قۇرۇقلۇق ئەسلى مۇشۇنداق پارچىلىنىپتىكەن (Ice Age 4)
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئەسلى يەر يۈزىدىكى بارلىق قۇرۇقلار بىر-بىرىگە تۇتاش ئىكەنتۇق. بىراق، بارلىق ئىشلار ئەسلىدە مۇشۇ دەقىقىدىن باشلانغان ئىكەن…گەپكە كەلسەك، مۇز ئېراسى(Ice Age) ناملىق بۇ 3D كارتون فىلىم ئارىمىزدا ھېچقايسىمىزغا ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن. سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى ئاللىقاچان باشلانغان «مۇز ئېراسى 4-بۆلۈم: قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلىشى» 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى يەرشارى بويىچە تەڭلا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ فىلىمدىن دەسلەپكى خەۋەر: «تىيىنچاقنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى پارچىلىۋېتىشى» ناملىق قىسقا كارتون فىلىمنى ئېلىپ كەلدىم.
ئېلاۋە: بۇ قىسقا فىلىمنى تورخۇمارلار بلوگىدا ئۇچرىتىپ بۇ يەرگە ھەمبەھىر قىلدىم.
2011/01/10 17:25:23
ئەسلى مۇشۇ كاساپەتنىڭ ئىشىكەندە؟!
2011/01/12 19:27:42
ھا ھا
راۋرۇس ئاچچىقىڭىز كەپتۇ-دە
2011/01/12 13:43:51
تەسەۋۋرغا ئاجايىپ ، ئاجايىپلا باي خەق جۇمۇ بۇلار . ئاۋۇ بىچارە ، ئۇماق تىيىنچاققا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىپ قالىدىكەن .
2011/01/12 19:28:20
بۇ كىنودا باشتىن ئاخىرى مۇشۇنداق چىقىدۇ بۇ بىچارە تىيىنچاق
2011/01/12 18:44:14
ھەي دىۋاننى قولدىن بىرىپ قويوپتىمەن بۇ كارتونمۇ ئالامەت ئىشلەنگەن كارتونلارنىڭ بىرسى بولسا تولوق نۇسقىسى بولسا بىر كۆرسەم
2011/01/12 19:28:50
تولۇق نۇسخىسى تېخى چىقمىدى. بۇ بىر كىنونىڭ تەشۋىقات فىلىمى.
2011/01/17 17:51:18
بۇ فىلىمنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بۆلۈمىنى تولۇق كۆرگەنتىم. مەن تېخى مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن. بۇ كاساپەتنىڭ قۇرۇقلۇقنى بۇنداق پارچىلىۋەتكەنلىكى ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن بىر ئىشكەن ئەمەسمۇ. داۋامىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن. بۇنى تۇنۇشتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت~!
2011/01/17 22:50:05
ھاھا…. قاچانمۇ كۆرەرمەن~~~~
2011/02/11 00:31:44
ئا…ز قالدى