ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئېغىز كېسەللىكى >> قىزىلئۆڭگەچتىكى يات نەرسىلەر

قىزىلئۆڭگەچتىكى يات نەرسىلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-03 11:06:40    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  قىزىلئۆڭگەچكە ھەرخىل يات جىسىملار — تاماقنىڭ تۇرۇپ قېلىشى، زۇلۇك قۇرتى چاپلىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا دەرھال چارە قىلىنمىسا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يۇتۇش قىيىنلىشىش، روھىي جەھەتتە بىئارام بولۇش، قورقۇش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ھەتتا بەزى يات ماددىلار گالدىن ئۆتۈپ كېتىش بىلەنمۇ روھىي جەھەتتىن يۈك بولۇپ قالىدۇ.   داۋاسى:  تۆمۈر جىنسلىق نەرسىلەر )يىڭنە، مىخ قاتارلىق( نى يۇتۇپ تاشلىغاندا، ماگنىت تېشىدىن ئۈچ گرامنى يۇمشاق سوقۇپ, بىر قوشۇق نىشاستە بىلەن يېگۈزۈلىدۇ )ئاچ قورساقتا(، يېرىم سائەتتىن كېيىن 16 گرام سانا، يەتتە گرام قىزىلگۈل، بىنەپشە، ئون گرام سەرپىستاننى بىر پىيالە سۇ بىلەن قاينىتىپ، 50 گرام تەرەنجىبىن قوشۇپ سۈزۈپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئۈستىدىن قەنت چاي رەيھان ئۇرۇقى بىلەن بېرىلىدۇ. گۆش، نان پارچىسى، سۆڭەك قاتارلىقلار تۇرۇپ قالغاندا دەرھال ئىككى تاغاق ئوتتۇرىسىغا مۇشت بىلەن بىر قانچە قېتىم بوشراق ئۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن چاچراپ چىقىپ كېتىدۇ ياكى تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ بىلەن نەتىجىسى بولمىسا قەي قىلدۇرۇش كېرەك )گالغا توخۇ پېيى ياكى بارماقنى سېلىپ قەي قىلىنىدۇ(، شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ھەل بولمىسا، كېسەلنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ قاراش كېرەك. ئەگەر كۆرگىلى بولمىسا ئۇزۇن قىسقۇچ بىلەن ئېلىشقا چارە قىلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى دەرھال دوختۇرخانىلارغا يوللاپ تېز قۇتقۇزۇش كېرەك. زۇلۇك قۇرتى يۇتقۇنچاق، كاناي ۋە بۇرۇن يوللىرىغا چاپلىشىۋېلىپ كىشىلەرگە چوڭ ئازاب كەلتۈرىدۇ. دائىم كۆڭلى ئاينىش، غەم بېسىش  ۋە بەزىدە قان قۇسۇش ياكى قانلىق سۇ كېلىشلەر بولىدۇ. كانايغا چاپلىشىۋالسا توختىماستىن يۆتەلدۈرىدۇ. مۇنداق ھاللاردا ئەگەر زۇلۇك كۆرۈنۈپ تۇرسا، قالايمىقان تارتىپ ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئازراق ئېرىق لېيىنى لاتىغا ئوراپ كېسەلنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ قويۇلسا، زۇلۇك قۇرتى لايغا قاراپ مېڭىپ چىقىدۇ ۋە لايغا چاپلىشىۋالىدۇ. لاينى ئالغاندا زۇلۇكمۇ بىللە چىقىپ كېتىدۇ ياكى كېسەلنى ئىسسىق مۇنچىغا ئەكىرىپ، بىردەمدىن كېيىن ئېغىزىغا مۇز سالسا زۇلۇك ئاجراپ چىقىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

قىزىلئۆڭگەچ ۋە يۇت...
قىزىلئۆڭگەچتىكى يا...
گال ئاغرىقىنى داۋا...
بوغما كېسەللىگىنى ...
چىش مىلىكلىرى قانا...
چىش مىدىرلاپ قېلىش...
چىش رەڭگىنىڭ ئۆزگى...
قۇرت يېگەن چىش
چىش قاماپ قېلىش
چىش ئاغرىقى كېسەلل...
كالپۇكنىڭ ئاقىرىپ ...
ئېغىز يەل يارىسى...
ئېغىز پىشلاق بولۇپ ...
تىل يارىسى
تىل قۇرغاقلىق
تىل يېرىلىپ كېتىش
تىل ئاستى ئۆسمىسى...
تىل چوڭىيىپ قېلىش
كېكەچلىك
تەم تېتىشنىڭ بۇزۇل...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

قىزىلئۆڭگەچ ۋە يۇتقۇنچا...
قىزىلئۆڭگەچتىكى يات نەر...
گال ئاغرىقىنى داۋالاش
بوغما كېسەللىگىنى داۋال...
چىش مىلىكلىرى قاناش
چىش مىدىرلاپ قېلىش
چىش رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى...
قۇرت يېگەن چىش
چىش قاماپ قېلىش
چىش ئاغرىقى كېسەللىگىنى...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316