كىتاب ئىسمى: شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى
جەمئىي 50 قىسىم كىتاب
تۈزگۈچى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى… قاتارلىقلار
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: تەخمىنەن 1.5GB
بەت سانى: 50X500
تەمىنلىگۈچى: ئەجداد تورى
قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ئەسەر جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى قاتارلىق ئورۇنلار 1980-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلىغىچە 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ناملىق 50 توملۇق كىتابنىڭ بارلىق قىسىملىرىدۇر. كىتاب سىغىمى چوڭ بولغاچقا ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ياساپ تەمىنلىگەنلەر كەتكۈزۈپ قويغان تېخنىكىلىق خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. خاتالىق بايقىغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويىشىنى سورايمىز. بىز ئىنكاسقا ئاساسەن ئوڭشاپ قويىمىز، رەھمەت.
چۈشۈرۈش ئورنى »
دەرسلىك كىتابلار
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 28-كۈنى
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى
تۈرى: گۈزەل – سەنئەت
يازغۇچى: نىياز كېرىم شەرقىي
نەشرىيات: گۈزەل – سەنئەت نەشرىياتى
ۋاقتى: 1992
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 15m
بەت سانى: 205
تەمىنلىگۈچى:خۇشنۇت
مەزكۇر كىتابنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى خۇشنۇت، نۇرتىكىن، زەينۇرە مەۋلان، ھەنىپە ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار تەييارلىغان، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ كىتاب ئاتاقلىق خەتتات نىياز كېرىم شەرقىينىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر گۈزەل – سەنئەت كەسپلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. كىتابتا ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان تۈز، رۇقئى، تەئلىق، ئەسلىيە، سۇلۇس، كۇفى، شەترەنجى كۇفى، رەيھانى، ئىجازەت، دىۋانى، جەللى، … قاتارلىق قاتارلىق خەت نۇسخىلىرى ھەرپ، بوغۇم، سۆز ۋە جۈملە بويىچە تەپسىلىي ئۆگىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق يېزىش، خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش ماتېرىيالى ۋە ئۈلگە بولالايدۇ. كىتابنىڭ ئاخىرىغا يەنە نىياز كېرىم شەرقىي ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
«ئا» دىن «ي» غىچە جەمئىي 6 كىتاب
تۈزگۈچىلەر: ئابلىز ياقۇپ، غەنىزات غەيۇرانى، زايىت ھېۋېل، ئىسمائىل قادىر، ھەمدۇللا ئابدۇراخمان، ئابلىز ئەمەت، پەرھات نۇر.
نەشرىيات: خەلق نەشرىياتى
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 1990
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: تەخمىنەن 5500 بەت (6 كىتاب)
سىغىمى: 250m
چۈشەندۈرۈش: بۇ 1990 – يىلى تۇنجى قېتىم تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 60 مىڭدىن ئارتۇق تۈپ سۆز، تۇراقلىق سۆز ۋە ياسالما سۆزلەر ئىزاھلانغان. ئەلۋەتتە، 2011 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»گە سېلىشتۇرغاندا بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا پايدىلانغۇچىلارنىڭ پەرققە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 13-كۈنى
كىتاب نامى: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى
يازغۇچى: خەمىت تۆمۈر
باش مۇھەرىر: قاھار پولات
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
ئىككىنچى نەشرى
(1987 – يىلى تۇنجى نەشىر قىلىنغان)
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 93m
بەت سانى: 470
مەزكۇر كىتاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيەسى ھەققىدە يېزىلغان بىر قەدەر مۇكەممەل ئىلمىي ئەسەر بولۇپ، ئانا تىلىغا بولغان چۈشەنچىسىنى پۇختىلىماقچى بولغانلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغانلار، ئۇيغۇر تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنمەكچى بولغان چەتئەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ. مەزكۇر كىتاب يەنە كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بىرھوندا مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىمۇ بار. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ياكى «خەمىت تۆمۈر» دەپ ئىزدەپ تاپالايسىز.
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۈنى
كىتاب ئىسمى: ئېلىپبە
تۈزگۈچى: ئابدۇسالام توختى
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 1983
باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىقلىرى ئۈچۈن دەرسلىك، ئۇيغۇر ئېلىپبەسى
نەشىر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى
ھۆججەت شەكلى: PDF (رەڭلىك ۋە سۈزۈك)
ھۆججەت سىغىمى: 18mb
جەمئى ئىككى خىل نۇسخا (بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرى)
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى
كىتاب ئىسمى: تۈركمەن تىلى
Türkmen Dili
كىتاب تىلى: تۈركمەنچە
ھۆججەت شەكلى: PDF
ھۆججەت سىغىمى: 2.7mb
بەت سانى: 215
چۈشۈرۈش ئورنى »
2012-يىلى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى
كىتاب ئىسمى: تۈركمەن تىلى
Türkmen Dili
كىتاب تىلى: تۈركمەنچە
ھۆججەت شەكلى: PDF
ھۆججەت سىغىمى: 2.5mb
بەت سانى: 133
چۈشۈرۈش ئورنى »
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 04-كۈنى
كىتاب ئىسمى: ئېلىپبە
تۈزگۈچى: ماھىبەدەر مەھمۇت، ئايشەم پەيزۇللا
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 2007
نەشىر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى
Uyghur Elipbesi 2007
Mahibeder Mahmut Ayshem Peyzulla Uyghur
چۈشۈرۈش ئورنى1 (ئامېرىكا)
چۈشۈرۈش ئورنى2 (جۇڭگو) 24 سائەتتىن كېيىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ
چۈشۈرۈش ئورنى3 (ئىتالىيە)