<< نۇرۇز بايرىمى>> توغرىسىدا - [تارىخي تىمىلار] |
<< نۇرۇز بايرىمى>> توغرىسىدا
ھەريىلى 3-ئاينىڭ21-كۈنى دۇنيادىكى پۈتكۈل تۈركىي ۋە فارىسي خەلىقلەرگە ئورتاق بولغان << نۇرۇز بايرىمى>> بولغاچقا، نۇرۇز بايرىمىمىزنى قۇتلۇقلاش ۋە ئۇنىڭ تارىخي كىلىپ چىقىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۈتۈش يۈزسىدىن تۈۋەندە ھەر قايسى تور بىكەتلەردە ئېلان قىلىنغان << نەۋرۇزبايرىمى>> توغرىسىدىكى بىر قىسىم ماقالىلەر مەزكۈر دىلكەش613بلوگىغا قايتا يوللاندى.
«قۇتادقۇ بىلىك» ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى
ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ Ⅺ ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، مىلادىيە 850- يىلىدىن كىيىن ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرۇلغان ئۈچ خانلىق (ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى) تىن بىرى بولغان قاراخانىيلار خانلىقى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئەت... قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسىلىشلەر مەيدانغا كەلگەن. Ⅺ - ئەسىردىكى دۇنيا يازما ئەدەبىياتقا ئىگە مىللەتلەر ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ ، رۇسىيە ، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر تېخى يازما ئەدەبىياتقا تامامەن كۆچۈپ بولمىغان مانا مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا قاراخانىيلار خاندانلىقىدا مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىبارەت يىتۇك ئالىملار «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادقۇ بىلىك» نى يېزىپ چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى پارلاق ناماياندە ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر كلاسسىك پەلسەپىۋى داستانى، قاراخانىيلار جەمئىيىتىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىنى، ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى ۋە بىر پۈتۈن دەۋردىكى ئىجتىمائىي ھايات، بىلىم، ئەخلاقنىڭ ھەممە مەزمۇنلىرىنى پاساھەتلىك شېئىرىي تىل بىلەن قويۇق دراماتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئوبرازلار ۋاستىسىدە مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلغان ئىجتىمائىي ئېنسىكلوپېدىيە - «قۇتادقۇ بىلىك» ئەنە شۇ دەۋر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر. «قۇتادقۇ بىلىك» - قاراخانىيلار خانلىقى ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئالىم، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى، دۆلەت ئۇستازى، ئەدەبىيات كۆكىدە چاقنىغان يۇلتۇز – يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يېتۈك ئەسىرى بولۇپ ، 1823- يىلى چەتئەلدە تۇنجى قېتىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازما نۇسخىسىدىن پارچىلار ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى تەتقىقات كەڭ قانات يايدى. مەشھۇر شەرقشۇناس ۋ.ۋ.رادلوۋ (1837-1929) «قۇتادقۇ بىلىك» نى تۇنجى قېتىم تەتقىق قىلىشنى باشلىغاندىن كىيىن، س.ئى.مالوۋ (1957-1880)، ۋ.ۋ.بارتولد (1930-1869)، ۋ.تومسېن (1927-1842)، سامايلوۋىچ، بېرتىلىس، پرىتساك، ۋامبىرى، ئوتتو ئولبېرت، بومباچى، بوركلمان، ھارتمان، فىترەت رەھمىتى، مىيان بۇزرۇك، زەكى ۋەلىدى، رېشىت رەھمىتى ئارات، كوپرۇلۇ فۇئات، سەدرى مەخسۇدى، دىلاچار، كافسوغلۇ، ئا.ن.كونونۇۋ، ئە.نارىنبايىۋ، ئەمىر نەجىپ، ئە.ئېگېۋبايىۋ، قەييۇم كەرىموف، س.ئىۋانوۋ، ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەھمەت زىيائى، ئابدۇكېرىم راھمان، مەمتىمىن يۈسۈپ، شەرپىدىن ئۆمەر، يۈسۈپجان ئېلى ئىسلامى، لاڭ يىڭ، لىن شىڭ، لى چى، ليۇ زىشاۋ، ۋۇ چاڭنيەن، يۈي جۈن .... قاتارلىق ئالىم، تەتقىقاتچىلار بۇ ئىشقا كىرىشىپ «قۇتادقۇ بىلىك» نىڭ ھەقىقى قىممىتىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن ئۆمرىنى «قۇتادقۇ بىلىك» كە بېغىشلىغان دوكتور رىشت رەھمىتى ئارات بۇ ئەسەر ھەققىدە: «قۇتادقۇ بىلىك» نە ۋەقەلەرنى نەقىل قىلغۇچى بىر تارىخ؛ نە رايون - جاي، نە شەھەرلەرنى تەسۋىرلىگۈچى بىر جۇغراپىيە؛ نە ھېكىملەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساس قىلغان پەلسەپە ۋە نە شەيخلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىگە تايانغان نەسىھەتنامىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك مەنسەپ ئەھلىگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن تەمسىز مەجاز (مېتافورا) لار بىلەن ئەخلاق دەرسى بەرگۈچى قۇرۇق نەسىھەتچى ئەمەس. بەلكى ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەت ھەم دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بىر ھايات پەلسەپىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەڭ كەڭ مەنادىكى بىر مۇتەپەككۇر ئالىمدۇر. ئۇنىڭ «قۇتادقۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرى ماۋزۇ ئېتىبارى بىلەن بىلەن بىللە باشقا جەھەتلەردىمۇ تامامەن ئورىگىنال بىر ئەسەردۇر دېسە؛ تۈركىيە ئالىمى، پروفېسسور ئى.كافسوغلۇ: «قۇتادقۇ بىلىك» بىر پەلسەپە ياكى ئەخلاق كىتابى بولۇشتىن كۆپرەك، قانۇن ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ شەرتى ۋاسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۆلەت قۇرۇش يوللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىدارە، تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي قاتلاملار توغرىسىدا يېزىلغان بىر سىياسەت كىتابىدۇر دەيدۇ. ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كەرىموف: «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى، سىياسىتى، قانۇن-قائىدىلىرى، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ رەدىم-يوسۇنلىرىنى ، ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن نىزامنامە» دېسە؛ لاڭ يىڭ خانىم: « ‹قۇتادقۇ بىلىك› بىر پارچە رەسىم. بۇ بىر پارچە قىممەتلىك رەسىمنى يايىدىغان بولساق، 900 يىل بۇرۇنقى غەربىي يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىدىيىسى، كۆز قارىشى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئوبرازلىق، جانلىق رەۋىشتە قايتا كۆرۈشىدۇ» دەيدۇ. ئۆز تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ ، ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. «قۇتادقۇ بىلىك» داستانى ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولغان خەلقنىڭ ئاغزاكى ئىجادىيەت دۇردانىلىرى ۋە باي ئەنئەنىۋى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن (ئابدۇكېرەم رەھمان) بولغاچقا ئەينى زاماننىڭ ئىلغار ئىدېئولوگىيىسى، تەبىئەت پەلسەپىسى، بىلىش نەزەرىيىسى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئېلىم- پەننىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ھەجىملىك قامۇس ئەسەر - «قۇتادقۇ بىلىك» ئومۇمىيلىق جەھەتتە ئىسلام شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى 3- باسقۇچىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن). ئەنە شۇنداق كۆپ تەرەپلىمە بىلىملەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بۇ مەشھۇر ئەسەردە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرام مۇراسىملىرىدىن بىرى بولغان «نورۇز بايرىمى» غا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن بايانلار ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ، تۆۋەندە مەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. «نورۇز» ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ ، «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى»، «يېڭى يىل كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 21-، 23- كۈنلىرى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. «ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ‹نورۇز› بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن ‹نورۇز› بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ‹نورۇز› بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك (ئا.رەھمان، ش.خۇشتار، ر.ھەمدۇللا) بولۇپ ، بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي مەنبەگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «نورۇزنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان (ئابدۇسەمەت قاراقۇرۇم) دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ . «نورۇز – نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا، ئوتقا ۋە يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد يۈسۈنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بۇ زارا ئاستىرىزىمدىن ئىلگىرىكى قۇياشقا چوقۇنۇش، تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە ۋە زارا ئاستىرىزىمدىن كېيىنكى ئاخرۇمازداغا سېغىنىش، دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن). نورۇزنىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئاستىرنوملار، جۈملىدىن ئەبۇ رەيھان بىرۇنى، ئۆمەر ھەييام ..... قاتارلىقلار «قوزى» (ھەمەل) بورجىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. «ھەتتا زارا ئاستىرىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹ئاۋېستا› دىمۇ نورۇزنى قوزى بورچى بىلەن باشلىنىدۇ» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) دەپ يېزىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادقۇ بىلىك» داستانىدا نورۇزنىڭ باشلىنىش كۈنى ھەققىدە : قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا، بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا. دېگەن بېيىت ئارقىلىق يىل ئاخىرلىشىپ، يەنى 12- مۈچەل (بېلىق) ئۆتۈپ، 1- مۈچەل (قوزى بۇرنى) نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ، زىمىستان قىش ئۆتۈپ كېتىپ ، ئىللىق باھار پەسلىنىڭ ئۆز جىلۋىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى (نورۇزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى) بايان قىلغان. «نورۇز» زىمىستان قىش تۈگەپ، پۈتۈن تەبىئەت ئويغانغان، قار-مۇز ۋە توڭلار ئېرىپ، ئەگىزلەر ۋە ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلىغان، دەل- دەرەخ، گۈل-گىياھلارغا سۇ يۈگۈرۈپ، كۆكىرىپ چېچەكلەشكە يۈز تۇتقان، دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كىرىشىدىغان گۈزەل باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئۇ باھارنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە كىشىلەر قەلبىدە شات- خۇراملىق گۈزەل تۇيغۇ ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھال :قۇتادقۇ بىلىك» داستانىدا ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن .
بېزەشكە جاھان ئاچتى جەننەت يولى .
64. قوڭۇر يەر ئىپار تولدى، كافور كېتىپ ،
بىزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەم ئېتىپ.
65. جاپا قىشنى قوغلاپ يازغى ئېسىن،
پارلاق ياز يەنە قۇردى دەۋلەت ياسىن.
66. قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا،
بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بورنىغا.
67. قۇرۇغان ياغاچلار كىيىندى پىشىل،
بىزەندى يىپۇن، ھال، سېرىق، كۆك، قىزىل.
بۇ بىيتلاردا نورۇزنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەبىئەتنىڭ يېشىللىق لىباسىنى كىيىپ، قىشنىڭ زىمىستان سوغۇق كۈنلىرى بىلەن خوشلاشقانلىقىدەك مەزمۇن يۇرتۇپ بېرىلسە :
68. قوڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تورقىنى،
تاۋغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى.
69. دالا، تاغ، قىر، ئويمان توشەندى يېيىپ،
بىزەندى ۋادىلار يېشىل، ھال كىيىپ.
70. تۈمەن رەڭ چېچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ،
ئىپار، كافور ھىدىغا دۇنيا تولۇپ.
71. ئېسىپ تاڭ شامىلى قەلەمپۇر پۇراق،
ئىپار بۇيىغا تولدى دۇنيا بىراق.
72. غاز، ئۆردەك، قىل، ئاققۇ خۇشاللىق بىلەن،
قاقىلداپ ئۇچۇشۇر يۇقىرى – تۆۋەن .
73. ئەنە كۆر،بىرى قونسا، ئۇچار ئۇ بىرى،
بىرى ئۈزسە ئويناپ، ئىچەر سۇ بىرى.
74. تىزىلغان تۈگۈدەك كۆكۈش تۇرنىلار،
ئۇچار يەلپۈنەر ھەم ئۇنىن ياڭرىتار.
75. ئۇلاي قۇش سايرىدى ئۈندەپ يولدىشىن،
گۈزەل قىز قىچىرغان كە بى سۈيمىشىن.
76. قاقىلدادى كەكلىك، كۈلۈپ قاتقارا،
قىزىل ئاغزى قاندەك، قېشى قاپقارا.
77. قارا قۇچقاچ ئۆتتى سىتاتۇمشۇغىن،
ئۈنى نازىن قىزنىڭ ئۈنىگە يېقىن.
78. چېچەكلىكتە مىڭ خىلدا بۇلبۇل ئۈنى،
ئوقۇر سۈرى ئەبرىنى كۈن ھەم تۈنى.
79. ئىلىك ۋە جەرەن گۈل ئارا ئوينىشۇر،
ئارقار، تاغ ئۆچكىسى جۈپ-جۈپ سەكرىشۇر.
80. قاشىن تۈردى ئاسمان، كۆزى ياش چاچار،
چېچەكلەر يۈز ئاچتى، كۈلۈپ قاتقارا.
يۇقىرىقى بىيىتلاردا شائىر باھار پەسلى ئېلىپ كەلگەن گۈزەل مەنزىرىلەرنى، گۈللەرنىڭ ئېچىلىشى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى بەدىئىيلىككە كۆتۈرۈپ، «نورۇز» بايرىمىنىڭ ئەسىردىكى ئىپادىلىنىشىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.
قىسقىسى «قۇتادقۇ بىلىك» داستانىدىكى «نورۇز بايرىمى» غا مۇناسىبەتلىك بايانلار گەرچە ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئەنە شۇ بايانلار بىزنى ئەينى دەۋرنىڭ نورۇز ئادىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ
نەۋرۇز توغرىسىدا بايانلار
(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىيدىن ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقىغا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا خاتالىق بولىشى مۈمكىن. )
ئاپتۇرى : ئابدۇكېرىم راخمان
- يىلى 21-مارتتىن 25-مارتقىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە )ئاتا تۈرك كۇلتۈر، تىل ۋە تارخ يۈكسەك قۇرۇمى(تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نامى)نىڭ باشقۇرۇشىدا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا نەۋرۇز سىمفوزىيۇمى (ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى) ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىلمىي پائالىيەتكە ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ۋېنگرىيە، گېرمانىيە، بۇلغارىيە، تۈركىيە، سىپرۇس، قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە قارا قالپاق، ياقۇتسىتان، تاتارىستان، قاراچاي قاتارلىق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىن 60 دىن ئارتۇق ئالىم- مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودىن مەن (ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز) ناملىق ئىلمىي ماقالەم بىلەن بۇ ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.بۇ خەلقئارا پائالىيەتنىڭ 2- كۈنى كەچتە ئەنقەرەدىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىنلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھەيۋەتلىك (نەۋرۇز فېستىۋال=بايرىمى) ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فېستۋالدا ئۆزبېكسەن، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قارا قالپاق، تۈركىيە، سىپرۇس قاتارلىق تۈركىي ئەللەردىن كەلگەن فولكلور سەنئەت ئۆمەكلىرى ئۆز رايونلىرىدا نەۋرۇز بايرىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىياتىرلاشقان قويۇق مىللىي سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. فېستىۋالغا كونا يىلغا سىمۋول قىلىنغان (قىش بوۋاي) بىلەن ھۆسىن-جامالىدىن باھار قىياپىتى چاقناپ تۇرىدىغان (باي چېچەك)سىياقىدىكى (باھار قىز) رىياسەتچىلىك قىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشباقانى (باش مىنىستىرى-زۇڭلىسى) تاڭسۆي چىلەر خانىم ،خانىم ساھىپخان دۆلەتكە ۋاكالىتەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ تەبرىك سۆزىدە، (نەۋرۇز بايرىمى)__ ئۇزاق قەدىمدىن تارتىپ پۈتۈن خەلقنىڭ دۇنياۋى بايرىمى بولۇپ كەلگەنلىكى، (نەۋرۇز)-تەبىئەت بايرىمى بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى ئىكەنلىكىنى، (نەۋرۇز بايرىمى) ئىنسانلارغا ياخشى تىلەك، گۈزەل ئارزۈ بېغىشلايدىغان، تەبىئەتنى ۋە ئىنساننى قۇۋەتلەندۇرىدىغان بايرام ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئىناقلىق - ئىتتىپاقلىقنى مىسالى بولغان بۇ بايرامنى دۇنياۋى كالېندارلىق بايراملار قاتارىدا قۇتلۇقلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى (٭نەۋرۇز سىمفوزىيومى) ۋە (نەۋرۇز فېستىۋالىدىكى ئەھمىيەتلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە فېستىۋالغا بېغىشلاپ (زنەۋرۇ) ناملىق مەخسۇس بىر كالېندار ئىشلىگەن. بۇ كالېندارنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا مۇقەددىمە ئورنىدا ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ( نورۇزنامە)لىرىدىن تۆۋەندىكى پارچىلار تاللاپ كىرگۈزۈلگەن؛ مەركىزى قىسمىغا:
كەلدى نەۋرۇز، كەلدى بۈگۈن ئەرشى بىنا ئەتكىلى،
بارچە ئادەم كۆڭلونى شادۇ-خورام ئەتكىلى.
ئوڭ تەرىپىگە: ئاشىق ئولغان جانلار بۈگۈن كېلۇرلەر، سۇلتان نەۋرۇز كۈنى بىرلىك بولۇرلەر. تەبىئەت جاھاندىن زىيا ئالۇرلەر، ھىممىتى ئۆزگىچە نەۋرۇز سۇلتانىن. (تۈركىيە. فىرسۇلتان ئابدۇل) كەلسە نەۋرۇز ئالەمگە، رەڭ قىلار جاھان پەيدا، ئەبىرلەر ئاۋاز ئۇرۇپ، تاغ قىلار تۇمان پەيدا. (تۈركمەنىستان. مەختۇمقۇلى) سول تەرىپىگە: (ئەزەربەيجان) نەۋرۇز __ كېچە ئىلە كۈندۈز ئەشىت ئولان كۈن، تۇپراق ئانا تومۇرىغا قان بېرىپ چېچەكلەر ئاچاركۈن. يىل باشى تۇرنا قۇشلار قاتار ئۈچۈپ كېلۇر كۈن، قۇربانلىق كېسىلىپ، قېمىز، شوبات ئىچىلەر كۈن. (قازاقىستان) دېگەن بېيىتلار چۈشۈرۈلۈپ، كالېندارنىڭ ئوتتۇرىسىغا (نەۋرۇز بايرىمى)نىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياش رەسسامى ئابدۇشۈكۈر كېرىمنىڭ قومۇل خەلقلىرى ئارىسىدىكى نەۋرۇز بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ جانلىق كۆرىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن (قومۇل كۆك مەشرىپى) 9نەۋرۇز) ئەسلىدە پارىسچە (نەۋ)-(يېڭى)، (رۇز)-(كۈن) دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، (يېڭى كۈن)يىل بېشى) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام قەدىمكى سوغدى تىلى ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۆزلەشكەن. دەل قۇياشنىڭ ھەمەل (قوزا-نەۋرۇز)بۇرجىغا كىرىشى بىلەن كېچە ۋە كۈندۈز ۋاقت جەھەتتىن باراۋەر بولغان كۈن بولۇپ، ئۇنى كۆپلىگەن ئاسترونومىيىلىك پاكىتلار دەلىللەپ چىققان. كونا تەقۋىم (شەمسىيە كالېندارى، قەمەرىيە كالېندارى، روم كالېندارى، قەدىمىي تۈركىي كالېندارى، روم كالېندارى، قەدىمكى تۈركىي كالېندارى، مۆچەللىك كالېندار... )ۋە يېڭى تەقۋىم (گروگورىئان تەقۋىمى-مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە كالىندارلىرى) ئۇستىدە سەلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەتنوگراف. ھ.لوباچىۋانىڭ تەكشۇرىشىچە، قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا يىل بەشى ھەمەل بۇرجى (نەۋرۇز)غا توغرا كەلگەن. ساسانىيلار سۇلالىسى(ئىئىئى-ئەسىر) دەۋرىدە بىر مەزگىل يىل بەشى ساراتان بۇرجىغا، يەنى قۇياشنىڭ يازدىكى تىكلەشكەن كۇنى___ ھازىرقى 21-،22-مارتقا يوتكەلگەن. چۈنكى بۇ مەزگىل خۇددى ئۇلۇغ ئىنسكىپىدىك ئالىم ئەبۇ رەيھان برونى ئېيىتقاندەك: دەل تەبىئەت قىش ئۇيقۇسى دىن ئويغىنىپ قايتىدىن جانلانغان دەۋرى؛ باھار يامغۇرىنىغ بىرىنجى تامچىسى چۈشۈشى بىلەن يەر -زېمىننىڭ ئويغانغان دەۋرى؛ دەل-دەرەھلەر گۇللەشتىن مىۋىلەشكە، ھايۋاناتلار تۆللەش (شەھۋەت پەيتى)تىن نەسىل ۋۇجۇدقا كەلىشكە باشلىغان دەۋرى. شۇنۇڭ ئۈچۈن نەۋرۇز ئالەمنىڭ باشلىنىشى ۋە تەبىئەتنىڭ يەڭىلىنىشىغا دەلىل قىلىنغائىزاھات----ئەبۇ رەيھان برونى: قەدىمقى خەلقلەردىن قالغان يادىكارلىقلار، بۇنىڭدىن كورۇشكە بولىدۇكى، كونا تەقۋىملەرنىڭ ھەممىسىدە (نەۋرۇز)نىڭ يىل بېشى - يېڭى كۈنگە تەقلىد قىلىنىشى قۇياشنىڭ يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئارىسىدىكى يىللىق كۆرۈنمە ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ئېتنىك مەنبە قىلغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسترونومىيىنىڭ يادروسى بولغان (قۇياش مەركەزلىك)نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغان . نەۋرۇز ۋە (نەۋرۇز بايرىمى)نىڭ ئېتنولوگىيىسى ھەققىدە ئەبۇ رەيھان برونى، ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى، مەھمۇت قەشقىرى، ئۆمەر ھەييام، ئەبۇلغازى باھارىدىن، ئەلشىر ناۋائىي قاتارلىق بۈيۈك شەرق ئەللاملىرى كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى قالدۇرغان. نەۋرۇز ھەققىدە ئۇلار يېزىپ قالدۇرغان رىۋايەتلىك خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، نەۋرۇزنى يېڭى يىل بايرىمى سۈپىتىدە تەنتەنىلىك تەبرىكلەش ئاخمانىيلار دەۋرى (مىلادىدىن ئاۋالقى ئىۋ ئەسىر) بىلەن باغلىنىدىغانلىقىنى مەلۇم بولىدۇ. شۇ بۇيىچە ھەساپلىغاندا (نەۋرۇز بايرىمى)2500 يىلدىن بۇيان ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن. قىسقىسى تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بايرام خۇددى ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى ئېيىتقاندەك (بايراملارنىڭ شاھى) دۇر. يېڭى مەھنەت مەۋسۇمى باشلىنىشتىن دېرەك بەرگۈچى بۇ بايرام خۇددى خەنزۇلارنىڭ (باھار بايرىمى) (چۇنجىئې 春节) ياپونلارنىڭ (رىسان)، سىلاۋىيانلارنىڭ ماسانتا، يونانلارنىڭ پاترىخ، بايراملىرىغا ئوخشاش تەبىئەتنى جانلاندۇرىدىغان، ئىنسان تەبىئىتىنى ئويغىتىدىغان سەلتەنەت بايرىمىدۇر. شۇنۇڭ ئۈچۈن، تارىختىن بۇيان بۇ بايرام تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا (ئەرگىنە قون)(ئەرگەنەكو)، (بوز قۇرت)(بوزكۇرت)، (ئۇلى كۈن)(ئۇلىكۇن)، مەۋرىس ،چاغانقاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بەرى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكسەن، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك كالىندارىنى ئىشلىگەن. بۇ كالىندارلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا 3-ئاينىڭ نامىنى (نەۋرۇز) دەپ ئالغان. دېمەك، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىسىدە نەۋرۇز ھەم ئاينىڭ نامى، ھەم يېڭى يىل باشلىنىدىغان 1- كۈننىڭ نامى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنغان. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولۇدىكى، ئەنئەنىۋى (نەۋرۇز بايرىمى)نى قۇتلۇقلاش ئادەتلىرى بۇ بايرامنىڭ مەزمۇن خاراكتېرىگە ماس ھالدا ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى، گەرچە كېيىنكى دەۋرلەردە جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى، مەدىنىي ھايات باسقۇچلىرى ۋە تارىخىي سەزگۈرەشتىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ نەۋرۇز ئادەتلىرىدە گەرچە بەزى پەرقلەر ھاسىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەت جەھەتتىن ئىپتىدائى نەۋرۇز ئادەتلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئورتاقلىقىنى ساقلاپ كەلدى.
ھەر كىشى موللاسىدىن ئالسۇن دۇئا كۈنۈنلىكى،
مەرىپەتكە تولدۇرۇپ گۈلى - گۈلزار ئەتكىلى.
(ئۇيغۇر)
نەۋرۇز، نەۋرۇز باھارە،
گۈللەر، گۈللەر ناھارە.
نەۋرۇز كېلۇر، ياز كېلۇر،
گۈل ئۈستىگە بۇلبۇل ئولسۇن.
دەرۋەقە شۇنداق. (نەۋرۇز بايرىمى)ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئوتتۇرا، مەركىزى ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا، بالقان يېرىم ئارىلى، ئوتتۇرا شەرق، ئىدىل-ئورال بويلىرى، قىرىم ۋادىلىرى، سىبىرىيە دالىلىرى قاتارلىق كەڭ زىمىنلاردىكى بارلىق تۇركى خەلقلەر ۋە پارس خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق-ئىتىپاقلىق بايرىمى، ھورلۇك-ئەركىنلىك بايرىمى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئۇ دىنىي بايراملاردىن پەرقلىق ھالدا خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئىجابىي رول ئوينىغان. ئەسىرلەر بويى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئوتۇپ، كامال تېپىپ بىباھا مىراسقا ئايلانغان. تارخنىڭ ھەرقانداق سوغۇق شاماللىرىمۇ ئۇنىڭ ھاياتى كۇچىنى توسۇپ قالالمىغان. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ قەدىمككى دەۋرلەردىن تارتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شەكىللەنگەن، ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت ئاساسىدا راۋاج تاپقان، چوڭ قارمۇ-قارشىلىقلار ۋە توساقلارنى يېڭىپ ئەركىن قون روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ خاسىيەتلىك مىللىي بايرام ئۇزاق ۋە باي تارىخقا ئىگە بولغان.
(نەۋرۇز)__ تۇركىيچە ئاينىڭ ئېتىدۇر. قەدىمدىن باشلاپ تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى بارلىق خەلقلەر يىل بەشىنىڭ يېڭى كۈنى ئۈچۈن (نەۋرۇز) نامىنى قوبۇل قىلغان.
ئۇنداق بولسا، بىز تۆۋەندە (نەۋرۇز بايرىمى) پائالىيەتلىرىدىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك تىپىك ئۇدۇملارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.
1.ئوت (ئاتەش)تىۋىنىش
(نەۋرۇز بايرىمى)نىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى رىۋايەتلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بايرامنىڭ زاروئاستر (زەردوشىت) دىنىغا بىۋاسىتە باغلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. زەردوشىتلۇق تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى5-6 ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى كەڭ راۋاجلانغان. زەردوشىتچىلارنىڭ قارىشىچە، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئالەمنىڭ ئاساسىنى ئىككى قارىمۇ قارشى كۇچ ياخشىلىق ۋە يامانلىق، يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق، ئىسسىقلىق ۋە سوغۇقلۇق، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق، گۈزەللىك ۋە خۇنۈكلۈك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تەشكىل قىلغان. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلار دۇنيادىكى بارلىق ئىجابىي ھادىسىلەرنى ياخشىلىق خۇداسى ئاھرومازدا (ھورمۇز)نىڭ، ھەممە سەلبى ھادىسىلەرنى يامانلىق خۇداسى ئەڭرامەييۇ (ئاھرومان دىۋە)نىڭ ئىرادىسىگە باغلىق دەپ تونىغان. مۇشۇ چۇشەنئچە ئاساسىدا ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەر خىل مۇراسىملىرىدا كائىناتنىڭ تۆت ئۇنسۇر(تادۇ)ئى-قۇياش(ئوت)، سۇ، تۇپراق، ۋە ھاۋانى دۇنيانىڭ نېگىزى، ئەڭ مۇقەددەس نەرسە دەپ ئۇلۇغلىغان. بۇلۇپمۇ ئۇلار ئوت قۇياشنىڭ يەردىكى شەكلى (زەررىچىسى)، ئۇ بارچە گۇناھتىن تازىلىغۇچى مۇقەددەس سېھىرلىك كۇچ؛ ئوت--تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا ھەدىيە قىلغان سوۋغىسى، ياخشىلىق خۇداسى ئاھرومازدا يامانلىق خۇداسى ئاھرومازدانىڭ روھى دەپ قاراپ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن سەجدە قىلغان. بۇنداق ئېتىقاد تۈپەيلى مەخسۇس ئاتەشخانلار (ئوتدان) قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا تۈرلۈك بايرام ۋە مۇراسىملارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان.
ئەبۇ رەيھان برونى ئۆزىنىڭ قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان يادىكارلىقلارناملىق نوپۇزلۇق ئەسىردە: ...باش باھارنىڭ 1-كۈنى نەۋرۇز كۈنى) ياخشىلىق خۇداسى ئاھرومازدا يامانلىق خۇداسى ئەنگرامەييۇ ئۇستىدىن غالىپ چىققان مۇقەددەس سانا (كۈن) بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كۈننى خاتىرىلەپ بايرام قىلىشنى يولغا قويغان دەپ يازىدۇ. بۇ گەرچە ئەپسانە بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم نۇقتىدىن نەۋرۇز بايرىمى نىڭ زارو ئاسترىزمنىڭ يادروسى بولغان ئوت ئەتىقادى بىلەن بىۋاسىتە باغلىندىغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، نەۋرۇز بايرىمى نى تەبرىكلەشنىڭ قەدىمكى شەكىللىرى ئىچىدە ئوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر ئاساسىي سالماقنى ئېگەلەيدۇ. ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈركمەن، ئەزەربەيجان، قىرغىز،قارا قالپاق قاتارلىق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتلىرىدا قەدىمكى دەۋرلەردە مەخسۇس قۇرۇلغان چوڭ ئاتەشخانىلار كوپ بولۇپ، تۈن بىلەن كۈن دەلمۇ دەل تەڭلىشىدىغان مەزگىل (22-مارت تاڭ سەھەر سائەت ئۈچ ئەتىراپىدا)دە بۇ ئاتەشخانىلارغا ئوت يېقىلغان. كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇپلا ئالدى بىلەن بايرامنى تەبرىكلەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى سۈپىتىدە لاۋۇلداپ كويىۋاتقان بۇ ئاتەشخانا ئەتراپىنى ئايلىنىپ، خۇشاللىقلىرىنى ئىزھار قىلىشقان. ئاندىن ئۆزلىرى تەييارلاپ بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئارتۇچ دەرەخنىڭ شاخلىرىدىن ياسالغان نوكچىغا ئوتداندىن ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ دەرۋازىسىغا قاداپ قويۇش ئادەتلىرى بولغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نوكچا قويۇشئادىتى ئەنە شۇ قەدىمكى نەۋرۇز ئۇدۇملىرىنىڭ داۋامى بولۇشى ئېھتىمال. نەۋرۇزدا يېقىلىدىغان بۇنداق ئىرىملىك ئاتەش تۇرىكمەنلەردە شامۇت(شامان ئوت)، سەبىرىيە تاتارلىرىدا ئەلشە دەپ ئاتىغان. شۇ سەۋەپتىن تاتارلار ۋە ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئالاس-ئالس، بالا-قازادىن خالاس دېگەن تەمسىل پەيدا بولغان.
دېمەك قەدىمكى خەلقلەرنىڭ ئەقىدىسىدە ئوت (ئاتەش) __قۇياشنىڭ نۇرى، ئاللانىڭ نۇر چىرىغى، يورۇقلۇقنىڭ تىمسالى، ئاتەش__ئاي، كۈن، ئىسسىقلىق، يورۇقلۇق، ياخشىلىق، خۇشاللىق دېمەكتۇر.
2..سۇنى ئۇلۇغلاش ئويۇنلىرى
سۇ__ئالەمنىڭ نېگىزى ھېسابلانغان تۆت تادونىڭ بىرى سۈپىتىدە قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىقاد قىلغان ۋە مۇقەددەس پاكلىقنىڭ سىمۋولى بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئەبۇ رەيھان برونى ئۆزىنىڭ قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان يادىكارلىقلار ناملىق ئەسىرىدە سۇغا بېغىشلانغان ئادەتلەر ۋە ئۇنىڭ مۇراسىملىرى ھەققىدە كۆپ توختالغان. سۇ ئېتىقادىغا ئائىت ھەر خىل ئادەتلەر مەركەزلىك ھالدا نوۋرۇز بايرىمىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇ سەۋەبدىن نەۋرۇزنىڭ 1- كۈنى تاڭ سەھەردە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۇدەك ئۆيىدە ياكى دەريا بويلىرىغا بېرىپ يۇيۇنۇپ ئۆزلىرىنى پاكىزلىغان، ھويلا-ئارام، مەھەللە كوچىلارغا سۇ سېپىپ تازىلىغان ھەمدە بۇ يىل سۇلۇق، مول ھوسۇللۇق بولسۇن دېگەن تىلەكلىرىنى بىر-بىرلىرىگە سۇ سېپىش ئارقىلىق ئىپىئادىلەشكەن. برونى نەۋرۇزنىڭ بۇ قەدىمكى ئادىتى ھەققىدە شۇنداق يازىدۇ: ئادەملەر شۇ كۈنى (نەۋرۇز كۈنى) تاڭ پەيتىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قانال ۋە ھاۋزىلارغا باردىلەر. ئېقىپ تۇرغان سۇلارغا روبىرو تۇرۇپ، بەرىكەتلىك بولۇش ۋە ئاپەتلەرنى يوقىتىش تىلىكىدە ئۇستىلىرىدىن سۇ قۇيدىلەر ئىزاھات--ئەبۇرەيھان برونى: قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان يادىكارلىقلار، تاشكەنت پەن نەشىرىياتى. 1965-يىل-1-توم، 257-بەت بۇنداق ئادەتلەر ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا يېقىنقى يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. سۇ كەمچىل قۇرغاق رايونلاردا قەدىمكى دەۋرلەردە سۇغا تەشنالىقتىن پەيدا بولغان ئەقىدە تۈپەيلى مەخسۇس سۇ خاتۇن ناملىق مۇراسىممۇ شەكىللەنگەنىدى. خۋارىزم ئوزبەكلىرى ئارىسىدا بۇ مۇراسىم كۇنى يېزا قىشلاق ئاياللىرى چوڭ قونچاق ياسىشىپ ئۇنىڭغا ياشانغان مومايلارنىڭ قارا كوڭلىكى كىيگۇزگەن. بۇ قورچاقنىڭ نامى سۇ خاتۇن دەپ ئاتالغان. كىشىلەر بۇ سۇ خاتۇننى كوتۇرۇشۇپ، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان مەخسۇس قوشاقلارنى ئېيتىشىپ، ئوي ئىگىلىرى سۇ خاتۇننى خۇرسەنلىك بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇستىدىن سۇ سېپىشكەن ھەمدە سۇ خاتۇننى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىلەرگە ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە سوۋغا-سالام ئېھسان قىلىشقان.
سۇ خاتۇن قوشاقلىرىدا خەلقنىڭ يېڭى يىلغا بولغان ياخشى تېلەك-ئۇمۇدلىرى ئەكس ئەتكەن. مەسىلەن:
بۇغداينى بولدۇرغىن سۇ خاتۇن. مەرىكە ئەلچىسى، سۇ خاتۇن، نەۋرۇزنىڭ جارچىسى، سۇ خاتۇن. شاد-خورام بارچىسى، سۇ خاتۇن، سۇ خاتۇن، سۈلتان خاتۇن. سۇ خاتۇن ئوبرازى قەدىمكى خەلقلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە زاروئاستر دىنىدىكى ياخشىلىق خۇداسى ئاھرومازدانىڭ ياردەمچىسى ئىلاھىلىرىدىن گۈزەل قىز سىماسىدىكى ئۈنۈمدارلىق، ھاسىلدارلىق، پاراۋانلىق تەڭرىسى ناخىت (ئاناختا)غا سىمۋول قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يادا تاش ئەپسۇنى (شامان ئېتىقادى دەۋرىدە كەڭ يېيىلغان) ۋە ئۇنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئىپادىسى بولغان سۇ تىلەش (زارا خەتمە) مۇراسىملىرى بولغاندىن تاشقىرى، سۆگەت تاللىرىغا سۇ يۈگۈرتۈپ بىخلانغان ئاشۇ نەۋرۇز ئايلىرىدا مەكتەپ بالىلىرى، تالىپلار كوللىكتىپ ھالدا دەريا ھاۋزىلىرىغا بېرىپ سەيلە ساياھەت قىلىش، سۆگەت تاللىرىدىن ئىسقىرىت (پى پى) ياساپ نەي ئورنىدا چېلىش، تاللاردىن پۆپۈك چىقىرىپ، قىز- چوكانلار گۈل ئورنىغا چاچلىرى ئارىسىغا قىسىۋېلىش (پۆپۈك سېلىش دىيىلىدۇ)، ئۆزئارا سۇ سېپىش ئويناش قاتارلىق مۇراسىم ئادەتلىرى يېقىنقى يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ ئادەت قازاقلار ئارىسىدىمۇ مەۋجۇد. نەۋرۇز بايرىمى كۈنلىرى قازاق ئوغۇل-قىزلىرى چىرايلىق ياسىنىشىپ، دەريا كۆل بويلىرىغا جەملىشىپ بايرام تەنتەنىسى قىلىشىدۇ. ئۇ يەردە نەۋرۇز كۆجەسى تەييارلاپ ئىچىشىدۇ ۋە ئاقىنلار نەۋرۇزگە ئاتىغان ئولەڭلىرىنى ئېيتىشىدۇ يېڭى يىلنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە سۇ بويلىرىغا تىكىشىدۇ. ئاتاڭدىن مال قالغۇچە تال قالسۇن، بىر تال كەسسەڭ ئون تال تىك دېگەن ماقال تەمسىللىرىگە ئەمەل قىلىشىدۇ. ناۋادا نەۋرۇز كۈنى يامغۇر يېغىپ قالسا نۇر ياغدى، مەرىكىمىز بەرىكەت تۇغدى دەپ ئالاھىدە سويىنىدۇ. نەۋرۇز ئايلىرىدا ياغىدىغان سېرىق قارنى ئاق قار دەپ ئالاھىدە سۇپەتلەيدۇ. چۈنكى قازاقلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاق ھەممىدىن ئۇلۇغ، مۇقەددەس نەرسە ھېسابلىنىدۇ. نەۋرۇز بايرىمىپائالىيەتلىرىنىڭ يوقىرقىدەك ئادەتلىرى مەزمۇن ماھىيەت جەھەتتە يەنىلا سۇ ئېتىقادىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. تەييارلاش ئادىتى نەرۇز بايرىمىنىڭ مەزمۇن ماھىيىتىگە ماس ھالدا نەۋرۇزغا ئاتاپ مەخسۇس جامائەت يېمىكى تەييارلاش ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى بايرام ئادەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن قۇياشقا تىۋىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ قۇياش ھەركىتى بىلەن نەۋرۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىر بىرىگە باغلاپ چۈشەندۇرگەن ھەمدە مۇشۇ ئەقىدە بويىچە نەۋرۇز كۈنىگە ئاتاپ قۇياش(ئىران تىلىدا شەمسىيە) سۆزىنىڭ بىرىنچى ھەرىپى ش بىلەن باشلىدىغان يەتتە تۈرلۈك (شۇ دەۋرلەردە بايقالغان يەتتە سەييارىگە تەقلىد قىلىنغان) نازۇ-نېمەتنى داستىخانغا تەييارلاپ نەۋرۇزنى قۇتلۇقلقاش ئادىتى بولغان. ئۇلار: شاراب (ئۈزۈم قىيامى) شىر (سۈتلۈك يېمەكلىكلەر)، شېرىن (تاتلىق يىمەكلىكلەر)، شېكەر، شەربەت (مېۋە سۇلىرى)، شام (خۇش بۇي موم، قارىغاي سېغىزى)، شانە (غورا غۈنچىسى) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ چۇشەنچىسى شاراپ—تىرىلىشكە، شىر—پاكىزلىق—ساپلىققا، شېرىن—ئىناقلىق—ئىتتىپاقلىق، شېكەر—خۇشاللىق، مەمنۇنىيەتكە، شەربەت—ئەدلو—ئىمانغا، شام—گۈزەللىككە، شانە—ئۇزۇن ئۆمۈرگە سىمۋول قىلىنغان. يەنە بەزى رايونلار (خۋارىزم ئەتراپلىرى)دا يوقىرقى ئىرىملىك ئادەتلىرى تەقلىد قىلىپ س ھەرىپى بىلەن باشلىنىدىغان يەتتە خىل كوك ئوسۇملۇك سەبالما (ياۋا ئالما)، سەۋزە، سامساق، سىركە، ساتار (تاشگۇل)، سىياھدان (قاراداناق)، سىنجد (ياۋا زەيتۇن) قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقىدىن ئۆستۈرۈلگەن كوكتاتلار بىلەن داستىخان بېزىتىلگەن. شۇنىڭدەك يەنە نەۋرۇز داستىخىنىغا قۇرۇتۇلغان مېۋىلەردىن قىلىنغان مۇراببا، بويالغان تۇخۇملارنى تىزىپ، ئوتتۇرىغا شام يېقىپ قويۇش ئادىتى بولغان. ئەڭ قەدىمكى نەۋرۇز يېمەكلىكلىرىنى تەييارلاش ئادەتلىرىنىڭ 11-ئەسىرگىچە يەتىپ كەلگەن شەكىللىرى توغرىسىدا ئەرەپ ئالىمى ئەل خىسراۋ دەھلىۋى توۋەندىكى مەلۇماتلارنى بەرىدۇ: …نەۋرۇزدا، 25 كۈن ئالدى ساراي ئىچىدە 12 بولەك سۇپا ئېتىز ياسىلىدۇ. ئۇلاردىن بىرىگە بۇغداي تېرىلىدۇ. باشقىلىرىغا رەت بويىچە ئارپا، گۈرۈچ، ماش، قوناق، لويلا، نوقۇت، كۇنجۇت… تېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغىشتا ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىنىدۇ ۋە ئۇسۇل ئوينىلىدۇ. دان يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئېتىز-مەيدانلارغا چېچىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇرۇقلار ئۈنسە، بۇ يىلقى ئېكىنلارنىڭ ئوسىشى ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ كۆكلەر پال ئېچىش ئۇچۇن ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىزاھات-- ئوزبەك تىياتىرى، تشكەنت، 1973-يىل، 59-بەت. 4.نەۋرۇزنىڭ سەنئەت ئادەتلىرى نەۋرۇز بايرىمىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىدىن بىرسى ئۇنىڭدا كەڭ جارى قىلدۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئادەتلىرىدىن ئىبارەت. نەۋرۇز بايرىمىمۇ خۇددى ئۇيغۇر مەشىرەپلىرىگە ئوخشاش ھاۋالىق ۋە مەنزىرىلىك جايلارغا، دەريا ھاۋزىلىرىغا، چىمەنلىك مەيدانلارغا، مۇقەددەس ئىبادەت ئورۇنلىرىغا، مەشھۇر سەيلىگاھلارغا، يۇرت-جامائەت جەم بولۇپ كوللېكتىپ تەبرىكلىنىپ كەلگەن، ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى ئۆزىنىڭ شاھنامەسىدە بۇ ھالەتنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن. جاھانغا زىيا-نۇر چاچار پادىشاھ، بۇ نەۋرۇز كۇنى بولدى تېخت ئۆزرەجا. يىغىلدى ئۇلۇغلار بارى شادۇ-خۇش، مەيۇ، ئۇسسۇل، چالغۇ تېپىپ كۆپ خورۇش. دەرۋەقە، نەۋرۇز كۈنى ئەر-ئايال، قېرى ياش، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بايراملىق كىيىملىرى كىيىشىپ سەپ-سەپ بولۇپ، نەۋرۇز بايرىمى شەرىپىگە بېغىشلانغان تۈرلۈك شېئىر – قوشاق (نورۇزنامە)لار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈشۈپ بەلگىلەنگەن مەيدانغا توپلىشىدۇ. ئۇ يەردە يۈرت-مەھەللىلەر بويىچە قوشاقچىلار شېئىر-قوشاق توقىشىدۇ. ناخشىچى-ئەلنەغمىچىلەر نەغمە ناۋا قىلىشىدۇ. ئۇسۇلچىلار ئۇسۇل ئوينىشىدۇ.
يامغۇر ياغدۇرغىن، سۇ خاتۇن،
ئەلنى تويدۇرغىن، سۇ خاتۇن،
سۇ خاتۇن، سۈلتان خاتۇن.
ھوسوللار مول بولسۇن، سۇ خاتۇن،
دېھقاننىڭ ئۆيى تولسۇن، سۇ خاتۇن.
كاززاپنىڭ ئۆيى قۇرىسۇن، سۇ خاتۇن،
سۇ خاتۇن، سۈلتان خاتۇن.
3.ئىرىملىك نەۋرۇز ئېشى
نەۋرۇز يېمەكلىكلىرىنى تەييارلاشنىڭ بۇنداق قەدىمكى شەكىللىرى كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ، ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا بىر قەدەر مۇقىملاشقان ئادەتلەرنى پەيدا قىلدى. نەۋرۇز ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان ئىرىملىك يېمەكلىكلەردىن گەۋدىلىك بولغىنى ئۆزبېكلەرنىڭ سۇمەلەك ئېشى، قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ نەۋرۇز كۆجىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەۋرۇز ئېشى، تۈركمەنلەرنىڭ ئۆسكۈ دەپ ئاتىلىدىغان مۇراسىم تامىقى قاتارلىقلارنى مىسسال قىلىش مۇمكىن. بۇ خىل نەۋرۇز ئاشلىرىنى تەييارلاش ئۆزىگە خاس مۇراسىم شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇنداق نەۋرۇز ئېشى كۆپىنچە بۇغداي، ئارپا، قوناق، نوقۇت، ماش، گۈرۈچ، تېرىق قاتارلىق يەتتە خىل دان يارمىسى ياكى ئۇندۇرمىسى ھەمدە قاق، جىگدە، چامغۇر، سەۋزە، پىياز، سامساق، لويلا، بېدە كۆكى، ئۆكۈز ياكى قوينىڭ گۆشى ۋە كالا پاقالچىغى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرغان كۆجە ياكى ئۇماچ بولۇپ، ھەر بىر ئائىلە ئۆز ھالىغا يارىشا نەۋرۇز ئېشى تەييارلاپ مۇراسىم مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىك دەرقەمدە ئولتۇرۇپ بۇ ئىرىملىك تاماققا ئېغىز تېگىشىدۇ. غېرىب-غۇرۋا پېقىرلەرگە خەير-ئېھسان قىلىشىدۇ. بەزى جايلاردا نەۋرۇز ئېشى يۇرت مەھەللىلەر بويىچە جامائەت سورۇنلىرىدا چوڭ داش قازان ئېسىپ مەخسۇس تەييارلىنىدۇ. قازاقلاردا نەۋرۇز كۆجىسىدىن باشقا يەنە خېزىر كېچىسى دەپ ئاتالغان نەۋرۇز كېچىسىگە ئاتاپ كۆكلۈك يېمەكلىك—ئىرىسكا (دانلىق يىمەكلىكلەر ۋە كۆكتاتلار)، ئاق يېمەكلىكلەر(سۈت، ئايران، قۇرت، ئىرىمچىك، شوبات تۆگە قىمىزى) قاتارلىقلار ۋە قىزىل يىمەكلىك(گوشلۇك يىمەكلىكلەر) تەييارلىدۇ. قازاقلار ئارىسىدا نەۋرۇزنى تەبرىكلەشنىڭ ئەڭ كونا، كەڭ تارقالغان سىمۋوللۇق شەكىللىرىدىن بىرى ئۆكۈز ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ يېمەكلىك تەييارلاش ئادىتىدۇر. يۇقىرىقى نەۋرۇز يېمەكلىرىنى تەييارلاش ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ يېڭى يىلدىن باياشاتلىق، شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيدىغان ئارزۇ-تىلەكلىرىنى، خەلقنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغاغا بولغان كۈچلۈك ئېتقادىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 随机文章: