ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> كۆز كېسەللىكى >> كۆز ئىچىدىكى قىزىل چېكىت (تۇرفە)

كۆز ئىچىدىكى قىزىل چېكىت (تۇرفە)

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-09 09:54:45    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
كۆزنىڭ ئېقىدا قىزىل ياكى كۆكۈچ رەڭلىك چېكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تۇرفە دەپ ئاتىلىدۇ.   سەۋەبى:  كۆزنىڭ زەخىملىنىشى، شامال، توپا - چاڭلارنىڭ كۆزگە قاتتىق تېگىشى ياكى كۈچ بىلەن قەي قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ.   داۋاسى:  قىيپال تومۇردىن قان ئېلىش بىلەن كۆزگە ئايال كىشىنىڭ سۈتىنى تامغۇزۇش كېرەك. تۇخۇم ئېقىنى كۆزگە چېپىش ۋە كەپتەر ياكى ئۆردەكنىڭ قانىتىنى يۇلۇپ، قانات ئۇچىدىكى قاننى كۆزگە تېمىتىش كېرەك. شيافى ئەھمەر )تەركىبى: شادىنەج ۋە يۇيۇلغان ئەدەس 33 گرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن مىس 62 گرام، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى ۋە ساپ مۇرمەككى يەتتە گرامدىن، بىخ مارجان، كەھرىۋا، تېشىلمىگەن مەرۋايىت ۋە سازەج ھىندى 13 گرام، خۇنسىياۋشان ۋە زەپەردىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ،  يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇم ئېقى ياكى بىرەر لوئاب بىلەن خېمىر قىلىپ، جىگدە ئۇرۇقى چوڭلۇقىدا شامچە تەييارلاپ، كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم كۆز ئىچىگە سۈركىلىدۇ. بەدەننى تازىلاش ئۈچۈن مەتبۇخى ھېلىلە )تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 33 گرام، تەمرى ھىندى 66 گرام، ئەينۇلا 30 دانە، سەرپىستان، بىنەپشە، كىچىك سېرىق يۆگەي ئۇرۇقى ۋە كاسىنە ئۇرۇقى 16 گرامدىن، پۇنۇس 82 گرام، تەرەنجىبىندىن 66 گرامدىن ئېلىپ، پۇنۇس ۋە تەرەنجىبىندىن باشقىلارنى چالا سوقۇپ )ئەينۇلا پارچىلاپ قويۇلسا بولىدۇ(، دورىلار چوككۈدەك سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى يېرىمى قالغۇچە قاينىتىلىدۇ. قازاننى ئېلىپ ئۈستىگە تەرەنجىبىن بىلەن پۇنۇس سېلىپ تازا ئارىلاشتۇرۇپ، ماتادىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ( دىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 132 ~ 66 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

كۆزگە سۇ چۈشۈش
نامازشام قارىغۇسى...
كۆزگە يات نەرسىلەر ...
كۆز ئېقى قىچىشىش
كۆز ئىچىدىكى قىزىل ...
كۆزگە ئاق چۈشۈش
كۆز ئالدىدا پاشا ئۇ...
كۆز ياشاڭغىراش
كۆز ئېقىنىڭ يەللىك ...
كۆزگە قاناتسىمان گ...
كۆرۈش زەئىپلىكى
كۆز قارىچۇقى ياللۇ...
كىرپىك ئاقىرىپ كېت...
كىرپىك تۆكۈلۈش
ياش خالتا يىرىڭلىق ...
قاپاق قىرلىرىغا سۆ...
قاپاقتىكى ئۈجمىسىم...
كۆز ۋە قاپاق قىرلىر...
كۆز قۇم تىقىلغاندە...
كۆز قوتۇرى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

كۆزگە سۇ چۈشۈش
نامازشام قارىغۇسى
كۆزگە يات نەرسىلەر كىرى...
كۆز ئېقى قىچىشىش
كۆز ئىچىدىكى قىزىل چېكى...
كۆزگە ئاق چۈشۈش
كۆز ئالدىدا پاشا ئۇچقان...
كۆز ياشاڭغىراش
كۆز ئېقىنىڭ يەللىك ئىشش...
كۆزگە قاناتسىمان گۆش ئۈ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316