بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ۋىلايەتلىرىمىز >> قەشقەر ۋىلايىتى

قەشقەر ۋىلايىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-05 13:25:09    كۆرۈلۈش سانى : 241  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى، غەربىي شىمال تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، ئافغانىستان، كەشىمر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى  888 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى  141 مىڭ  600 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر شەھەر،  11  ناھىيە (يەنى قەشقەر شەھىرى، قەقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، يۇپۇرغا ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇ بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ شتابى ۋە  21 - تۇەن - مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي - قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1473 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  3 مىليون  82 مىڭ  400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار  89.7% نى، خەنزۇلار  8.82% نى، باشقا مىللەتلەر  1.47% نى تەشكىل قىلىدۇ.   قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى، پۇلى، يەكەن، زىفې، شىيې دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  25 - يىلى ( 1760 - يىلى) قەشقەرگە مەسلىھەتچى ئامبال قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  8  - يىلى (1882 - يىلى) قەشقەر لەشكىرىي ئىشلار دوتىيى قويۇلغان. مىنگو دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 - (قەشقەر)،  10 - (يەكەن) مەمۇرىي رايۇن قۇرۇلغان. مىنگو  32 - يىلى ( 1943 ) مەمۇرىي رايون مەمۇرىي مۇپەتتىش ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر ۋە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان. 1955 - يىلى قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاتۇش ناھىيىسى بىلەن ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن باشقا ناھىيە، شەھەر بىۋاسىتە جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان.  1956 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى بىلەن يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.  1979 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.   يەر تۈزۈلۈشى: غەربتىن شەرققە قىيپاش، ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. تاغ يېرى  57.1% (دېڭىز يۈزىدىن  8611 مېتىر ئېگىز بولغان قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى چوگىر چوققىسى مەشھۇر تاغ چوققىسىدۇر). تۈزلەڭلىك  23% نى، قۇرم - چۆل  19% نى، سۇ كۆلىمى  0.9% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەت تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىق ئاساسلىق دەرياللار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى  7 مىليارد  230 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  8 مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، ياۋا ئات، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى چۈچۈكبۇيا، كىرەش، تورسۇلداق، قارلەيلىسى، ئالقات، پاقا يوپۇرماق، سېرىق يۆگەي قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىرىدىن ئاساسلىق تۆمۈر، ۋانادىي، فوسفور، بېرىلىي، سىنىك، تىتان، مىس، قوغۇشۇن، كۆمۈر، نېفىت، ئالماس، تاش پاختا، ئاق مەرمەر تاش، گەژ، چىرىمتال، تەبىئىي گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار.   قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃ - 11.7℃. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  42.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 39.1℃. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى  2750  - 3000 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى تۈزلەڭلىك رايونلاردا  4000℃  دىن يۇقىرى بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 210 - 240  كۈن بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 40 - 100 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2100 - 2700  مىللىمېتىر بولىدۇ.   قەشقەر ۋىلايىتىدە يېزا ئىگىلىك بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 393  مىڭ 500 گېكتار ( 5 مىليون  902 مىڭ  500 مو) تېرىلغۇ يەر،  332 مىڭ  500 گېكتار ( 4 مىليون  988 مىڭ مو) ئورمان،  2 مىليون  362 مىڭ  700 گېكتار ( 35 مىليون  440 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  1 مىليون  94 مىڭ  700 گېكتار (16 مىليون  420 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار.  282 مىڭ  700 گېكتار (4 مىليون  240 مىڭ مو) ئورمان بىنا قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىق بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، قىچا، كۈنجۈت، خۇاسېڭ، ماش - پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن ئاساسلىقى قوي، كالا، ئات، ئېشەك، قېچىر، چوشقا قاتارلىقلار بار، ئاساسلىقى پاختا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، كۆن - خۇرۇم، گىلەم، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائىتى بار. نېفىت قېزىشتا ئىستىقبالى پارلاق، ھازىر قاغىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە كۆكيار نېفىتلىكى بار.   بۇ ۋىلايەتنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 -،  315 - لىنىيىسى ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ەشقەر شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. پروگراممىلىق تېلېفون قويدۇرغان ئابونت  28  مىڭ  100 ئائىلىگە يەتتى. كۆچمە تېلېفون، گۇرۇپپا بويىچە سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. قونجىراپ ئېغىزى دۆلىتىمىز پاكىستان ۋە 3 - دۆلەتكە ئېچىۋەتكەن مۇھىم خەلقئارا ئېغىز.   قەشقەر ۋىلايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى قىزىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى. تەۋەسىدە ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئاپئاق غۇجازىرى، (ئىپارخان مازىرىمۇ دېيىلىدۇ)، ھېيتكار جامەسى، ئەسكى ھېسار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، <قۇتاتقۇبلىك> نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى، بەنچاۋ شەھىرى خاراببىسى، خانىئۆي قەدىمكى قەلئەسى، <تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى. شېھىتىيار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، توققۇز ساراي قەدىمكى قەلئەسى خارابىسى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قەشقەر ۋىلايىتى
●  خوتەن ۋىلايىتى
●  ئاقسۇ ۋىلايىتى
●  قۇمۇل ۋىلايىتى
●  تۇرپان ۋىلايىتى
●  ئالتاي ۋىلايىتى
●  تارغاتاي ۋىلايىتى...
●  ئىلى ۋىلايىتى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قەشقەر ۋىلايىتى
●  خوتەن ۋىلايىتى
●  ئاقسۇ ۋىلايىتى
●  قۇمۇل ۋىلايىتى
●  تۇرپان ۋىلايىتى
●  ئالتاي ۋىلايىتى
●  تارغاتاي ۋىلايىتى
●  ئىلى ۋىلايىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى