گال ئاغرىقىنى داۋالاش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-01 10:13:52 كۆرۈلۈش سانى : 0
ئالامەتلىرى جەھەتتىن بوغمىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما بوغۇلۇش، ساختا پەردە بولمايدۇ. ئايرىم كىشىلەردە ئۆتكۈر قىزىتما بولماسلىقى مۇمكىن. سەۋەبچى ماددىلارغا قاراپ ياللۇغلىنىپ ئىششىغان جاينىڭ رەڭگى ھەرخىل ۋە ئاغرىشىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بولىدۇ. ئاغرىش بىر نەرسە يېگەندە، ھەتتا تۈكۈرۈكىنى يۇتقاندا روشەن بىلىنىدۇ. گال قۇرۇق، تەشنالىق كۆپ بولىدۇ. ئېغىر ھاللاردا ئىششىق روشەن كۆرۈنۈپ، ئاغرىش قاتتىق بولىدۇ.
داۋاسى: بوغمىدىكى چارىلار ئاساس قىلىنىدۇ. تەشنالىق ۋە گالنىڭ قۇرۇشى ئېغىر بولغاندا تەمرى ھىندى، تەرەنجىبىن ھەرقايسىسىدىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ، تەمىنى ئوبدان چىقىرىپ، ماتا بىلەن سۈزۈپ بىراقلا ئىچىشكە بېرىلىدۇ ياكى مەتبۇخى خىيارشەنبەر )چىلان 20 دانە، سەرپىستان 30 دانە، ئۇرۇقى ئېلىنغان ئۈزۈم 33 گرام، بىنەپشە 13 گرام، ئەنجۈر قېقى ئون دانە، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، پىرسياۋشان ھەرقايسىسى 17 گرامدىن، خىيارشەنبەر ئىچىدىكى گۆش قىسمى 23 گرام، تەرەنجىبىندىن 33 گرامدىن ئېلىپ، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىندىن باشقىلىرىنى چالا سوقۇپ، 750 گرام سۇ بىلەن قاينىتىپ، 250 گرام قالغاندا قازاننى چۈشۈرۈپ، ئۈستىگە تەرەنجىبىن بىلەن خىيارشەنبەرنى سېلىپ تازا ئارىلاشتۇرۇپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ( دىن كۈنىگە 33 ~ 99 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.بەلغەم ماددىسىنىڭ كۆپلۈكى كۆرۈلسە، بەلغەمنى سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەببى قوقىيا )تەركىبى: سەبرە، ئەپسەنتىن، مەستىكى ۋە غارىقۇندىن تەڭ مىقداردا، شەھمەنزەل، سوقمۇنىيادىن يېرىم ھەسسىدىن ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە ئۇرۇقىنىڭ سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. >غارىقۇننى سوقماي، سىم ئەلگەككە سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش كېرەك<( يەتتە دىن گرامدىن كۈنىگە بىر قېتىم كەچتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئېغىزنى چايقاش ئۈچۈن بوغمىدىكى دورىلار بېرىلىدۇ.
|
|