بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ۋىلايەتلىرىمىز >> ئاقسۇ ۋىلايىتى

ئاقسۇ ۋىلايىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-21 20:19:29    كۆرۈلۈش سانى : 191  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  ئاقسۇ ۋىلايىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان، قىرغىزستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن  510 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن  350 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 132 مىڭ  500 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇنىڭغا بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (ئاقسۇ شەھىرى، ئۇنسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى) قارايدۇ. ۋىلايەت تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  1 - شىسىنىڭ شتابى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 17  تۇەن -  مەيدان بار. ۋىلايەت مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1008  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 857  مىڭ 100. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  76.65% نى، خەنزۇلار  22.07% نى، باشقا مىللەتلەر  1.28% نى تەشكىل قىلىدۇ.   ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن، قۇم، ئۇنسۇ، سەپىرباي، دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان، غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەلاۋدىدىن بولغان خان چاغاتاينىڭ سۇيۇغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24 - يىلى (1759 - يىلى) ئاقسۇ خان ئامبىلى قويۇلغان. شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ  4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.   ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي قىسمى تاغلىق رايون (بىرقەدەر داڭلىق چوققىلاردىن تەڭرىتاغنىڭ ئاساسلىق چوققىسى تۆمۈر چوققىسى بار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.29 مېتىر كېلىدۇ). ئوتتۇرا قىسمى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا، جەنۇبىي قىسمى قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە  تاغ يېرى 22.63% نى، تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا  48.72%. قۇملۇق  28.65% نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريالىرىدىن ئاقسۇ دەرياسى، ئۈگەن دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى  6 مىليارد  382 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى مىقدارى  7 مىليارد  885 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىى ياۋا تۆگە، موڭغۇل قۇلىنى، يىلپىز، ئاق تۇرنا، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى شىنجاڭ ئارچىسى، داغال قارىغاي، توغراق، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى ۋە چاكاندا قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۇز، ھاك تاش، گەج، فوسفور، مانگان، تۆمۈر، گرانت تاش، فلوگوپىت، مولىبدېن، ئاليۇمىن، ۋانادىي، ئۇران، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىقلار بار.   ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈزلەڭلىكنىڭ ئىقلىمى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ.) يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃ ~ 9.8℃ (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ  9.1℃ ~ 7.1℃). ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2600 ~ 3000  سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4400℃ ~ 3300℃. قىروسىز مەزگىلى  190 ~ 250 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلارنىڭ  200 ~ 300 مىللىمېتىر. تۈرلەرنىڭ  40 ~ 70 مىللىمېتىر (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ 90 مىللىمېتىر ئەتراپىدا).   ئاقسۇ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن ۋىلايەت. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  326 مىڭ  400  گېكتار (4 مىليون  896 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى  2 مىليون  221 مىڭ گېكتار (33 مىليون  332 مىڭ  500 مو)، ئورمان كۆلىمى  314 مىڭ گېكتار (4  مىليون 710 مىڭ مو). يەنە ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان 1 مىليون  699 مىڭ گېكتار ( 25 مىليون  485  مىڭ مو) قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال پاختا، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە شالنىڭ قەدىمدىن <تارتۇق گۈرۈچى> دېگەن نامى بار، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېشىل يېمەكلىك ىلىپ بېكىتلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چارۋىچىلىقىداقوي، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇككەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ  217 - لىنىيىسى جەنۇبتا كۇچادا ئاخىرلىشىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى ۋە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تۇتاشقان ھەم كېسىشكەن قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلدى. ئاقسۇ، كۇچا بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ.  44000 پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە كۆچمە تېلېفون ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.   ئاقسۇ قەدىمكى <يىپەك يولى>دىكى مۇھىم ئۆتەيول بولۇپ، ۋىلايەت تەۋەسىدە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئورنىدىن  59 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر داڭلىقلىرىدىن قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆيى، كۇسەن قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قەشقەر ۋىلايىتى
●  خوتەن ۋىلايىتى
●  ئاقسۇ ۋىلايىتى
●  قۇمۇل ۋىلايىتى
●  تۇرپان ۋىلايىتى
●  ئالتاي ۋىلايىتى
●  تارغاتاي ۋىلايىتى...
●  ئىلى ۋىلايىتى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قەشقەر ۋىلايىتى
●  خوتەن ۋىلايىتى
●  ئاقسۇ ۋىلايىتى
●  قۇمۇل ۋىلايىتى
●  تۇرپان ۋىلايىتى
●  ئالتاي ۋىلايىتى
●  تارغاتاي ۋىلايىتى
●  ئىلى ۋىلايىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى