كۆزگە يات نەرسىلەر كىرىپ كېتىش
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-13 10:40:23 كۆرۈلۈش سانى : 0
كۆز ئىچىگە پاشا، كۇمۇتىغا ئوخشاش جاندارلارنىڭ ياكى باشقا جانلىق نەرسىلەرنىڭ كىرىپ كېتىشى قەزى دەپ ئاتىلىدۇ.
كۆزگە كىرگەن نەرسە مەيلى قانداق نەرسە بولسۇن ھەرگىز كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك. ئەگەر بىرەر زەھەرلىك ياكى قاتتىق نەرسە كىرىپ كەتكەن بولسا، كۆزنى قالايمىقان ئۇۋۇلاش قارىغۇلۇققا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، چىقىرىش تەدبىرى شۇكى: كۆزگە بىر نەرسە كىرىپ كەتكەن ھامان كۆزنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش، بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ سۈتىنى كۆزگە تامغۇزۇش لازىم. ئەگەر كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بولسا، پاختا بىلەن ئېلىۋېتىش كېرەك. بۇ خىل چارىلار نەتىجە بەرمىسە، كۆز ئىچىگە توشقۇزۇپ نىشاستە قۇيۇپ، بىردەمدىن كېيىن ئىسسىق سۇ بىلەن كۆزنى چايقاش كېرەك. كۆز ئىچى زەخىملەنگەن بولسا، كۆز جاراھەتلىرى قاتارىدا چارە قىلىش لازىم. قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىگە تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تامغۇزۇش كېرەك. |
|