-
يۇرتۇمنىڭ كۆرۈنۈشلىرى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
2008-11-01
يۇرتىمىزدا مەشرەپ
ئالتۇن رەڭ توغراقلار
تارىم بويىدىكى تەبئى ساياھەت رايۇنى-توغراق باغچىسى
مىڭ يىللىق توغراقلار
يۇرتىمىزنىڭ مېۋە-چىۋىلىرى
ئاق كىشمىش
ئۆرۈك خورمىسى
نەشپۈتلۈك باغ
كورلا نەشپۈتى
ئالوچا
مەھەلىلەردىن كۆرۈنۈشلەر
收藏到:Del.icio.us
<< باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر تېخنىكىسى دەرس پىلانى چۈشۈرۋېلىڭ | باش بەت | ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق بىلەن سۆبەت (يېڭى ئاۋازلىق) >>
يۇرتۇمنىڭ كۆرۈنۈشلىرى
Blog:Yrtum2008-12-07 12:53:59
引用
下面Blog引用了该文:
评论
سىزدىن سورايدىغان بىر نەچچە سوئالىم بار ئىدى. ۋاقتىڭىز چىققاندا جاۋاب بىرىپ قويارسىز.
بۈگۈرنىڭ "سوخۇ" دەپ بىر يېزىسى بار دەپ ئاڭلىدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ يېزا "لوپنور دىئالىكتى" رايونىغا تەۋە ئىكەن. ئۇنداقتا:
1. سوخۇ يېزسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىمى بارمۇ يوقمۇ؟ يەرلىكلەر ئۇ يەرنى نېمە دەپ ئاتايدۇ.؟
2. سوخۇ يېزىسى بۈگۈر ناھىيە مەرگىزىدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟ لوپنور ناھىيە مەركىزىدىن ياكى قارچۇغا يېزىسىدىن قانچە كىلومىتىر كېلىدۇ؟ (تەخمىنىي بولسىمۇ بولىدۇ)
3. سىزنىڭچە ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىشىڭىزچە ئۇلار راستىنلا لوپنورلۇقلارغا ئوخشاش سۆزلەمدۇ؟ ناۋادا مەن ئۇ يەرگە بارسام، ئاشۇنداق ئالاھىدە بىر تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغانلارنى تاپالىشىم مۇمكىنمۇ؟
رەھمەت.
بۈگۈرنىڭ سوخۇ دەپ يېزىسى بار خەنزۇچە ئاتىلىشى 草湖 بۇ نامنىڭ خەنزۇچە ئاتالغۇ بىلەن باغلىنىشى بارمۇ يوق بۇ ماڭا نامەلۇم، يەنە مۇشۇ يېزا بىلەن ئوخشاش ئورۇندىكى كورلىنىڭ پۇخۇي يېزىسىنىڭ بۇرۇنقى نامىمۇ "سوخۇ" دەپ ئاتىلىدىكەن.
سوخۇ يېزىسى بۈگۈر ناھىيە بازىرىدىن 80كىلومېتىر يىراقلىقتا يەنى تارىم دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلاتتى، ھازىر ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداش، تارىم دەرياسى سۈيىنى تۆۋەن ئىقىنغىچە يەتكۈزۈش قۇرۇلىشى داۋامىدا ئەسلىدىكى سوخۇ يېزىسىنىڭ ئاھالىسى ھازىرقى ناھىيە بازىرىدىن 13كىلۇمېتىر جەنۇپ تەرەپكە جايلاشقان يېڭى سوخۇ يېزىسى (كەنتى) گە كۆچۈرۈپ كېلىندى.
سوخۇ يېزىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى لوپنۇرنىڭ قارچۇغا يېزىسىنىڭ دوڭقوتان دىگەن جايلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ ، ئۆرپ ئادىتى ۋە شىۋىسىمۇ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، سوخۇلۇقلار لوپنۇرلۇقلۇر بىلەن قۇدا-باجا بۇلۇشۇپ ئۆتىدۇ.
ھازىر يېڭىدىن چوڭ بۇلىۋاتقان ياشلار ئاساسەن بۈگۈر ناھىيىسىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش سۆزلەيدۇ، ئەسلىدىكى تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغانلارنى تاپقىلى بۇلىشى مومكىن. مەن سۈرۈشتۈرۈپ باقاي ئەسلىدىكى ئورنىدا يەرلىك ئاھالىلەر بارمۇ يوق....