مەسچىت يۆتكىلىپ قالدىمىكىن، دەپتىمەن
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-19 11:13:55 كۆرۈلۈش سانى : 802
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەپەندىم ئىمامەتچىلىك قىلۋاتقان مەسچىتكە يېپيېڭى گىلەم سېلىنغانىكەن، يىراق - يېقىنغا داڭقى كەتكەن بىر قىمارۋاز ئۆيدىكى پۇل - پۈچەك ۋە مال - مۈلكىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تەپتارتماستىن مەسچىتتىكى گىلەملەرنى ئوغرىلاپ ئۆيىگە سېلىپ قويۇپتۇ. ئەپەندىم بۇ ئىشنى ئۇقۇپ بىر كۈنى ئەتىگەن جامائەتنى باشلاپ ھېلىقى قىمارۋازنىڭ قورۇسىغا بېرىپتۇ. بۇ جامائەتنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەن قىمارۋاز ئەپەندىمدىن:
- ئىمام ئاخۇنۇم، بامدات نامازنى مەسچىتتە ئوقۇماي بۇ يەرگە كىرگەنلىرىگە قارىغاندا، يېڭىلىپ قالدىلىمۇ، نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ.
- يوقسۇ، - دەپتۇ ئەپەندىم قىمارۋازغا چۈشەندۈرۈپ، - تۈنۈگۈن قورۇيىڭىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قورۇيىڭىزغا قارىسام، ساپلا مەسچىتنىڭ گىلەملىرى سېلىقلىق تۇرىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ مەسچىت سىزنىڭ قورۇيىڭىزغا يۆتكىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن.
قىمارۋاز بۇنى ئاڭلاپ ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ. |
|