چىش رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-27 12:28:58 كۆرۈلۈش سانى : 0
چىشلاردا قارا، كۆك، سېرىق داغلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بۇزۇق ماددىلارنىڭ چىش جەۋھىرىگە ئۆتۈشىدىندۇر. قايسى ماددىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ رەڭگى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ماددا قويۇق بولسا ئۆزگىرىش ئاستا بولىدۇ. سۇيۇق بولسا تېز بولىدۇ.
داۋاسى: ئالدى بىلەن بەدەن ۋە مېڭىدىكى كېرەكسىز خىلىتلارنى تازىلاش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەببى ئايارەج )تەركىبى: ئايارەج پەيقىرا، تۇربۇت، غارىقۇن 33 گرامدىن، كابىل ھېلىلىسى، سېرىق ھېلىلە، رۇم بەدىيان 12 گرامدىن، ھىندى تۇزى )نەمەكى ھىندى(، سوقمۇنىيا ھەرقايسىسى يەتتە گرامدىن، بادام يېغى بەش گرام، بەدىيان ئەرقىدىن 02 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بەدىيان ئەرقى بىلەن ئايارەجنى ئېرىتىپ، ئۈستىگە بادام يېغى ۋە تالقان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، نوقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ( دىن تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، 3 ~ 7 ~ 11 دانىدىن ھەر كۈنى كەچقۇرۇن بىر قېتىم قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ( ياكى ھەببى قوقىيا )تەركىبى: سەبرە، ئەپسەنتىن، مەستىكى ۋە غارىقۇندىن تەڭ مىقداردا، شەھمەنزەل، سوقمۇنىيادىن يېرىم ھەسسە ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە ئۇرۇقىنىڭ سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ >غارىقۇننى سوقماي، سىم ئەلگەككە سۈرۈپ ئۆتكۈزۈش كېرەك<( ئون گرامدىن ھەر كۈنىگە بىر قېتىم كەچتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر رەڭگى سېرىق بولسا، ئىتئۈزۈمى سۈيى بىلەن سىركىنى ئارىلاشتۇرۇپ چىشقا سۈركەپ، ئېغىزنى چايقاش لازىم. قارا رەڭدە بولسا بىخ كەبىر، ئەپسەنتىن، سېرىق ئوت، مەستىكى، ئۇشنەلەرنى لازىم مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چىشقا قويۇلىدۇ ھەم تاتلىق مېۋىلەرنىڭ ياغىچىدىن مىسۋاك ياساپ )ياغاچنىڭ ئۇچىنى سوقۇپ چوتكىغا ئوخشاش قىلىپ( چىشنى يۇيۇپ تۇرۇش لازىم.
|
|