بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ۋىلايەتلىرىمىز >> تۇرپان ۋىلايىتى

تۇرپان ۋىلايىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-19 17:01:29    كۆرۈلۈش سانى : 176  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
   تۇرپان ۋىلايىتى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان. شەرقى تەرىپى قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ۋە جۇنۇبىي تەرىپى بايىنغۇلىن مووڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 240 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  69 مىڭ  700 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭىغا  1 شەھەر،  2 ناھىيە (يەنى تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، توخسۇن ناھىيىسى) قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق  221 - تۇەن - مەيدانى بار. تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق تۇرپان شەھىرى شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  180 كىلومېتىر كېلىدۇ.  1995  - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 524  مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  71.00% نى، خەنزۇلار  22.32% نى، باشقا مىللەتلەر  6.68% نى تەشكىل قىلىدۇ.   تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئالدى قانقىل قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىدى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدىن جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە بۇ يەردە ئىدىقۇت ۋىلايىتى ۋە ئىدىقۇت دۆلىتى قۇرۇلغان. تاڭ دەۋرىدە قۇجۇ ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. سوڭ، لياۋ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە بۇ يەر ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا تەۋە بولغان، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە قۇجۇ دالالەت بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان ۋە دىخۇا مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  2 - يىلى ( 1913 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۇرپان ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دىخۇر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان.  1958 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتى قۇرۇلغان.   يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بۇ يەردە ھەم قاپساللىق كەتكەن ئويمانلىق، شىمالدا دېڭىز يۈزىدىن  800 مېتىر ئېگىز يالقۇن تاغ بار، جەنۇبىدا دېڭىز يۈزىدىن  154 مېتىر تۆۋەن ئايدىڭ كۆل بار. تاغ يېرى 14% نى، تۈزلەڭلىك  9% نى، چۆللۈك  77%  نى  ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق 9  دەرياسى بار. يەر ئۈستى بايلىقى 584 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  1  مىليارد 111 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا تۆگە، يىلپىز، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك  300 نەچچە خىلى بولۇپ، بۇنىڭ  ئىچىدىكى دورا ئۆسۈملۈكى ئاساسلىقى چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، سۇغىگۈل،قار لەيلىسى قاتارلىقلار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسلىقى نېفىت، ئالتۇن، مىس، قەلەي، قوغۇشۇن، كۆمۈر، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى، لكالاىي سېلىتىرا، ناتردىيلىق سېلىتىرا، كۋارتس قۇم قاتارلىقلار بار.   تۇرپان ۋىلايىتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق رايون ئىقلىمىغا كىرىدۇ، قەدىمدىن <ئوت يۇرت> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  1.9℃ ~ 31.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 47.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  120 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى  3000 ~ 3200 سائەت،  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4000 ~ 5000، قىروسىز مەزگىلى 260 ~ 290 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى  9.6 ~ 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2700 ~ 3700 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول،  30  چاقىرىملىق شامال رايونىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 180.2 كۈن بوران چىقىدۇ.   بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 42 مىڭ  600 گېكتار (639 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  70 مىڭ گېكتار (1 مىليون 50 مىڭ مو) ئورمان، 782  مىڭ  500 گېكتار (11 مىليون  737  مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە  100 مىڭ گېكتار (1  مىليون  500 مىڭ مو) دېھقانچىلىقتا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى كېۋەز، ئۈزۈم، بۇغداي، قوناق، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇلار ئىچىدە ئۈزۈم، قوغۇن، كېۋەز مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇ جاينى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋەئكېسپورت بازىسى قاتارىغا كىرگۈزدى. چارۋىچىلىقتا دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن ئاساسلىقى كالا، قوي، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاساسلىقى تۇز - خىمىيە سانائىتى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا توقۇمچىلىقى، قېزىلما بايلىقلىرىنى قېزىش قاتارلىقلار بار.   تۇرپان ۋىلايىتىنىىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى مۇشۇ يەردە تۇتىشىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ  312 -، 314 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن ئالىي دەرىجىلىك تاشيولى بار. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكىلىق كابىلى بۇ ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 17 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.   تۇرپان قەدىمكى زاماندا <يىپەك يولى>دىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. ئاساسلىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يارغۇل قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى (يەنى ئىمىن مۇنارى) قاتارلىقلار؛ ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن كارىز سەيلىگاھى، يالقۇن تاغ، ئايدىڭكۆل، بۇيلۇق قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قەشقەر ۋىلايىتى
●  خوتەن ۋىلايىتى
●  ئاقسۇ ۋىلايىتى
●  قۇمۇل ۋىلايىتى
●  تۇرپان ۋىلايىتى
●  ئالتاي ۋىلايىتى
●  تارغاتاي ۋىلايىتى...
●  ئىلى ۋىلايىتى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قەشقەر ۋىلايىتى
●  خوتەن ۋىلايىتى
●  ئاقسۇ ۋىلايىتى
●  قۇمۇل ۋىلايىتى
●  تۇرپان ۋىلايىتى
●  ئالتاي ۋىلايىتى
●  تارغاتاي ۋىلايىتى
●  ئىلى ۋىلايىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى