ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئەزىز دوستۇم! بۇھايات ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


باشبەت بىلوگ ئۇلىنىشلىرى خەۋەر مۇنبەر چايخانا قىرائەت تاللانما قىرائەتبىز ھەققىدەئىسلامچە ئۇلىنىشلار

تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!


<<  «قانىتى بوغۇلغان تىنىشلىق كەپتىرى» | باش بەت | ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە مەقالە تەمسىللەر  >>

2009-06-17

پاسىقلارنىڭ ئاقىۋىتى - [ئىسلام دۇنياسى]

版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41125149.html


زالىم-زومىگەرلەرگە قەھىر-غەزەپ قىلغۇچى، ئاسى -گۇناھكارلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانا بولسۇن. پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئەھلى بەيتىگە تا قىيامەتكە قەدەر ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن. دوستۇم زالىملارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرغا قاراپ ئاللاھ ئۇلاردىن بىخەۋەر ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالمىغىن.بۇ دۇنيا سىناق ئۇچۇن يارتىلغاندۇر. سىناق ئاخىرلاشقانغا قەدەر بارلىق ئىختىيارلىق سىنىڭ ئىلكىڭدە بولىدۇ،خالىغىنىڭنى قىلالايسەن. سىناق جەريانى ئاخىرلىشىپ ئەجىلىڭ توشقاندا سىنىڭچە ئىختىيارلىق كىمنىڭ ئىلكىدە بولار؟ ؟؟؟! شۇ چاغدا خالىغىنىڭنى قىلالاسەنمۇ؟ دوستۇم ئەقلىڭ بولسا تۇۋەندىكى ھەقىقى ۋەقەلىكدىن ئىبرەت ئالغايسەن. بەلكىم بۇ ۋەقەلىكنى ئوقۇپ بولغىنىڭدىنكىن مىنىڭ ئەجلىم قايسى ۋاقىتتا توشىدىغاندۇ ، ئەڭ ئاخىرقى ھايات دەقىقىلىرىم قانداق بولىدىغاندۇ دەپمۇ قالاسەن. ماڭا بۇ ۋەقەلىكنى شەيخ دوكتۇر ئەبۇ ئابدۇللاھ بىر-بىرلەپ سۇزلەپ بەرگەنتى. بىزنىڭ مەھەللىدە بىناماز،ئىبادەتسىز، داۋاملىق كىشىلەرنى قاقتى-سوقتا قىلىدغان زالىم بىركىشى بار ئىدى. كۇنلەردىن بىر كۇنى بۇ كىشى مەھەللىمىزلىك بىر مەدىكارنى ئىشلىتىپ ئىش ھەققىڭنى كىينقى قىتىم بىرمەن دىگەن بىر ئىغىز سۇز بىلەن قايتۇرۋەتتى .بىچارە مەدىكار كىينقى قىتىممۇ يەنە شۇنداق سۇزلەر بىلەن قايتۇرۇلدى. ئۇ ئىلاجىسىزلىقدىن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئىش ھەققىمنى بىرۋەت،ئاللاھدىن قورق،ئاللاھ زومىگەر زالىملاردىن ئىنتىقام ئىلىپ بەرگۇچىدۇر،گۇناھكار ئاسىيلارنى جازالىغۇچىدۇر ،دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. لىكىن ئۇ زومىگەر-زالىم ئىش ھەققىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئىنىق ئىتىپ تىخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى. ئەمدى بىچارە مەدىكارنىڭ ئىش ھەققىدىن ئۇمۇت يوق ئىدى.زالىم باشقلارغا قىلغان زۇلىملىردىن خوشال بولۇپ قىن-قىنىغا پاتماي قالغان ئىدى. ئۇنىڭدا نە-ناماز،نە-ئىبادەت،نە– ئەدەپ-ئەخلاقدىن ئەسەرمۇ كۇرۇلمەيتتى.ئۇ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ياشاشقا شۇنداق ھىرىس ئىدىكى زۇلۇمغا ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنىڭ شەكسىز قۇبۇل بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ كۇرمىگەن ئىدى.ئەنە شۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۇتمەي بۇ زالىم قىممەت باھالىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ سەپەرگە چىققان ئىدى. بىر ئاز ماڭغاندىنكىن كەڭىر كەتكەن قۇم-دالاسىغا كىرىپ يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.دەل شۇچاغدا ئاللاھنىڭ قەھىر-غەزپى كەلدى. قىممەت باھالىق ئالى ماشىنا توساتتىن قۇم-بارخانلىرى ئوتتۇرسىدا بۇزۇلۇپ قالدى.يا ئاللاھ يىپيىڭى ئالى ماشىنمۇ بۇزۇلۇپ قالامدۇ؟! شۇنداق ئاللاھ ئىرادە قىلسا بۇزۇلماي نىمە ھەددى. قوياش نۇرى تەپچىپ تۇردىغان قۇم-بارخانلىرىدىن قانداقمۇ ساق-سالامەت چىقىپ كىتەر؟ ئەمما پۇرسەت بار ئىدى، ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا ئەڭ ئىلغار يانفۇن ئىلىۋالغان ئىدى.تىلفۇن قىلسىلا قۇتقۇزغۇچى خادىملار دەرھال يىتىپ كىلەتتى. ئۇ مەغرۇر ھالدا يانفۇننى قولىغا ئالدى، ئاھ....ئاھ.... نىمە ئىش بۇ يانفۇنمۇ بۇزۇققۇ؟! تىخى بايلا ساق ئىدىغۇ! گەرچە يانفۇن زالىمنىڭ قولىدا بولسىمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنغاندەك قىلاتتى.( ئى ئاللاھ سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ-ھە !) ئۇ پۇتۇن بىر كۇن قۇم-دالاسىدا قىلىپ قالدى. ئەتراپقا قارايتتى. بىراۋنىڭ كىلىپ قۇتقۇزۋىلشىغا ئىنتىزار ئىدى، پارلاق قوياش پۇتۇن ئەتراپقا نۇر چىچىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۇسسۇزلىقى تىخىمۇ ئىشىپ ھالسىزلىنىپ كەتتى، ئاخىرى ئۇسسۇزلۇققا چىدىماي ماشىننىڭ ماي باكنى ئىچىپ ماي ئىچىشقا باشلىدى. لىكىن ئۇمۇ كار قىلمىدى. ئەتىسى چارلاش ئەتىرتىدىكىلەر قۇم-دالاسىدىن ئۇنىڭ جەسدىنى تاپتى. بۇ نىمە دىگەن يىرگىنىشلىق ئۇلۇم-ھە؟! دوستۇم قانداقراق ھىسياتقا كىلىۋاتسەن؟ ئاخىرقى ھاياتىڭنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ بىلمەن دوستۇم سەن داۋاملىق چوقۇم بىر كۇنى ناماز ئوقۇيمەن ،ئىبادەت قىلىمەن،يامان ئىشنى تاشلايمەن دەيسەن؟ زادى قايسى كۇنى؟ بىناماز،ئىبادەتسىز يۇرگەن كۇنلىرىڭنىڭ بىردە ساڭا مۇشۇنداق تۇيۇقسىز ئۇلۇم كىلىپ قالسا قانداق قىلاسەن؟! ئويلاپ كۇردۇڭمۇ؟ سەن بىلەن تەڭ ياشلىق بىرەر دوستۇڭ ھىچقانداق كىسەلسىز ئۇلۇپ كەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسەن؟ دوستۇم ساڭا دوسلارچە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن. ئىنسانلا بولىدىكەن ھامان ئۇلىدۇ. لىكىن قاچان ئۇلىدۇ بۇنى ئاللاھدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ. سەنمۇ ھىلقى زالىمدەك كۇنگە قالماي دىسەڭ ھازىردىن باشلاپلا ئۇزۇڭنى تۇزتىۋال، ناماز باشلىۋال، شەيتاننىڭ ئىتىگە مىنمە . خەير دوستۇم ساڭا ھىدايەت تىلەيمەن. تەرجىمە قىلغۇچى : بۇھايات


收藏到:Del.icio.us