارمۇ؟ مېنىڭچە، يوق دېگىلى بولماس، لېكىن
بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
شۇڭا دوپپىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى گۈل نۇسخىسىنى بادام ئۆرنىكى دېيىش ئانچە
مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇ نېمە؟ مېنىڭچە، ئۇ بالا كۆتۈرۈپ تۇرغان ئانىنىڭ
سۈرىتى. بۇنى ئاددىي نەزەر ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.
غۇۋالاشتۇرۇپ كۆرسەك بالا قۇچاقلىۋالغان ئانىنىڭ بەدىئىي سۈرىتىنى ئېنىق
كۆرەلەيمىز.
بادام دوپپىنىڭ كېزەك تەرىپىدە كۈۋرۈك شەكىللىك گۈل نۇسخىسى بار. بۇ نېمە؟
بۇنىڭغا
بەزىلەر قەبرە دېسە، يەنە بەزىلەر يەر دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئېنىق پىكەر
بىرلىكى شەكىللەنمىدى. مەيلى يەر دەيلى، مەيلى قەبرە دەيلى، بۇ ئىككىسىنى
ئەمەلىيەتكە سەل يېقىنلاشقان دېيىش مۇمكىن.. بۇ كېزەكتىكى گۈل نۇسخىسى ھەر
خىل بولۇپ، بەزىلىرى ئوخشاش شەكىلدە بولىدۇ. بەزىسى دۆڭلۈك شەكىلدە كەلسە،
بەزىسى كۆۋرۈك شەكلىدە كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمە دېمەكچى؟
ئەجدادلىرىمىز: سېنىڭ ھاياتلىق تەقدىرىڭ، دەيدۇ. ياراتقۇچىنىڭ قۇدرەت
كامالى بىلەن ئانىدىن يېڭى جان دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئادەم تۇغۇلدى، يەرگە
چۈشتى. بىر دۆڭ – بىر كۆۋرۈك. بىر دۆڭ بىر كۆۋرۈك – سېنىڭ ھاياتلىق
مەنزىلىڭ. سەن بەسىدە بەخت-سائادەتلىك بولىسەن، بەسىدە خارابلىشىسەن، بىر
چىقىسەن، بىر چۈشىسەن؛ بىر چىقىسەن، بىر چۈشىسەن؛ دۇنيا مانا مۇشۇنداق دەۋر
قىلىپ تۇرىدۇ. بىر چىقىپ، بىر چۈشۈش سېنىڭ تەقدىرىڭدۇر، دەيدۇ. نەپىس
سەنئەت ئەسەرلىرىدە بادام شەكىللىك ئادەم سۈرەتلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ
ئەسەرلەر يۇقىرىقى كۆزقاراشنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مەن بۇ رەسساملىقتىن
تۇغۇلغان پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىلىپ تۇرۇپتىمەن، نۇرغۇن كىشى
قارشى چىقىدۇ. ئەمما مەن قارشى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قارشى
ئەمەسمەن. قارشى پىكىر مېنىلا ئەمەس، بەلكى ئاۋام خەلقنىمۇ تەربىيىلەيدۇ.
مۇلاھىزە-مۇھاكىمە ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىيىمىگە ئۆزىمىز باھا بېرەيلى.

چىمەندوپپا

چىمەن
دوپپا كۆكلەم (ھاياتلىق)قا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھاياتنىڭ
كۆكلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ دوپپىدا ئوتتۇرىدىن چىققان دەرەخ
غولىدەك پور رەڭلىك بىر شەكىل بار. ئۇنىڭدىن ئۇزۇن شاخچىلار چىقىپ تۇرىدۇ.
ھەربىر ئۇزۇن شاختا بادام شەكىللىك يوپۇرماقتەك بىر شەكىل بار. بۇ نېمىنى
بىلدۈرىدۇ؟ دوپپىنىڭ تالاسى ۋە كېزەكتىكى گۈللەرنى بىرلەشتۈرۈپ چوڭ
تەرەپتىن كۈزەتسەك بىر تال مايسا شەكلى پەيدا بولىدۇ، بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
بۇ مايسا كۆكلەشنى بىلدۈرسە، چوڭ شاخ ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭۈللۈك
ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر بۇنى يوپۇرماق ئىكەنغۇ دەيدۇ،
ئەمەلىيەتتە ئەجدادلىرىمىز بىزگە دېمەكچى، چۈشەندۈرمەكچى بولغان نەرسە دەل
بادامسىمان يوپۇرماقتۇر. ئۇ بىر قارىسا يوپۇرماققا، بىر قارىسا بادامغا
ئوخشايدۇ. بىز بۇ شەكىلنى بادامدوپپا بايانى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق
قارىشى بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلغىنىمىزدا، بۇ شەكىلنى ئانىنىڭ سۈرىتى دەپ
جاۋاب بېرەلەيمىز. چۈنكى ئانىسىز ھاياتلىق بولماس.

كېرىيە تەلپىكى


كېرىيە
تەلپىكى – ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك باش
كىيىمى، يەنى كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئۈستىگە قىيپاش قادايدىغان،
يەرلىك خاسلىققا ئىگە بولغان، تەڭرى سۈپەتلىرى چۈشۈرۈلگەن، زىننەت بۇيۇمى
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە باش كىيىمىدۇر.

بۇ
تەلپەكنىڭ تەگ دىئامېتىرى cm10 ئەتراپىدا، ئىگىزلىكى 5-6 cm ئەتراپىدا،
ئۈستىنىڭ دىئامېتىرى 3-4 cm ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈستى تەرەپكە كۈمۈشرەڭ ياكى
يىشىلراق رەخت، 5-6 cm ئىگىز جايىغا قارا قوزا كۈرپىسى، بۇغداي كۈرپىسى ۋە
بەسىدە قوپالراق توقۇلغان توقۇلمىدىن تىكىلىدۇ. كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەن
يېقىشلىق ۋە چىرايلىق. بىز ئادەتتە بۇ تەلپەكنى يان تەرەپتىن
كۈزەتكىنىمىزدە، ئۇنىڭ پەقەت زىننەت بۇيۇمى ئىكەنلىكىنىلا كۆرەلەيمىز.
ئەمما ئۈستى تەرەپتىن كۈزەتكىنىمىزدە، ئەتراپى قارا، ئوتتۇرىسى قۇياش رەڭ
بىر نەرسىنىڭ يالتىراپ تۇرغىنىنى بايقايمىز. مانا بۇ ئەجدادلىرىمىز
ئۇقۇمىدىكى كۆكتەڭرى بىلەن كۈن تەڭرىنىڭ سۈرەتلىرىدۇر. كېرىيە ئاياللىرى بۇ
ئېتىقاد بەلگىسىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد خاس زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە بېشىغا
قاداپ كەلگەن.

ئىگىز تۇماق (يېڭىسار تۇمىقى)


بۇ
تۇماقمۇ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئېتىقاد شەكلىنى ئالغان قەدىمىي باش
كىيىمىمىزدۇر. بۇ تۇماقنىڭ ئەڭ ئىگىزلىرى 30 cm ئەتراپىدا بولۇپ، قارا قوزا
ۋە ئاق قوزا كۈرپىسىدىن تىكىلىدۇ. بۇ تۇماق ئادەتتىكى كۆرپە، قوناق كۆرپە،
بۇغداي كۆرپە قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. قارا كۆرپىدىن تىكىلگەن
تۇماقنىڭ ئۈستى يۇمۇلاق ئاق تېرە ياكى ئاق كۆرپىدىن تىكىلگەن تۇماقنىڭ
ئۇلىمىسى يۇمۇلاق قىزىل رەختتىن تىكىلىدۇ. بۇ تۇماقلارنى ئۈستى تەرىپىدىن
كۈزەتكىنىمىزدە قارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاق قۇياش، ئاق كۆرپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا
قىزىل قۇياشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ تۇماقلاردىمۇ
ئوخشاشلا كۈنتەڭرى بىلەن كۆكتەڭرى سۈپەتلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئەرەنچە،
ئايالچە قاما تۇماقلاردىمۇ بۇ خىل شەكىللەر كۆرۈلىدۇ. تۇماقتىكى بۇ
ئىپادىلەر دوپپىدىكى تەڭرى ئۇقۇمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(3.گۈزەللىك ۋە دوپپا كىيىش قائىدىسى)

