بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ۋىلايەتلىرىمىز >> خوتەن ۋىلايىتى

خوتەن ۋىلايىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-22 11:49:09    كۆرۈلۈش سانى : 252  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  خوتەن ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندىستاننىڭ ئەمەللىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن  670  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 247 مىڭ  900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدار بىر شەھەر،. يەتتە ناھىيە (خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە ئشلەپچىقىرىش  -  قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بار. مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان خوتەن شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1520 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون  504 مىڭ  800 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  97.4%  نى، خەنزۇلار 2.66% نى، باشقا مىللەتلەر  0.2% نى تەشكىل قىلىدۇ.   خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گويا، ئۇدۇن، كېرىيە، نىيە، روڭلۇ دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەۋلادىدىن بولغان خانلارنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24  - يىلى (1759 - يىلى) خوتەن ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ  9 - يىلى ( 1983 - يىلى) خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو  9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە تەسىس قىلىنغان. كېيىن 7 - مەمۇرىي رايون دەپ ئۆزگەرتىلگەن.  مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.  1950 - يىلىنىڭ باشلىرىدا خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان.  1959 - يىلى خەنزۇچىدىكى 和 (خوتەن) دېگەن خەت 和田 دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىلگەن.  1979 - يىلى خوتەن ۋىلايىتى قۇرۇلغان.   يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس. بۇ تاغلىق رايون  33.3% نى، چۆل - چەزىرە  63% نى، بوستانلىقلار  3.7% نى ئىگىلەيدۇ.  36 چوڭ - كىچىك دەرياسى، 58 بۇلىقى بار. يەر ئاستى سۇ بايلىقى سەككىز مىليارد  770 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى ئۈچ مىليارد  246 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، تىبەت قۇلۇنى، قوتاز، تىبەت بۆكىنى، ئارقار، ياۋا تۆگە، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، قانتېپەر، قارلەيلىسى، رەۋەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، تانتال، لىتىي، پېرىللىي، سىندىي، نىئوبىي، سىڭىر تاش، ھاك تېشى، قاشتېشى قاتارلىقلار بار.   خوتەن ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.4℃ ~ 12.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  43.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 28.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2400 - 2900 سائەت، 10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300℃ ~ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى  210 ~ 024 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدرى 30 ~ 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2400 ~ 8002 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاقاس قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 30 ~ 25 كۈن.   خوتەن ۋىلايىتى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 157 مىڭ گېكتار (ئىككى مىليون 365 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  263 مىڭ  300 گېكتار (ئۈچ  مىليون  950 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان،  94 مىڭ گېكتار (بىر مىليون  240 مىڭ مو) سۈنئىي ئورما، ئىككى مىليون  492 مىڭ  300 گېكتار ( 37  مىليون 391  مىڭ مو) ئوتلاق، 17 مىڭ  200 گېكتار (258 مىڭ مو) سۈنئىي ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، ياغلىقدان ۋە ھۆل - قۇرۇق مېۋە - چېۋىلەر بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن يېرىم ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق، يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق  - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى خوتەننىڭ ئۈچ گۆھىرى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.   خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  513 - لىنىيىسى تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى؛ ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ،  90% دىن كۆپرەكى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ بولدى. خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر ھەپتىدە قەرەللىك ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردىكى پروگراممىلىق تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوماتىك ئۇچۇر تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە تېلېفون، چاقىرغۇ ئاپپاراتلىرى تەڭلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.   بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن نىيە خارابىسى، ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، مىلىكئاۋات خارابىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قۇملۇق مەنزىرىسى، بىپايان كوئىنلۇن، چەكسىز كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قەشقەر ۋىلايىتى
●  خوتەن ۋىلايىتى
●  ئاقسۇ ۋىلايىتى
●  قۇمۇل ۋىلايىتى
●  تۇرپان ۋىلايىتى
●  ئالتاي ۋىلايىتى
●  تارغاتاي ۋىلايىتى...
●  ئىلى ۋىلايىتى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قەشقەر ۋىلايىتى
●  خوتەن ۋىلايىتى
●  ئاقسۇ ۋىلايىتى
●  قۇمۇل ۋىلايىتى
●  تۇرپان ۋىلايىتى
●  ئالتاي ۋىلايىتى
●  تارغاتاي ۋىلايىتى
●  ئىلى ۋىلايىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى