• مېھرى-شەپقەت - [ئاۋازلىق ئەسەرلەر ]

    يېغىپلا تۇرسا مېھرى يامغۇرى،
    يۈرىكى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس.
    ئىنسانى سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك،
    قايسىبىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس.
    سۆيگۈدۇر زىننەت،سۆيگۈدۇر سۇبات،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
                    
    ئىنساننىڭ ئۆزى ئۇلۇغ بىر ئەسەر،
    شەپقەت يەتكۈزۈش دىمەك مۇندەرىجە.
    قىسمەتكە تولغان پىشانىمىزدا،
    ئىلاھى شۇئار سۈزۈكتۈر شۇنچە.
    ئانا سۈتىدىن باشلىنار قۇتاد،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

    ئانا مېھرىدىن كۆز ئاچتۇق تۇلۇق،
    باراۋەرلىكتىن ئالەم يوپيۇرۇق.
    يىتىم رىسقىغا چاڭ سالساق ئەگەر،
    بۇلۇپ كەتمەمدۇ دوزاخقا تۇترۇق.
    تەڭ باراۋەرغۇ ئەسلى ئادەمزات،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

    ئېرىقتا سۇنى بىللە ئىچىدۇ،
    بىللە تىكىلگەن سۇۋادان تېرەك.
    ئەلگە بېرىمىز شۇندىلا شەربەت،
    قاتارى تۇرساق ئانار دانىسىدەك.
    ئىناقلىق بىلەن گۈزەل كائىنات،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

    ساخاۋەت دىگەن مال-دۇنيا ئەمەس،
    ئىككى كەلىمە تەسەللى سەۋەر.
    ئۆزگىگە داننى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،
    ئۆزىگە تاشنى قالدۇرار غەلۋىر .
    ھارام مال-دۇنيا ئىمانغا داغ-دات،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

    يىلغا باھانە كۆرسەتسەك بىكار،
    ئۇنتۇلۇپ كېتەر كۆڭۈلدىكى داغ.
    ئۇنتىلار ھەممە،ئۇنتۇلماس پەقەت،
    ساۋاب ياخشىلىق بىنا قىلغان باغ.
    بىردەملىك ئىكەن نالەيۇ پەرياد،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

    نەغمە بولسىلا ئىچىلماس كىشى،
    توقلۇق بولمىسا مېھرى-شەپقەتتىن.
    تەقدىر شۇنداق دەپ ئۆتمەيلى دوستلار،
    دىللار سۇ ئىچسۇن چىن مۇھەببەتتىن.
    نەپرەت،شەپقەتكە تولغان بۇ ھايات،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

    ئۇز تەبىئەتنىڭ كاجلىقى تۇتسا،
    شاختىلا نابۇت بۇلار گۈل-چېچەك.
    مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ دۇنيا،
    چىن دەيدۇ ھەتتا ئۆزىنى چۆچەك.
    نادانلارغىلا ئەرمەك ياغاچ ئات،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

    كۆكتە قۇشلاردەك قىلدۇرار پەرۋاز،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
    بىر كۈن ھەمراھقا قىرىق كۈن سالام،
    بۇ ئەجدادلاردىن قالغان بىر ساۋات.
    بۇ ئەۋلادلارغا بولسۇن بىر ساۋات،
    مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

     

    مەزكۇر تېما  جەلىپكاربلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://jalipkar.blogbus.com/logs/61303670.html