ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم  تورىمىز سىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ بىزگە ئەزا بولۇڭ

تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ   <<<

دىيارىمىز

خەۋەر يوللىغۇچى: يارقىن    خەۋەر كۆرۈلىشى: 139   يوللانغان ۋاقتى:     2011-9-14     بېسىپ چىقىرىش

 

سودا مىنىستىرلىقى 24-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيان، «سودا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، سودا مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان بىر يۈرۈش سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىنى بېكىتكەن. بۇ يىلدىن تارتىپ سودا مىنىستىرلىقى ھەر يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ، ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىلمۇ-يىل ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن.

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز ئەسلىدىكى جۇڭگو ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد-سودا يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ جۇڭگو ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسى قىلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسى بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 

 
خەۋەرلەر
سۆرەتلىكلەر
 

ئۇلىنىشلار

/ulhnar.com
بېكەتلەر تورى
tawpik  tori
ئۇلان تورى
ياخشى تورى
http://www.uyghur.cc
darmanim.com
ulinix.cn
ulinix.com
Julale.com

بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز نى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

 
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : جۇلالە  تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
تېلفون :13999138434
نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 21:00 ~ 07:30 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
 
       
تور ساقچىسى     پاش قىلىش   مەدەنيەتلىك بېكەت   备案/许可证号:沪ICP备11002733号