قۇرت يېگەن چىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-26 10:54:29 كۆرۈلۈش سانى : 0
ئادەتتە كىشىلەر بۇ كېسەلنى چىشنىڭ قۇرتلاپ كېتىشى دەپ ئاتايدۇ.
سەۋەبى: بۇزۇق ماددىلار سەۋەبىدىن چىشنىڭ چىرىشىدىن ئىبارەت.
داۋاسى: ئاغرىش بولمىغاندا ئالدى بىلەن مېڭىنى ئارتۇقچە ماددىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن ھەببى قوقىيا بېرىلىدۇ. چىش كاۋاكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چىشنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسۇت، نارجىل، سەئدى ھىندى، موزا، ئاقىر قەرھالارنى قايناتقان سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاش لازىم ۋە ھەببۇلئاس، ئانارگۈلى، زەمچىلەرنى لازىم مىقداردا ئېلىپ، بىرئاز سۇ بىلەن پىشۇرۇپ، چىشنىڭ كاۋاك يېرىگە قويۇلىدۇ. ئەگەر ئاغرىش بولسا، چىش ئاغرىقىدا كۆرسىتىلگەن چارىلار قىلىنىدۇ.
|
|