نېمە ئۈچۈن كۆزگە تېمىتىلدىغان خلورمىتسېتىننى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-07-25
ئاۋاتلىقى: 855 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
نېمە ئۈچۈن كۆزگە تېمىتىلدىغان خلورمىتسېتىننى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش كېرەك؟
خلورمىتسېتىننىڭ ناچار تەسىرى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما كىلىنىك دوختۇرلىرى ۋە بىمارلار كۆزگە تېمىتىلدىغان خلورومىتسېتىننىڭ پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ناچار تەسىرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، خلورومىتسېتىنلىق كۆزگە تېمىتىش دورىسىنى ئىشلەتكەندە دورا دالانچە سۈيى ياكى بۇرۇن ياش كانىلى ئارقىلىق، ئېغىز بوشلۇقىغا ۋە ئاشقازان-ئۈچەيگە يېتىپ بېرىپ، پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. بىمارنىڭ تېنى دورىغا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ قالسا، ناھايىتى ئاز مىقداردىكى دورىمۇ يىلىك ھۈجەيرىسىدىكى دېئوكسى رىبونۇكلېئوتىد (DNA) نىڭ بىرىكىشگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزۈپ، يلىكتىكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشلىق قان ئازلىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.گەرچە كۆزگە تېمىتىلىدىغان دورىنىڭ قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشلىق قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى، شۇڭا ئامال بار ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. كىچىك بالىلار بۇ دورىغا تېخىمۇ سەزگۈر بولىدۇ. شۇڭا، ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.