-
2009年01月18日
سىتۇدېنىت قىزلار - [نادىر ئەسەرلەر]
ئۇ قىز پات - پات بىزنىڭ ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرىپ ، بۇلۇڭدىكى ئورۇندىلا ئولتۇراتتى ھەمدە دائىم ئۈچ يۈەنلىك سۈيقاش ئىچەتتى . ئۈن- تىنسىز كىرەتتى ، ئۈن - تىنسىز چىقىپ كېتەتتى . شۇڭلاشقىمىكىن بۇ قىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلاتتىم ، << ئارىمىزدا مۇشۇنداق ئېسىل قىزلارمۇ بار ئىكەن - ھە >> دەپ ھەيران بولاتتىم . ئۇقىز ئاددىي - ساددا كىيىنەتتى . قاشلىرى توم ھەم قاپقارا بولۇپ ، ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان چېچى بېلىدىن ئاشاتتى .
ھېلىمۇ ئېسىمدە ، ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇ دېھقان ئاتىسى بىلەن ئاشۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەنىدى .
- نېمە كەلتۈرۈمىز ئاكا ، لەڭمەن يەمسىز ، پولۇمۇ ؟ كاۋاپ كەلتۈرەيمۇ - يا ؟!
- ھەي ، ئۇكا ، دېھقان دېگەن كاۋاپنى ئۆيىدە سېلىپ يەيدۇ ، بىزگە سەھرا ئېشىدىن ئىككى قاچا كەلتۈرگىن ، سۇيۇق - سەلەڭ ئاش ئىچەيلى .
بوۋاينىڭ كۈلۈپلا تۇرىدىغان كۆزلىرى تولىمۇ يىقىملىق ئىدى . ئۇلارغا سۇيۇقئاش كەلتۈردۈم . دېھقان بوۋاي قارا سوكىسىدىن ئۆيىدە ياققان ناندىن بىرنى ئالدى ۋە ئۇششاق ئۇشتۇپ قىزىنىڭ قاچىسىغا سالدى ، ئۆزىمۇ راسا چىلاپ قورسىقىنى تويغۇزدى .
- ئوبدان ئوقۇغىن قىزىم ، - دېدى ئۇ تاماقتىن كېيىن ، - بۇ ئوقۇش ئاسان قولغا كەلمىدى ، ئاشۇ پۇللارنى تاوقۇچە بېشىمدىن چىققان تەر ئايىغىمغا قۇيۇلغان مېنىڭ . ئىقتىسادچان بولغىن ، سەندىن باشقا يەنە ئىككى ئۇكاڭ تۇرۇپتۇ ، ئۇلارغا قارىمىسام تېخى بولماس . ناۋادا . . . بوۋاينىڭ سۈرۈلۈك قاشلىرى تۈرۈلدى ، - يۈزىمىزنى تۆكۈدىغان ، ياخشى ئوقۇماي يېرىم يولدا توختاپ قالىدىغان بولساڭ ، سەندەك قىزىم يوق .
قىزىنىڭ ئاتىسىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىدىمۇ ياكى ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقمىغاچقىمۇ ، ئىختىيارسىز كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى . مانا بۇ ئىشلار بولۇپ ئۆتكۈلى ئالتە ئاي بوپتۇ ، بىراق ئۇ قىز ھازىر ئۆزگىرىپلا كەتتى . بىر ئايدەك بولغانىدى ئۇ قارىسىنى كۆرسەتمىگىلى ، قارىمامسىز ، ھازىر ئۇنى تونوغىلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ ، تېخى ئاشخانا ئاتلاپ رېستۇرانغا كىرىپ كېتىۋاتمامدۇ ؟
قاراڭ بۇ قىزغا ! ھېلىقى ئەتلەس كۆڭلەڭ ، قاپقارا سۇمبۇل چاچلار نەگە كەتتىكىن ؟ مانا ئۇ ھازىر ساغرىسىغا چىڭ كەلتۈرۈپ پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋاپتۇ ، چاچلىرىنى كەستۈرۈپ قىزىل ، سېرىق رەڭلەردە بويىۋاپتۇ ، قارىغاندا تىرناق ۋە قاش - قاپاقلىرىنىمۇ سىزىپ چەككەندەك قىلىدۇ . << توۋا >> دېدىم ئىچىمدە .
بۈگۈن ئۇ يىگىتى بىلەن بىزنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى ، ئادەتتە سۇقئاشتىن باشقىنى ئىچمەيدىغان بۇ قىزنىڭ ئىشتىھاسى بۈگۈن توخۇ قورمىسى لەڭمىنىگە تارتىپتۇ ، تومراپ چۆپلەرنىمۇ تاللاپ ئېلىپ ئۈستەلگە ئېلىپ قويىۋاتمامدۇ تېخى . يىگىت بولسا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى ، بىراق قىز بۇنى سەزمەيتتى . ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بۇ ھالەتتە پەيدا بولۇشى مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى ، << ئېسىت ، ئاتا - ***ڭ ساڭا قىلغان ئەجرى ! >> دېدىم ئىچىمدە . بەزىدە مەكتەپ ئالدىدا ئاشخانا ئاچقىنىمغىمۇ تويۇپ كېتىمەن ، ئاشۇ ساددا ، ئاقكۆڭۈل سەھرا قىزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپلا ئۆزگىرىپ كېتىشى ، نى - نى ياخشى قىزلارنىڭ ئاسانلا قىلتاققا چۈشۈپ ئۆز بەختىنى قۇربان قىلىۋېتىشى ، ۋاقتىنى بىلىم ئېلىشقا بەرمەستىن ، دىبا ۋە ۋاڭباغا ئىسراپ قىلىۋېتىشى پەقەتلا ئەقلىمگە سىغمايدۇ .
بەزىدە ھەيران قالىمەن . قاراڭ ئۇلارغا ، يېڭى كەلگەندە بېشىدا ياغلىق ، قولىدا كىتاب ؛ 2 - يىلى قولىدا سومكا ، سومكىدا يانفون ؛ 3 - يىلى يېنىدا يىگىت ، ئولتۇرۇشى تاكسى ؛ 4 - يىلى باغرىدا تاش ، كۆزىدە ياش ؛ ئاخىرىدا نامى بار ، ساپاسى يوق ، دىپلومى بار ، ئۇنۋانى يوق ، تارىخى بار ، خىزمىتى يوق ھالدا كوچىغا چىقىپ كېتىۋاتمامدۇ ؟ شۇڭا قىزلىرىمىزغا شۇنداق دېگۈم بار : قىزچاق ، ئۇنداق تېز ئۆزگىرىپ كەتمەڭ ، پۇل - مالغان ، ئويۇن - تاماششىغا بېرىلمەڭ ، قىزلىق ئوبرازىڭىزنى ساقلاڭ ، ئەل - ۋەتەن سىزدىن رازى بولسۇن !