شىپالىق دورا — ۋىتامىنD
يانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىتامىن D نىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان رولى ھازىرقى مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆپ ئارتۇق ئىكەن.
ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ يېتىلىشىگە ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يەنە چوڭ ئۈچەي، ئىنچىكە ئۈچەي، ئاشقازان، بۆرەك، ئۆپكە، مەزى بېزى، كۆرۈش تور پەردىسى قاتارلىق 36 ئەزا ۋە توقۇلمىنىڭ سالامەتلىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىتامىن D نىڭ كەمچىل بولۇشى بوغماق ئۈچەي راكى، مەزى بېزى راكى، سۈت بېزى راكى قاتارلىق بەزى راك كېسەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇڭا ساغلام بەدەن بولۇش ئۈچۈن، ئادەم بەدىنىدە چوقۇم يېتەرلىك ۋىتامىن D بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئاپتاپسىنىش ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىن D نى ھاسىل قىلىدىغان ئاساسلىق شەكلى. تەتقىقاتچىلار، قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ھەر كۈنى ۋىتامىن D نى تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
مەسغۇت خەسەنى تەرجىمىسى