تەبىئەت
دۇنياسىنىڭ گۈزەللىك قانۇنىيىتىنى ھېس قىلالماسلىق، تەبىئەت دۇنياسىدىن
ئىبارەت تۇنجى ئۇستازنى دوست تۇتماسلىق — نادانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.
ئويلاپ كۆرەيلى، قانداق كەشپىيات تەبىئەت دۇنياسىدىن مۇستەسنا بارلىققا
كەلگەن؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. بىز ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتتا تەبىئەت دۇنياسىغا
مۇراجىئەت قىلماي تۇرالمايمىز. شۇڭا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى
پۇختا ئىگىلەش، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى
بىلىش ۋە چۈشىنىش ئىنتايىن زۆرۈر.ئەجداتلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئۇقۇملىرى ۋە
ئۇلار ياراتقان جۇلالىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا گۈزەللىك جەھەتتە قىل
سىغمايدۇ. بىراق بىز تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن مەھكەم بىر گەۋدە
ھاسىل قىلغان دوپپىدىكى سىر-ھېكمەتنى چۈشەنمەسلىكتىن بەزىبىر خاتالىقلارنى
سادىر قىلىپ قويدۇق. ئاددىيسى دوپپىنى قانداق كىيىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدە
خىلمۇ-خىل قاراش بار. توغرا، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قارىشى بار. ئەمما
گەپنى پاكىتلىق، ئىلمىي قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ جەھەتتە ئۇزۇن يىللىق
كۈزىتىش، ماتېرىيال كۆرۈش، جەمىيەتتە تەكشۈرۈش ۋە كەسپىي سېزىمىم بىلەن
بىرلەشتۈرۈپ ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويىمەن:

1.
دوپپىنىڭ تۆت قىرلىق لايىھىلىنىشى قانداقتۇر ھازىرقى بازار ئېھتىياجى ئۈچۈن
ئەمەس. چۈنكى دوپپا يېقىنقى دەۋردە ئىجاد قىلىنغان باش كىيىم ئەمەس، بەلكى
ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل-پاراسەتلىرىنىڭ
جەۋھەرلىرىدىندۇر. ئەينى زامانلاردا ئەجداتلىرىمىز ئادەم بېشىنىڭ تۆت
قىرلىق-تۆت تەرەپلىك كېلىدىغانلىقى، تۆت تەرەپنىڭ — ئادەمنىڭ تۆت تەرىپى
ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەبىئەت تۆت تەرەپ قارىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى
ئېنىقلاپ چىققان ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن دوپپىنى تۆت قىرلىق قىلىپ لايىھىلىگەن
ھەم دوپپىنىڭ تۆت قىرىنى باشنىڭ، بەدەننىڭ تۆت تەرىپىگە كەلتۈرۈپ كىيىشنى
بەلگىلىگەن.

2.دوپپىنىڭ تۆت قىرىنى ئادەمنىڭ تۆت تەرىپىگە توغرىلاپ
كىيىشنىڭ مۇنداق سەۋەبلىرى بار: ئۇيغۇر دوپپىلىرىغا شامانىسم ئېتىقادىدىن
قېپقالغان ئېستېتىك قاراش – چۈشەنچە بويىچە كۆك تەڭرى ۋە كۈن تەڭرىنىڭ
سىمۋوللۇق بەلگە-سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن. كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتى تۆت تەرەپتىن
ئېنىق كۆرۈنىدىغان بولۇشى، ئالدى تەرەپتىكى كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتىنىڭ خۇددى
تاج شەكلىدە پېشانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر
ئەينى زاماندا بولسا، كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتىنى پېشانىگە كەلتۈرمەيمۇ مۇمكىن
ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ كۈن تەڭرى-دە!

ئەمەلىيەتتىمۇ كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتى
باشنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە توغرا كېپقالسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىقاد
چۈشەنچىسىگە توغرا كەلمەيدۇ. ئىستېتىك ئاڭنىڭ ئىپتىدائىي مەنبەسىدىن
ئالغاندا، كۈن تەڭرى چوقۇم پېشانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىشى ۋە تۈت
تەرەپ ئېنىق بولۇشى لازىم.

3. تۈز سىزىق، تۈز بەتكە بۇلۇڭنى زورلاپ
كەلتۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. گەرچە دوپپىنىڭ توقۇلىشى يۇمۇلاق توقۇلغان
بولسىمۇ، تۆپە تەرەپ تۆت قىرلىق بولغىنى ئۈچۈن كۆرۈش سېزىمىدە دوپپىنىڭ
قانداقتۇر بىر يېرى قولاشمايۋاتقاندەك، دوپپىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا يوچۇق
قالغاندەك سېزىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بەزى كىشىلەر يېڭى دوپپا كەيگەندە
دوپپىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا بوشلۇق پەيدا بوپقالىدۇ. مانا بۇ دوپپىنىڭ خاتا
كىيىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

4. رەسساملىق نۇقتىسىدىن نەپىس سەنەتتىكى
قائىدە-قانۇنىيەتلەر تەبىئەتنىڭ گۈزەللىك قانۇنىيىتىنىڭ نەزەرىيەۋىلەشكەن
ئىنكاسىدۇر. بىز تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ
گۈزەللىكىنىڭ مۇئەييەن قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
ئەمەلىيەتتىمۇ تەبىئەت دۇنياسىدا پۈتۈنلەي ئوخشاش چىراي، ئوخشاش ئاۋاز،
ئوخشاش شەكىل، ئوخشاش رەڭ تۈسى، تەكرار سىزىق، تەكرار نۇقتا، چەكسىز ئۇزۇن
سىزىقلار مەۋجۇد ئەمەس. ھەتتا بىزگە ئوخشاش كۆرۈنىدىغان دەرەخ
يوپۇرماقلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ، تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ
ئاساسىدۇر. گۈزەل سەنئەت پىشىۋالىرىمىز گۈزەللىك توغرىسىدىكى تارىخىي
خاتىرىلىرىدە بۇنى نەزەرىيە ۋە شەكىل جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىق دەلىللەپ
بەرگەن . ئەمەلىي تۇرمۇشتا تەكرار نەرسىلەرنىڭ يېقىمسىز كېلىدىغانلىقىنى
ھەممىمىز بىلىمىز. ئوخشاشلا دوپپا كىيىشىمىزدە تەكرارلىقنىڭ پەيدا بولۇشى
ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. “دوپپىنى قانداق كىيىش كېرەك؟” دېگەن مەسىلىدە،
بەزىلەر: دوپپىنىڭ قىرىنى پېشانىگە كەلتۈرۈپ كىيىش كېرەك، دەيدۇ. بۇ خىل
دوپپا كىيىش ئىگىز قاڭشىرىمىز ۋە ئىككى قۇلاق تەرەپتە تەكرارلىق پەيدا
قىلىدۇ. بۇ تەكرارلىق گۈزەل سەنئەتنىڭ گۈزەللىك قائىدىسىگە ئۇيغۇن
كەلمەيدۇ. گۈزەل سەنەتتە تەكرارلىق گۈزەللىكنى بۇزىدۇ، دەپ قارايمىز.
ئەمەلىيەتتىمۇ دوپپىنىڭ قىرىنى پېشانىمىزگە كەلتۈرۈپ كەيسەك بىر چىرايلىق
ئوبرازىمىزنى بۇزىدۇ، خاسلىق يوقىلىدۇ. بۇنداق كىيىلگەن دوپپا كىشىگە
جايىنى تاپالمىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ئەمما دوپپا كىيىشنىڭ توغرىسى –
قاڭشىرىمىزنى بىر تىك سىزىق دەپ ھېسابلىساق، بۇ تىك سىزىققا دوپپىنىڭ
قىرىنى ئەمەس، يۈز (بەت) قىسىمنى ئۇدۇل كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. دوپپا شۇنداق
كىيىلگەندىلا گۈزەل سەنئەت ئىلمىدىكى گۈزەللىك قائىدىسىگە چۈشىدۇ ھەم
دوپپىنى توغرا كەيگەن بولىمىز. بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئىشتا قانۇنىيەت
– ئۆلچەمدۇر.

باش كىيىملىرىمىزنى تاپايلى

كىمنىڭ
قانداق كىيىم كىيىشى شەخس نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ خاھىشىدىكى ئىش. ئەمما چوڭ
توپ – مىللەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا بەلگىلىك مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەت
تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مەسىلە.

زامانىۋىلىشىش، يەر
شارىلىشىش دولقۇنى دۇنيادىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت ھادىسىسىنى بىر-بىرى بىلەن
ئۇچراشتۇردى. نەتىجىدە ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ
مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇنيا خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئىستېمال ئوبيېكتىغا
ئايلىنىپ قالدى-دە، باشقا نۇرغۇن ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئەنەنىلىرى ئۇلارنىڭ
خىرىسىغا دۇچ كەلدى. بىزدەك مەدەنىيەت جەھەتتە بىرقەدەر ئاجىز
مىللەتلەردىمۇ يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش قاتارلىق ئادەتلەردە زور ئۆزگىرىش،
ئاينىش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىز بۈگۈن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەنەنىۋى
باش كىيىملىرىمىزنى پەقەت ھازا، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ كۈنلىرىدىلا كىيىپ،
باشقا چاغلاردا تاشلىۋېتىپ بارغىنىنى، كىيگەندىمۇ كىيىش قائىدىسى بويىچە
توغرا، يارىشىملىق كىيمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، توغرىسى
كىيەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ھەتتا مەدەنىيەت ئېڭى ئاينىغان
بەزىبىر قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئار-نومۇس، ھايا دېگەندەك گۈزەللىكنىڭ ئەڭ
ئەقەللىي نېگىزىنى ئۇنتۇپ يېرىم يالىڭاچ بولۇۋالىدىغان، ھىندىستان،
پاكىستان ئاياللىرىنى دوراپ، بۇرۇن، كىندىكىنى تېشىپ ھالقا سېلىۋالىدىغان
قىلىقلىرىنىمۇ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق. بىر چىرايلىق دوپپا كىيىپ، ياغلىق
ئارتىۋالغانلارنى مەتۇ، سەھرالىق دەپ كۆزگە ئىلمايدىغان، ھەتتا شۇنداق
كىيىنگەنلەرمۇ ئۆزىچە خۇدۈكسىرەپ قالىدىغان مەنىۋى بىنورماللىق ئومۇملىشىپ
قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. دوپپا كىيگەنلەرنىڭمۇ ئۆلچەملىك كىيىش قائىدىسى
بويىچە كىيەلىگەن-كىيەلمىگەنلىكى، ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنىڭ دوپپىسىنى
ئارىلاشتۇرۇپ كىيىۋېلىشى، ھەتتا سەبىيلەردىمۇ جىنس پەرقى پەرقلەندۈرۈلمىگەن
ھالدا دوپپا كىيىپ چىقىشنىڭ سادىر بولۇشى ماھىيەتتە يالغۇز دوپپا
ھەققىدىكى تونۇش-چۈشەنچىنىڭ ئومۇملىشىشىلا ئەمەس، بەلكى دوپپىنى بەلگە
قىلغان مىللىي مەسۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ خىرەلىشىپ كېتىشىدۇر.

دوپپا بىزگە
نىسبەتەن مىللىي سالاھىيەتنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى. مىللەت ئۆزىگە خاس
ئەنئەنىسى، بەلگە-بايراق سۈپىتىدىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن مىللەتتۇر. بىر
قاراشتىلا كىملىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگۈچى ئاشۇ ئەنئەنىمىزنى،
سالاھىيەت بەلگىمىزنى تاشلىمايلى، توغرا يوسۇندا تېپىۋالايلى! (تامام)

ماقالە ئاپتورى: ئابدۇشۈكۈر كېرىم كۆك (ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ رەسسامى)

(بۇ ماقالە ”شىنجاڭ مەدەنىيىتى“ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان)

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

/ulhnar.com
بېكەتلەر تورى
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号