سالامەتلىك بەك مۇھىم، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ
خېلى ۋاقتلار ئىلگىرى توردا بىر پاچە ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. ماقالىدە «پروگرامما ۋە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلىدىغانلار سالامەتلىكىگە بەك دىققەت قىلىشى، ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزغىنلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويماسلىقى كېرەك. بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بەك چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، سالامەتلىك گۈزۈل كەلگۈسىڭىزنىڭ دەسمايىسى. ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ!» دېگەن قۇرلار ئۇقۇۋاتقاندا، بۇ گەپلەرنى ئارتۇقچىدەك ھېس قىلغان ئىدىم. بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش، بەزىدە يېرىم كىچىگىچە بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىۋىتىش ئۈچۈن كەچ ئۇخلاش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانلار ئۈچۈن بۇ بەك ئارتۇقچە بىلىنىدىكەن. چۈنكى ماڭا ئوخشاش خېلى ۋاقت شۇنداق قىلىپ تۇرۇپمۇ، سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ئاشۇرۋەتكەنلىكتەك بىلىنىدىكەن. ئەمما بېشىڭىزغا كەلگەندە «پۇشايمانغا قاچا يوق» بولۇپ قالىدىكەن. گەرچە مەن پەقەت زىيادە چارچاپ كەتكەن بولساممۇ، سالامەتلىك جەھەتتىن بەك چوڭ مەسىلە چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ 1~2 كۈندىن بىرى يەتكۈچە قىينىلىپ بولدۇم. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇندىن كىيىن بۇنداق بىردەملىك قىزغىنلىق ئۈچۈن كىچىلەپ ئىشلەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن.
ئاخىرىدا بۇ ئىككى كۈندىن بىرى ماقۇل بولۇپ تۇرۇپ، ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ بىرەلمىگەن ئىشلىرىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. كەچۈرۈڭلار. ئالدىمىزدىكى نەچچە كۈن ئىچىدە يەنىلا دەم ئېلىشىم زۈرۈر بولغاچقا، توردا بەك جىق پائالىيەت قىلىپ كىتەلمەيدىكەنمەن. دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاللا ھەممىمىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي.
2011/01/26 01:06:50
تەن ساقلىق ئەڭ زور بايلىق ، دەپتىكەن كونىلار. ئۆزلىرىگە ، ھەممەيلەنگە سالامەتلىك يار بولسۇن!
2011/01/30 12:51:44
رەھمەت. ھەممىمىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن.
2011/01/26 18:15:04
ھەي ، مەن كىچە كىچىلەپ كومپىيوتىر ئالدىدا ، قورقۇپ قالدىم ئۆزۈمدىن …
2011/01/30 12:51:58
سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.
2011/01/27 02:47:53
نىمىشقا چىقمايدىكىن دەپتىمەن تېخى…سىز نىڭ يوقلۇقىڭىز تۈنۈگۈن بەك بىلىندى جۇمۇ….
2011/01/30 12:52:22
بەزىدە ئامالسىز قالىدىكەنمىز. قانداق؟ بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ؟
2011/01/29 16:05:21
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ مەنمۇ ئۆزۈم توغرۇلۇق ئويلاپ قالدىم. ھەر كۈنى كەچ دادام 10:00 كېيىن قالماي ئۇخلاڭ بالام دېسە «ھە» دەپ قويۇپ، ئاكامنى تۈزۈك ئۇخلىغىلى قويماي مەشغۇلات قىلىشىم….. ھەي ، چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانغا تويە
.
بۇندىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن.
2011/01/30 12:52:48
سالامەتلىكىڭىزگە بەك دېققەت قىلىڭ. ھەممىمىز سالامەت بولايلى.
2011/02/14 20:12:20
كېچە سائەت 11 دىن كېيىن ئۇخلىسىڭىز ۋە داۋاملىق مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئالدى بىلەن جىگەر كاردىن چىقىدۇ،شۇنىڭ بىلەن سىز بىر بۇزۇلسا ئاسان تۈزىگىلى بولمايدىغان رەئس ئەزادىن قۇرۇق قالىسىز،دە، ئاندىن نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇلار بەربات بولىدۇ. شۇڭا ھەرقاندق مۇھىم ئىش بولسىمۇ 10:30 دا دەل توختۇتۇپ ئۇخلاپ سەھەر سائەت 03:30 تۇرۇپ ئىشلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. ئەگەر بۇ ھەقتىكى ساۋاتلاردىن بەھىرلىنەي دېسىڭىز، ئىنكاس يوللاڭ.
2011/02/14 20:34:42
ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. يېقىندىن بىرى دېققەت قىلىۋاتىمەن. بولسا مۇشۇنىڭدەك دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى دەپ بەرگەيسىز. سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن.
2011/02/15 14:30:10
مەن ئۆيگە تورنى يېڭىدىن ئۇلغان بولغاچقا تور بىلىملىرىدىن بەك خەۋىرىم يوق. مەن تور دۇنياسى ھەققىدە يېتەكلەشكە بەك مۇھتاجمەن، بىلگەنلىرمىزنى ئاياشمىساق،مەنمۇ سىز لازىم قىلىغدىغان بىلىملەرنى يەتكۈزسەم ،ماڭا تور دۇنياسىدىن پايدىلنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز،بولامدۇ؟ مەن ئىشنى نەدىن باشلىسام بولىدۇ؟تور دىن بىلىملەرنى قانداق ئالىمىز؟
2011/02/15 22:41:44
تور دۇنياسىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىتىپ قويغۇدەك تەجرىبە يوق، مەن ئۆزەمنى توردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقانلار قاتارىدا سانىمايمەن. ئەمما توردىن پايدىلىنىش ھەققىدە ئۆزىڭىز بىلمەكچى بولغان ئىشلارنى كونكېرتراق ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، مەنمۇ ئويلىغىنىم دەپ باقسام بولىدۇ. توردىن ياخشى پايدىلىنىمەن دەيدىكەنسىز «كۆڭۈل ئېچىش ۋە قۇرۇق پاراڭنى ئاساس قىلىۋالغان بېكەتلەر»گە خۇمار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئۇنداق بولمىغاندا ۋاقتىڭىز قانداق ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالىسىز.