CS نىڭ 2010-يىللىق KOD5 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
مەن ئەڭ ئۇزۇن ئوينىغان، ھەم ياقتۇرۇپ ئويناپ ئىچ-پۇشۇقۇمنى چىقىرىدىغان ئويۇن CS ئىدى. مۇشۇ سەۋبلىك CS قا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. بۈگۈن توردا CS نىڭ 2010-يىللىق KOD5 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ سىن فىلىمى ئۇچراپ قالدى. ھەممىنى تولۇق كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم. ئازراق كۆرۈپ، قالغىنىنى كىيىن كۆرۈش ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم.
گەرچە مەن ئويۇن ئۈچۈن ھەممە ۋاقتىمنى ئاجراتمىساممۇ، بەزى-بەزىدە ئويۇن ئوينايدىغان پۇرسەتلەرمۇ چىقىپ قالىدۇ. شۇ ۋاقتتا دەل مۇشۇ CS مېنىڭ بىرىنجى تاللىشىم!
ئالدىنقى: 2010-يىلىدىكى كىلاسسىك خاتا تۇيغۇلار
كىيىنكى: بېيجىڭ-ئۈرۈمچى پويىز ۋاقتى 33 سائەتكە قىسقىرايدىكەن
كىيىنكى: بېيجىڭ-ئۈرۈمچى پويىز ۋاقتى 33 سائەتكە قىسقىرايدىكەن
2010/12/24 09:03:39
نېمىشقىكىن،كۆزنەك7نى يېڭىدىن قاچىلىغاندىن كىيىن،بۇ ئويۇن تولا قېتىۋېلىپ…ھازىر ئوينىيالماي ئىچىم سەت پۇشتى،باشقا ئويۇن ئويناپ باقماپتىكەنمەن!…
2010/12/24 11:48:32
سىنكارتىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. Win7 ئۆزى قاچىلىغان قوزغاتقۇچ بۇ ئويۇننى قوللاپ كەتمەيدىكەن. شۇڭا سىنكارتىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.
2010/12/24 10:46:47
QQ شركىتىنىڭ CF چىققاندىن بۇيان CFلا ئوينايدىغان بولدۇم.
2010/12/24 11:49:37
CF نى مەنمۇ يېڭى چىققاندىن باشلاپلا ئوينىغان. ئۇنىڭدا دەرىجەممۇ خېلى قېرى مېنىڭ
لېكىن نېمىشقىكىن مۇشۇ CS خۇمارىمنى باسالمايدىكەن
2010/12/24 13:19:21
CF ئويناۋەرسە CS بىلەن ماسلىشالماس بولۇپ قالىدىكەن. باللار بىلەن CS ئوينىسام بۇرۇنقىدەك شاش ئوينىيالمايدىكەنمەن.
2010/12/24 14:03:28
CF ئوينىسام كومپيۇتېرىمىڭ جېنىنى سەل قىيناپ قويىدىكەن. شۇڭا ھازىر ئانچە ئوينىماس بولدۇم. ئىچىمىز پۇشقاندا 10 نەچچەيلەن بىر توپ بولۇپلا 1~2 سائەت CS سوقۇپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئويۇن خۇمارىمىزمۇ چىقىپ قالىدۇ.
2010/12/24 17:21:11
مەن ئوڭغاي سولغاي ئارىلاش سولغاي ئويناشقا ئامراقراق . ئويناپ باقساق بولغۇدەك
2010/12/28 16:04:39
بىزمۇ پات – پات باللىنى چاقىرىپ ئوپچى تورخانىغا چىقىپ بىر ئىككى سائەت ئىتىشىپ قويىمىز ، ئالامەت قىززىپ قويىدۇ …