Microsoft شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى SkyDrive مۇلازىمىتىنىڭ نامىنى OneDrive دەپ ئۆزگەرتىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرھوندىكى ماتېرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. شۇڭا كۆپىنچە كىتابلارنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوڭشايمىز.
Uncategorized
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 09-كۈنى
يانفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە زىيارەت قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بۈگۈن بىرھون تورىنىڭ كۆچمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇق. كۆچمە نۇسخا ئۈچۈن مەخسۇس ئادرېس بېكىتىلمىدى. ئەگەر بىرھون تورى (www.birhon.com) نى يانفون، پەد قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئاچسىڭىز، ئاپتوماتىك ھالدا كۆچمە نۇسخا ئېچىلىدۇ. كۆچمە نۇسخا بىلەن ئەسلى (كومپيۇتېر) نۇسخىسىنىڭ مەزمۇن ۋە ئىقتىدارلىرى ئوخشاش. كۆچمە ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرجان تەمىنلىدى (كۆپ رەھمەت). كۆچمە نۇسخا تورىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئېقىم تېجەيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، شۇنداقتىمۇ WiFi ياكى باشقا ھەقسىز تور مۇھىتىدا زىيارەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى
2013- يىللىق نوبېل تېبابەت مۇكاپاتى ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروففېسسورى James E. Rothman، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىيولوگىيە پەنلىرى پىروففېسسورى Randy W. Schekman ۋە گېرمانىيەلىك بىيو-خىمىيە ئالىمى Thomas C. Südhof دىن ئىبارەت ھۈجەيرە ئىچكى توشۇش سىستېمىسدا يېڭى بايقاش ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ كىشىگە بېرىلدى.
2013-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى
يېقىندا جۇڭگۇ پەن-تېخنىكا ئۇنۋىستىتىنىڭ «يازما باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئانالىزى» ناملىق سىنلىق ئوچۇق دەرسى باشلاندى. بۇ دەرس ئاساسلىقى ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا قارىتىلغان بولۇپ، دەرس مەزمۇنى ماتېرىيال ئىزدەشتىن تارتىپ تەتقىقات تېمىسىنى بېكىتىشكىچە ناھايتى تەپسىلىي بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى شۇغۇللانماقچى بولغانلار ئۈچۈن تولىمۇ بەك ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلىق بىلىملەر سۆزلىنىدۇ. ئادرېسى:
http://mooc.ustc.edu.cn/upload/default.php
2013-يىلى 05-ئاينىڭ 21-كۈنى
Internet Explorer 6 چىققىلى 10 يىل بولدى. بۇ ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل تىرىشىپ، توربەت ئەندىزىسىنى شۇ توركۆرگۈچكە ماسلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، ئەمدى ھېرىپ قالدۇق. شۇڭا بىرھوننىڭ ئۇسلۇبى پەقەت Internet Explorer 10، موزىللا Firefox ۋە Google Chrome قاتارلىقلارغا ماس ئىشلەندى. توركۆرگۈچىڭىزنىڭ نەشرى تۆۋەن بولسا، بەزى ماتېرىياللارنى چۈشۈرەلمەسلىكىڭىز، بەزى مەزمۇنلار نورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن ئەڭ يېڭى، زامانغا لايىق توركۆرگۈچنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. (خالىغان بىرىنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ):
FireFox ئەڭ يېڭى | IE 10 | Chrome ئەڭ يېڭى |
2013-يىلى 05-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
كۆپلىگەن ئالدىراشلىقلار سەۋەبلىك بىرھوننىڭ مەزمۇنىنى ئۆتكەن بىر ئايدا يېڭىلاپ بولالمىدۇق، بۇ سەۋەبلىك تورداشلارغا كەلتۈرگەن ئۈمىدسىزلىك ۋە قولايسىزلىقلار ئۈچۈن ئەپۇ سورايمىز، خۇدايىم بۇيرىسا، ئالتىنچى ئايدا بىرھون يەنە يېڭى مەزمۇنلار بىلەن داۋاملىشىدۇ…
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 16-كۈنى
- تۈركىي تىللار دىۋانى… 4,280 قېتىم
- ئورخۇن شەجەرىسى+MP3… 3,362 قېتىم
- ئەپ 2,878 قېتىم
- Multiling 0.69.1 ۋە … 2,692 قېتىم
- Android كۆپ تىللىق ق… 2,343 قېتىم
- Android ئۈچۈن ئۇيغۇر… 2,245 قېتىم
- لېيىغان بۇلاق 1… 2,236 قېتىم
- شىنجاڭ تارىخ ماتېرىي… 2,173 قېتىم
- لېيىغان بۇلاق (7 قىس… 1,944 قېتىم
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خ… 1,878 قېتىم
- ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە ل… 1,790 قېتىم
- باھادىرنامە… 1,756 قېتىم
- ئېلىپبە (1980 – يىلل… 1,663 قېتىم
- ئانا يۇرت 1,401 قېتىم
- ئۆزبېك تىلى دەرسلىكى… 1,341 قېتىم
- لېيىغان بۇلاق 2… 1,224 قېتىم
- ياپون تىلى (سۆزلۈك ت… 1,206 قېتىم
- ئۇيغۇر خەتتاتلىقى… 1,183 قېتىم
- لېيىغان بۇلاق 7… 1,145 قېتىم
- لېيىغان بۇلاق 3… 1,059 قېتىم
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى