ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

ئارسېنال vs دورتمونىد   <<<

تەنتەربىيە

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 75   يوللانغان ۋاقتى:     2011-9-14     بېسىپ چىقىرىش

 

ياۋرۇپا ئۇزغانلىق بىرلەشمىسى F گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا دورتمونىد كوماندىسى ساھىپخان بولۇپ ئارسېنال كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدى. دورتمونىد بىر قانچە قېتىم خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قوزغىغان بولسىمۇ لېكىن پۇرسەت تۇتالماسلىقى سەۋەپلىك نومۇر پەرىقىنى ئۆزگەرتەلمىدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 42 مىنۇتقا بارغاندا ئارسېنالدىن ۋان پېرىس ئالدى مەيداندا دورتمونىد مۇداپىئەچىسىدىن توپنى تارتىۋىلىپ ۋولكوتقا پاس بەردى ، ۋولكوت توپنى يەنە ۋان پېرىسقا قايتۇرۇپ بەردى. مۇداپىئەچىسىز قالغان ۋان پېرىس بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1:0 ئاياغلاشتى.
  كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 60 مىنۇتقىچە ھەر ئىككىلى تەرەپ تىرىكىشىش باسقۇچىدا تۇردى. 60 مىنۇتتىن كېيىن دورتمونىد ئاستا -ئاستا مەيداننى كونتورول قىلىشقا ھۇجۇمنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 81 مىنۇتقا بارغاندا دورتمونىد ۋاراتار ئالدىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن قايىتقان توپنى ۋاراتارغا لەيلىتىپ تېپىپ كىرگۈزدى. ئارسېنال ۋاراتارى بۇ توپقا ئەسلا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىدى. شۇنداق قىلىپ 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئارسېنال كوماندىسى مىھمان ھالەتتە دورتمونىت كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ گېرمانىيەدىن 1 نومۇر ئېلىپ قايىتتى.

  مۇسابىقىدە ئارسېنال تەرەپتىن يېڭى يۆتكىلىپ كەلگەن گېرۋىنىئو ، بىنايون ، ئارتېتا ، مېرتېساكېر ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشىتى. ئالدىنقى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان ۋان پېرىسنىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولدى. شۇنداقلا چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇردى.
  دورتمونىد تەرەپتىن : ياپۇنيىلىك كاگاۋانىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى... ئەزالىرى ياش بولغاچقىمۇ ئارسېنال بىلەن رېتىم جەھەتتە ماسلىشىپ ئوينىدى. مەيدان كەيپىياتى بەك جىددى ، مۇسابىقە رېتىمى ئېنگىلاند مۇسابىقىلىرىدەك تىز بولدى. بولۇپمۇ 60 - مىنۇتتىن كېيىن مەيداندا توختىماستىن دورتمونىد كوماندا ناخشىسى ياڭراپ تۇردى. شۇنى تۇنجى بولۇپ ھېس قىلىشقا بولىدۇكى ، مەيداننىڭ 3:2 قىسمى پۈتۈنلەي سېرىق رەڭدە ئىدى. سېرىق ھەرىلەرنىڭ مەستانلىرىنىڭ بۇ خىل خارەكتىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ.

 

سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★ http://www.urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:http://www.urraclub.com/bbs/read.php?tid=3715

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

بېكەتلەر تورى
subihi.cn
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号