نامازشام قارىغۇسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-26 12:03:59 كۆرۈلۈش سانى : 0
كۆزنىڭ كۈندۈزى ياخشى كۆرۈپ، ئاخشىمى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىشى كەچقۇرۇندا كۆرمەسلىك )ئەشا، شەبكۇرى( دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى: كۆزدىكى سۇيۇقلۇقلار )رۇتۇبەتلەر( نىڭ بىرىنىڭ قويۇقلىشىپ قېلىشى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى ماددىنىڭ غەلىزلىكى، ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەب بولىدۇ.
داۋاسى: قان كۆپ بولسا قىيپالدىن قان ئېلىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە ماددىلارنى سۈرگۈچى دورىلارنى بېرىش كېرەك. كۆزگە تامغۇزۇش ئۈچۈن سۈزۈلگەن ھەسەلگە بەدىيان سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ ياكى ئۆچكە جىگىرىگە پىلپىلنى سوقۇپ سېپىپ، كاۋاپ قىلىنىدۇ. جىگەردىن ئېقىپ چىققان سۇنى ئېلىپ قويۇپ كۆزگە تامغۇزۇلىدۇ. |
|