يۇمتاللار





ھۆججەت نامى: خىمىيەدىكى ئېلېمېنىتلار دەۋرى جەدۋىلى
تۈزگۈچى: مۇھتاج توربېكىتى
ھۆججەت شەكلى: winrar
ھۆججەت سىغىمى: 2.4mb
مۇھتاج توربېكىتىدىكىلەر ياسىغان بۇ يۇمتال ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىمىيە تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن خىمىيەدىكى ئېلېمېنىتلار توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتە ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت (كومپيوتېر لۇغىتى)
يۇمشاق دېتال ئىسمى: ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت
قاموس العربية – الاويغورية
ھۆججەت شەكل: exe
ماس كېلىدىغان سېستىما: Windows نىڭ ھەرقايسى نەشىرى
(مەن Win 7 دە سىناپ باقتىم)
بۇ ھەقسىز لۇغەت خېلى ياخشىكەن. ئىقتىدارى كۆپ، كۆرۈنۈشى ئاددى، ئىشلىتىش قولايلىق ۋە سۆزلۈك مىقدارى خېلى مولكەن.
باشقا تەپسىلاتلارنى لۇغەتنى قاچىلاپ كۆرۈڭ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەر ئىشلىگەن (ئېنگلىزچە – ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە) ئۈچ تىللىق كومپيوتېر لۇغىتى بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ؛ باشقا لۇغەتلەرگە قارىغاندا «سۆزنىڭ ئارقا ھەرپلىرى بويىچە ئىزدەش»تىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقى بار.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ھۆججەت چوڭ بولغاچقا، بوشلۇققا پارچىلاپ چىقىرىلغان 4 پارچە ھۆججەتنى تولۇق چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن پرېستىن يېشىڭ. بۇ لۇغەتتە ئۇيغۇرچە سۆز ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، كومپيوتېرىڭىزدىكى كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتمەڭ. لۇغەتنىڭ ئىزدەش ئورنىدىكى «ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش» نى تاللىسىڭىزلا، ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بۇ لۇغەت (1- لۇغەت) مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە تۆت خىل تىلدا ئەسلى سۆزلۈك ۋە مەنىسى بويىچە ئىزدىگىلى بولىدۇ.
كومپيوتېرىڭىزدا چوقۇم Microsoft NetFrameWork4.0 بولۇشى كېرەك. Windows 7 دە بار.
2-لۇغەت ئاددى نۇسخا بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا.
Turkiy Tillar Diwani Komputer Lughiti
Divan-ı Lugat it Türk’ün elektron sözlüğü

1-لۇغەتنى چۈشۈرۈش
2-لۇغەتنى چۈشۈرۈش

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى