كىتاب نامى: مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى
جەمئىي 2 كىتاب
يازغۇچى: ناپالېئون خېئول\ناپالىيون ھىل
تۈرى: ئىقتىساد، ئىگىلىك تىكلەش
نەشىر ۋاقتى: 2001
ھۆججە شەكلى: PDF
سىغىمى: 20M
قىسقىچە مەزمۇنى: «ناپالېئون خېئول (Napoleon Hill) دېگەن ئىسىمنى ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنى ئىجادىيلىق بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت، بەرپاچىلىق، باشقۇرۇش، رەھبەرلىك ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە دالى كارنىگدىنمۇ كاتتا ئورۇنغا ئىگە قىلدى…. ئۇنىڭ بۇ كىتابى مىليونلىغان كىشىنى دۆلەتمەن ۋە مەرتىۋىلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ قامۇسىغا ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە خېئولمۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى نامى مەشھۇر ئالىم بولۇپ قالغان.
تەبئىي پەنلەر
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
2013-يىلى 06-ئاينىڭ 02-كۈنى
كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خەنزۇچە تېببىي ئەمەلىي قوللانما
تۈزگۈچى: ئەخمەتجان ئىسمايىل
ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى: ئادىلجان تۇراق
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 8M
مەزكۇر كىتاب 60 نەچچە بەتلىك بولۇپ، كىتابتا دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، دورىلار ۋە داۋالاش جەريانىدا دوختۇر-بىمار ئوتتۇرىسىدا دائىم قوللىنىدىغان دىيالوگلار ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت شەكلىدە بېرىلگەن.
بىرھوندا ئورتاقلاشقۇچى: pantkn
چۈشۈرۈش ئورنى »
2013-يىلى 06-ئاينىڭ 01-كۈنى
كىتاب ئىسمى: تېببىي ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى
تىببىي ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى
تېببىي مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان داۋالاش ۋە دورىگەرلىك دائىرىسىدىكى كەسىپلەر ئۈچۈن زۆرۈر دەرسلىك
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: دوكتور ھەمدۇللا مەمەت
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 5M
مەزكۇر كىتاب ۋاڭ پېيلىن، ياڭ كاڭجۈەن قاتارلىقلار تۈزگەن «تېببىي ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى 医学细胞生物学 ناملىق كىتاب ئاساسىدا تەييارلاندى.
بىرھوندا ئورتاقلاشقۇچى: دوكتور ھەمدۇللا مەمەت
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 08-كۈنى
كىتاب ئىسمى: مارشال ئىلھامى
يازغۇچى: ئەزىز قاسىم
(ئېزىز قاسىم، ئېزىزوپ قاسىم، ئېزىزوف قاسىم، ئېزىزوۋ قاسىم، ئەزىزوپ قاسىم، ئەزىزوف قاسىم، ئەزىزوۋ قاسىم)
تۈرى: ھەربىي ئىشلار
نەشىر ۋاقتى: 1984
ھۆججەت ئەندىزىسى : PDF
سىغىمى: 54m
بەت سانى: 110
ئېلكىتاب تارقاتقۇچى: لوپنۇرى
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ كىتابتا ئاپتور بۇندىن (كىتاب يېزىلىشتىن) 27 – يىل بۇرۇنقى (ئۈرۈمچى ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى سالاھىيىتى بىلەن) مارشال پىڭ دېخۈەي بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىنى، ئاتلىق قىسىمدا مەشىقلىنىش ۋە بىر قىسىم چېگرا قوغداش مەقسىتىدىكى جەڭلەرگە قاتنىشىش جەريانىنى سۆزلىگەن…
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
كىتاب ئىسمى: تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى
Türkler ansiklopedisi
جەمئىي 21 جىلد
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: تەخمىنەن 15 مىڭ بەت
سىغىمى: تەخمىنەن: 300m
«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» 1943 – يىلىدىن باشلاپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە، “yorgun ansiklopedi” (يورغۇن ئېنسىكلوپېدىيەسى)، “İnönü Ansiklopedisi” (ئىنۆنۈ ئېنسىكلوپېدىيەسى)، “Türk Ansiklopedisi” (تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى) ۋە “Türkler Ansiklopedisi” (تۈركلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى) دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان. بۇ «Türkler» ئېنسىكلوپېدىيەسى نامىدىكى ئەڭ يېڭى نەشرىدۇر.
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 07-كۈنى
كىتاب ئىسمى: ئۇرۇش ۋە قوماندان
يازغۇچى: ئەزىزوۋ قاسىم
تۈرى: ھەربىي ئىشلار
بەت سانى: 250
نەشرىيات: خەلق نەشرىياتى
ۋاقتى: 1994
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 35mb
تارقاتقۇچى: لوپنۇرى
قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللارنىڭ تەرەققىياتى، تارىختىكى ئۇرۇشلار ۋە تاكتىكىلار، سۇنۋۇ ۋە سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى، سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى، ئۇرۇش سىتىراتىگىيەسى ۋە تاكتىكىسى، مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا ئۆتكەن ئۈچ مەشھۇر ھەربىي سەركەردىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش، تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي سىتىراتىگىيىسى ۋە تاكتىكىسى، قۇماندان ۋە ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىش سەنئىتى
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
كىتاب ئىسمى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلەر توپلىمى
تۈزگۈچىلەر:
باش مۇدىر: ئىسمائىل تىلىۋالدى
باش تۈزگۈچى: ليۇ گېچىڭ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلەر توپلىمى تەھرىراتى تۈزدى
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: 165 (150 پارچىدەك خەرىتە)
سىغىمى: 340m
مەزكۇر ئەسەرنى نۇرتىكىن ناملىق تورداش تەمىنلىگەن.
چۈشەندۈرۈش: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلەر توپلىمى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چوڭ تىپتىكى خەرىتىلەر توپلىمى، شۇنداقلا كۆپلىگەن پەن ۋە بىلىملەرگە چېتىلىدىغان جۇغراپىيەلىك بوشلۇق ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدۇر.
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 24-كۈنى
كىتاب ئىسمى: شىنجاڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى
نەشىر قىلغان ۋاقىت:1973
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 25mb
بەت سانى: 808
تەمىنلىگۈچى: ئىستىقبال مۇنبىرى
نەشىر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى
تۈزگەن ئورۇنلار: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت سەھىيە ئىدارىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت پەن – تېخنىكا ئىدارسى
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئارقا سەپ بۆلۈمى سەھىيە بۆلۈمى
شىنجاڭ ئىشچى – دېھقان-ئەسكەرلەر باسما زاۋۇتى باستى
كىتابنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى: 400 خىلدىن ئارتۇق ھەرخىل ئۆسۇملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولى ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »