قانداق ئەھۋالدا دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى ئاسان يۈز بېرىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-25
ئاۋاتلىقى: 885 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكەن دورىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك. ستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىرلا ۋاقىتتا بەش خىل ئەتراپىدا دورا ئىشلەتكەندە، دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تەخمىنەن %3~%5 بولىدۇ.بىرلا ۋاقىتتا 10~20 خىل دورا ئىشلەتكۈچىلەردە بولسا %20 ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئورگانىزمنىڭ كومپېنساتسىيىلىك رولى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى قاتارلىقلار دورىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرلىشىش نىسبىىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا، جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلار، ياشانغانلار، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل دورا ئىشلىتىلسە، ھەممىسىدىلا دورىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرلىششى ئاسان يۈز بېرىدۇ.